2010-يىللىق گۇاڭجۇئاپتوموبىل  يەرمەنكىسى باشلانغىلى بىر قانچە كۈن بولدى. مەن مۇشۇ يەرمەنكىنى ئىز قوغلاپ ئىسىل ياكى يېڭى ماشىنىلار بولسا تونۇشتۇرۇش ئويۇم بار ئېدى. ئۇقۇم ماشىنىلىرىمۇ يىللاردىكىدىن كۆپ ئىكەن بۇيىل. ئىشلىرىم ئالدىراش بوپ كېتىپ ھەم  يېڭىياچىلىقتا يېتىشىپ بولالماي قالدىم.

ئات كۈچى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېگە ئەمەس ۋاقىتلىرىمدا پەقەت تاشقى كۆرىنىشىگىلا ئېتىۋار بېرەتتىم. بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچەم چوڭقۇرلىغاندىن بۇيان كوچىدا مۇشۇنداق ماشىنىلارنى كۆرسەم ئىشتىياق بىلەن قاراپ كېتىمەن.

بىر قېتىم شۇنداق بىر پۇرسەت بولۇپ، ماشىنا ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كېچىدە تاغقا مۇسابىقىلەشكىلى چىقىپ قالدۇق، ئۇ كۈنى مەن ئەترەتتىكى يېقىنراق ئۆتىدىغان بىرىنىڭ ماشىنىسى بىلەن بارغان ئېدىم. ئۇنىڭ ماشىنىسى سۇبارۇنىڭ 9-ئەۋلات STI بولۇپ 2.5T لىك ماتورىنىڭ ئات كۈچى 300،  قوزغىلىش شەكلى AWD لىق  4 چاق تەڭ قوزغىلىدىغان، سۇبارۇ ۋېرتىكال بوكسىر ماتور ئىدى. كاساپەت قوزغالغاندىكى بەدەننى كەينىگە چاپلىشى ھېلىھەم ئېسىمدە. ئايرۇپىلاندىمۇ ئۇنداق ئىندىكىپ كەتمىگەنتىم. شۇندىن بۇيان مۇشۇنداق كۈچتۈڭگۈر ماشىنىلارنى كۆرسەم تەپسىلي قاراپ كېتىمەن. ماۋۇمۇ ئاشۇ سۇبارۇنىڭ «نەۋرە ئاكىسى» بولغان لېكساسنىڭ «قوتاز ماتور» ماشىنىلىرىنىڭ بىرى.

لېكساسنىڭ IS-F تىپىدىكى بۇ ماشىنا – يۇقىرى ئىقتىدارلىق سپورت ماشىنىسىغا تەۋە  بولۇپ، ئاساسلىق رىقابەت ئوبىكتى – BMW M3 ، بېنز C63 AMG دىن ئىبارەت. ھەممىسى 1 مىليون يۈەن ئەتراپىدىكى يۇقىرى سەپلىمىلىك سپورت پاسونىدىكى ماشىنىلار. IS-F نىڭ  تەخمىنەن سېتىلىش باھاسى 900 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگىچە. مۆلچەر بويىچە  بازارغا سېلىنىش ۋاقتى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا بولىشى مۇمكىن.  بۇ ماشىنا رىقابەتچىلىرى بولغان BMW M3 ۋە بېنز C63 AMG غا ئوخشاش، كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئوتتۇرا يۇقىرى قاتلامدىكى ماشىنىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ لايىھەلىگەن ماشىنا بولۇپ، سىرتقى كۆرىنىشى، تەگلىك ۋە ماتور قىسمىغا ئالاھىدە ئىشلەنگەن سپورت يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، يۇقىرى ئات كۈچى، كۈچلۈك بولغان تولغىنىش مومېنتى ۋە تىز سۈرئەتكە چىدامچان تەگلىك سېستىمىسىنى سەپلىگەن.

ئىلگىرى نىيۇبۇرگرىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سىناقلاردا، كۈچتۈڭگۈر ماتور قۇۋۋىتى،  ئىنچىكىلىكى يۇقىرى بولغان كونتروللىقى بىلەن مۇكەممەل بىرلىشىپ، يۇقىرى قاتلامدىكى سپورت ماشىنىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە نامايەن قىلغان ئىدى.

ياماخا F1 ماتور گوروپپىسى مەخسۇس  بۇ ئىسىل سپورت ماشىنىغا ئاتاپ ياسىغان 5.0 لىك V8 ماتورغا ماگنىي ۋە ئاليۇمىن قېتىشمىسى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئېغىرلىقى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىلگەن.

ماتورنىڭ مىنۇتىغا 6600 نى ئايلانغاندىكى قۇۋۋىتى 310 كېلوۋات (415 ئات كۈچى) ، 5200 نى ئايلانغاندا 503 نىيۇتۇن.مېتىرلىق تارتىش كۈچى بېرەلەيدۇ. 0-100 كېلومېتىرلىق سۈرەتكە چىقىش ئۈچۈن پەقەت 4.8 سېكونتلا كېتىدۇ. ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 270 كېلومىتىر\سائەت.

1.5 توننا كېلىدىغان مۇشۇ كىچىككىنە ماشىنىنى  415 «نەپەر» ئات تارتسا قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ئات كۈچىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى تەخمىنى ھالدا تەسەۋۋۇر قىلالىغان بولىمىز. 1 ئات ھەرقانچە تىز چاپسا 50 كېلومېتىر ياكى 60~70 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە چاپىدۇ، لېكىن بۇنچىۋالا ئاتنى بىللە چېتىپ سۆرەتسەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاستىراق سۆرىشى مۇمكىن. لېكىن، ماتورغا ئۇلانغان كورۇپكا ئىچىدىكى شېستىرىنلارنىڭ كۈچنى ھەرخىل ئۆزگەرتىشى بىلەن ئات كۈچىنى، ئېھتىياجىمىز بويىچە يۇقىرى سۈرئەتكە (مەسىلەن ئۈستىدىكى ماۋۇ لېكساس ۋە ئۆيىمىزدىكى ماشىنىمىز) ياكى يۇقىرى تارتىش كۈچى (مەسىلەن، تراكتور، چوڭ يۈك ماشىنىلىرى) گە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

بىز ھەممىمىز بىلىدىغان «ئەرشىبا» تراكتور ئاران 28 ئات كۈچى ئىدى. لېكىن ئاشۇنچىۋالا ئېغىر ئەمگەككە يارايدۇ. 90 ئات كۈچى بار سانتانا بولسا ئۇنىڭ تارتىپ ماڭغان نەرسىسىنىڭ يېرىمىنىمۇ مىدىرلىتالماسلىقى مۇمكىن. مانا بۇ ئۈستىدىكى ئاۋۇ جۇملە سۆزنىڭ ئەمەلىي مىسالىدۇر.

* باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. يازما ئادرىسى:

/20101225367.html

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش