ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات - تولغىنىش مومېنتى

«ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھ» تېمىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىلگىرىكى يازمىلاردا «ئات كۈچى» ۋە «چىقىرىش مىقدارى» توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن. بۈگۈن ئىزاھلاپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىز، ماشىنىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى بولغان ئاتالغۇ – تولغىنىش مومېنتى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ماشىنىغا قىزىقىش دولقۇنى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ. لېكىن كەسپىي، تېگىدىن جانلىق تونۇشتۇرالايدىغان، بارلىق ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى تېگى مەناسىدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا تونۇشتۇرۇپ چىققۇدەك، قىسقىسى – چاڭقىغان جايغا بارغۇدەك بىرەر تور بەت ياكى ئورگان يوق. مۇشۇ سەۋەبلىك بەزىبىر ماشىنا ئاتالغۇلىرىنى قانداق ئاتاش توغرىسىدا مەندە بىر ئاز سىقىنتىلىق مەۋجۇد.

ماشىنا چۈشەندۈرىدىغان بىر قانچە تور بەتلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. گەپنىڭ جىڭىنى قىلسام، ئىككى تۆت تال رەسىم چىقىرىپ قويۇپ، PV ياكى IP دىن پايدىلىنىپ ئېلاندىن پۇل تاپىدىغان ئاقماس تور بەتتىن باشقىسى ئەمەسكەن. گەپنى ئاچچىق قىلدىم. لېكىن راستىنى ئېيتتىم. بىكەت ئېگىسى كۆرگەن بولسا زادى شۇنداقمۇ يوق، ئۆزىدىن بىر سوراپ باقسا بولىدۇ.

چاڭقىغان جايغا بارىدىغان، ۋايىغا يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرىدىغان، تېخنىكىلىق پارامېتىرلارنى بىر بىرلەپ يېشىپ بېرەلەيدىغان، كۆرۈرمەنلەرگە ھەقىقىي ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان بىرەر ئۇيغۇرچە تور بەت يوق بولغانلىقتىن، بولسىمۇ مەن دېگەن نەرسىلەرنى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن ماشىنىغا ئائىت بىرەر ئۇچۇرغا ئېگە بولۇش ئۈچۈن ئەڭ دەسلىۋېدىلا سىنا ياكى 汽车之家 غا مۇراجىئەت قىلىۋاتىمەن.

يازمىنىڭ بېشىدا تېمىغا ھەم مۇناسىۋەتلىك، ھەم مۇناسىۋەتسىز سۆزلەر ئېيتىلىپمۇ قالدى. لېكىن بۇ ھازىرقى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى بىر بوشلۇق ھېسابلىنىدىغان، مەخسۇس گورۇپپا قۇرۇپ جانلىق ئېلىپ بارسا ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان، ھەم خەلققە نەپ بېرەلەيدىغان بىر ئىش. مۇشۇنداق ئويى بار قېرىنداشلىرىمىز يەنىمۇ تەپسىلىي ئويلىنىپ قويسا بولىدۇ. قوللايمەن.

خوش، ئەمدى يازمىنىڭ پوسكاللىسىغا كېلەيلى. ئاۋال بۇ فىزىكىلىق ئاتالغۇغا ئىزاھ بېرىۋېتەيلى.

ئۇقۇم

تولغىنىش مومېنتى ( خەنچە Niu Ju  扭矩 ، ئېنگلىزچە Torsional Moment ياكى Torque ) بولسا فىزىكا ئېلمىدىكى كۈچ مومېنتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ. ئۇ شەيئىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچنى كۆرسىتىدۇ. ماتورنىڭ كۈچ مومېنتى بولسا ئەگرى ئوقتىن كەلگەن كۈچ مومېنتىنى كۆرسىتىدۇ. ئاتالغۇنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، بۇ يەردىكى مومېنت (كۈچ) تولغىنىش كۈچى. يەنى، ماتوردىن ئوق ئارقىلىق ئۇزىتىلغان كۈچنىڭ قانچىلىك كۈچ مىقدارىدا تولغىنىپ چاقنى ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر بىرلىك ھېسابلىنىدۇ.

قۇۋۋەت مۇقىم بولغاندا تولغىنىش مومېنتى بىلەن ماتورنىڭ ئايلىنىشى تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ماتور ئايلىنىشى بۇ چاغدا قانچە تىز بولسا، تولغىنىش مومېنتى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا چوڭ بولىدۇ. بۇ پەقەت سېلىشتۇرما خالاس. چۈنكى ماتورنىڭ ئايلىنىشى بولسا قۇۋۋەتكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. تولغىنىش مومېنتى ماشىنىنىڭ بەلگىلىك دائىرىدىكى يۈك ئارتىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاتالغۇ.

خەلقئارا بىرلىكى

تولغىنىش مومېنتى كۈچ ۋە كۈچ يەلكىسىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ. خەلقئارا بىرلىكى نىيۇتون.مېتىر N.m .ئۇنىڭدىن باشقا قاداق.فۇت lb-ft  ۋە كېلوگرام مېتىر kgm قاتارلىق بىرلىكلىرىمۇ بار. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ مەنىسىمۇ ئوخشاش. G=mg بولسا، g=9.8 دېسەك 1kg=9.8N بولىدۇ. دېمەك 1kgm=9.8Nm دېگەن گەپ.

چىگىش نوقتىنى يېشىش

يۇقىرىدا ئېيتقاندەك تولغىنىش مومېنتىنىڭ بىرلىكى نىيۇتون . مېتىر ياكى كېلوگرام مېتىر. يەنى 1 كېلوگرام كېلىدىغان نەرسىنى مۇشۇ كۈچ بىلەن 1 مېتىر ئارىلىققا ئىتتىرەلەيدۇ دېگەن مەنىدە ئىكەن. ئۇنداق بولسا بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىتىدىغان 1300 كېلوگرام كېلىدىغان ماشىنىلارنىڭ كۈچ مومېنتى ئەڭ ئەڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 1500 نيۇتون مېتىردىن ئارتۇق بولغاندا ئاندىن نورمال سۈرئەتتە ماڭالايدۇ دېگەن گەپ بولىدۇ. شۇنداقمۇ؟ مىسال ئېلىپ كۆرەيلى:

8-ئەۋلات خوندا Civic 1.8 نىڭ 4300 قېتىم ئايلىنىش سۈرئىتىدىكى تولغىنىش مومېنتى ئاران 173.5 Nm . ماشىنىنىڭ ئومومى ماسسىسى 1 توننىدىن ئارتۇق تۇرسا تولغىنىش كۈچى ئاران 173.5 Nm بولغان ماتور قانداق قىلىپ شۇنچە ئېغىر ماشىنىنى قوزغىتالايدىغاندۇ؟ بۇ سۇئال جايىدا سورالدى. بۇ مونۇ سەۋەبتىن :

ماشىنىنىڭ بىز بىلىدىغان <<خوت>> ئورۇنلاشتۇرۇلغان <<كورۇپكا>> قىسمى بولىدۇ. شۇنداققۇ؟ مۇشۇ كۈچكە ئېگە ماتورنى مۇشۇ كورۇپكا ئاشۇنداق گېگانت كۈچ قىلىپ ئۇزىتىش ۋەزىپىسىنى بېجىرىدۇ. ئۇنىڭ خەنزۇچىسى 变速箱 . بەلكىم بۇنىڭ مەنىسىدىن بىلگەنسىلەر. بۇ سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى دېگەن مەنىدە. بۇ خىزمەت كورۇپكىنىڭ ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماتورنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشىنى بىر قاتار چىشلىق چاقلار ئارقىلىق نەچچە ھەسسە كۈچلۈك قۇۋۋەتكە ئېگە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.  خۇددى غالتەكنى نەچچە رەت يۇقىرى-تۆۋەن تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قىزچاق نەچچە يۈز كېلوگرام كېلىدىغان كالىنى كۈچىمەيلا كۆتىرىۋەتكەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا 170 كېلوگرام كۈچكە ئېگە ماتور 1700 كېلوگرام كېلىدىغان ماشىنىنى 200 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە چاپتۇرالايدۇ.

ئەركەكلەر بىلىشكە تېگىشلىك «تېخنىكا»

يۇقارقى مەزمۇنلار مېنىڭ بۇرۇنقى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يوللىغان تېمامدىن تولۇقلىنىپ ئېلىندى. مەن شۇ يازمىدا ئېيتمىغان يەنە بىر سىرنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ماشىنىغا ئامراق يىگىتلەر بىلىشكە تېگىشىلىك كىچىككىنە تېخنىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. كۇلۇب زىيارەتچىلىرىگە ئىچىمىزدە بارنى تۆكۈۋاتىمىزغۇ ئىشقىلىپ… :-D

تولغىنىش مومېنتىنىڭ تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن تېپىپ قارىساڭلار ئۇنىڭ يېزىلىش فورماتى بۇ شەكلىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنىلا ئۈستىدىكى 8-ئەۋلاد Civic نى مىسالغا ئالايلى. شۇنىڭ تولغىنىش مومېنتى دېگەن جايدا 173.5Nm@4300rpm دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى:

«ماتور 4300 قېتىم ئايلانغاندا (rpm دېگەن قېتىم ھەر مېنۇت دېگەن گەپ. يەنى ماتور كۆرسىتىش ستىرىلكىسى 4.3 كە كەلگەندە ماتورنىڭ ھەر مىنۇتتا 4300 نى ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ) ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مومېنت قىممىتى 173.5 نىيۇتون مېتىر بولىدۇ» دېگەن مەنىدە.

مۇشۇ سان-سىفىرنىڭ ئۆزى بولسىلا سىز مۇشۇ ماشىنىنى ئەڭ ئۆلچەملىك ھالدا، ناھايىتى تېزلا چاپتۇرۇپ مېڭىشتىكى ھالقىنى بىلىپ ئالالايسىز. نېمىشقا دەمسىز؟ ھۇشيار بولسىڭىز سەۋەبىنى مەن ئۈستىدىكى ئابزاستا ئېيتىپ بولدۇم.
يەنى، ماتور ئايلىنىپ 4300 گە كەلگەندە ماشىنىنىڭ تارتىش كۈچى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ۋارقىرىتىپ 5~6 مىڭغا چىقىرىۋەتسەكمۇ پايدىسى يوق، ئەكسىچە تارتىش كۈچى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ. 4300 لىك ئايلىنىش سۈرئېتىدە ماتور ئەڭ كۈچلۈك تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز 2-خوتقا تەخمىنەن .5 مىڭ 5 يۈز قېتىم ئايلانغاندا ئاندىن ئالماشتۇرۇڭ، خوت ئالمىشىپلا ماتورنىڭ ئايلىنىشى يەنە 4 مىڭ ئەتراپىغا چۈشىدۇ. بۇ دەل ماتورنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى بېرىدىغان ئايلىنىش سۈرئىتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىدۇ. سىز يەنە 5 مىڭ 5 يۈزگە چىققاندا 3-خوتقا سېلىڭ، بۇ چاغدا 3-خوتقا چۈشۈپ يەنە ماي باسقاندا 4300 ئەتراپىدا ئايلىنىپ مېڭىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىپ ماڭىدۇ. :cool: مانا بۇ چاپتۇرۇپ ئويناشقا ئامراق يىگىتلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان تېخنىكا شۇ. بۇنى راللىي مۇسابىقىسىدە كۆپ ئىشلىتىمىز. لېكىن بۇنى مەن راللىي ئۆگەنگەندە ئەمەس، ئۆزۈم ئىزدىنىپ، ھېس قىلىپ ئۆگىنىۋالغان.

بۈگۈنكى يازمىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك يېرىنى ئۈستىدىكى ئابزاستا دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ ماشىنىغا قىزىقسىڭىز، قىزىققاندىمۇ سىرتقى كۆرىنىشى بىلەنلا ئۆرىلىشىدىغان، ماتور قىسمى بىلەن چاتىغى يوق «قىز مىجەز ماشىنا ھەۋەسكارى» بولمىسىڭىز بۇ يازما سىزگە ئەڭ ياخشى بىر بىلىم بىلەن تەمىنلىدى دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن.

ئەمدى سىز ماشىنىڭىزنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسى ياكى توردىكى تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن بىر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى تولغىنىش مومېنتى قانچە ئىكەن؟ ئەڭ ياخشى خوت ئالماشتۇرۇش ئايلىنىش ۋاقتى قانچە بولىدىكەن؟ ئۈستىدىكى ئابزاس بويىچە بىرلەشتۈرۈپ ئىنكاستا بىر چۈشەندۈرۈپ كۆرۈڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



10 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەنمۇ تېمىغا سەل مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ قوياي، دېمىسىمۇ بىزدە خېلى بوشلۇقلار ئازدۇر كۆپتۇر تۇلۇقلىنىۋاتىدۇ، ئەمما ماشىنا توغرىسىدا بىلىم بېرىدىغان ھەقىقى ئۇيغۇرلارغا خاس بىرەر بېكەت يوق دېسەكمۇ بولىدۇ (بار دېيىلسىمۇ مونۇ پاسىبان بلوگىلا خېلى نەپ تېگىدىغان يازمىلارنى يوللىماقتا) . قالغان قۇرۇلغان بېكەتلەرنى كۆرسەكمۇ قۇرغان بىلەن قۇرمىغاننىڭ پەرقى يوقنىڭ ئورنىدا كېتپ بارىدۇ، ئارمىنىم ھەقىقى ئۇيغۇرچە سىنلار بىلەن يېڭى ماشىنا توغرىسىدا ئۇچۇر بېرەلەيدىغان، ماشىنا ئاسراش، تاللاش توغرىسىدا بىلىم بېرەلەيدىغان بىرەر بېكەت قۇرۇلغان بولسا ئالەمچە ياخشى بولار ئىدى

  2. مەن مۇشۇ لارغا ئانچە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيمەن، پىراۋام يوق ماشىنا ھەيدەۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشتى، شوپۇرلۇق مەكتىۋىدە ئۇقۇمىغاچ قىمىكىن بىرەرسى ئالدى كاپاكنى ئېچىپ بىرەر نەرسىنى كۆرسىتىپ :ماۋۇ نىمۇ ؟.دىسە ،ئالا-جوقا زۆزلەپ يۇرەتتىم( بۇ بۇرۇنقى ئىشلا بوپكەتتى، ھازىر ئانچە-مۇنچە بىلىۋالدىم) ماشىنىدە بىرەر غەيرىلىك كۆرۇلسە نىم بولغانلىقىنى بىلمەيلا ئۇدۇل رىمىنۇت خانىغا ئاپىرىپ قوياتتىم،ھەم نۇرغۇن قېتىم قۇيۇلغانمەن!( ماشىنىنى ئاپىرىپ قويۇپ ئەتىسى بارسام : كىچىككىنا يىرىنى ئوڭشاپقۇيۇپ،ئۇ نىمىسىنى ئالماشتۇردۇم، بۇ نىمىسىنى ئوڭشاپ قويدۇم دەپ نۇرغۇن قېتىم قۇيۇپتىكە، بولمىسا خېلى ئوبدان تۇنۇشلاردىن بولىمىز) مۇشۇلانىڭ ھەممىسى شۇ ماشىنا سايمانلىرىنىڭ اتالغۇلىرىنى تۇنىماسلىق، چۈشەنمەسلىك تىن كىلىپ چىققان.

    ئەمدى ئۇنداق يۈرىۋەرمەيمىز ، پاسىبان كۇلۇبى بار ئەمەسمۇ؟!

    ئىشقىلىپ بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك نەرسىلەكەن، جاپا تارتتىڭىز(بىر قۇچاق ئاق ئەتتىر گۈل)

  3. توردىن بىر نەچچە كۈن ئايرىلىپ كۇلۇپقىمۇ كىرەلمىىگەنتىم كۆپ يېڭىلىقلار بوپ كىتىپتۇ. ھەقىقەتەنمۇ ماشىنا ساھەسىدە بىرە تور بېتىمىز يوق، ئىنشائاللا كۇلۇبىمىز تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ شۇ بوشلۇقنى تولدۇرغۇسى.

  4. توردىن دەپ باشلىغان

  5. مەنمۇ شۇنداق ھەيدەيمەن ئەمما سۇرەت تىز ئاشقان بىلەن ماينى سۇدەك يەيدىغان بوپكىتىدىكنەن ماشىنا………

  6. بىراق مىنىڭ تەجرىبەمدىن قارىغاندا بۇنداق ھەيدىگەندە ماتورنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ. ئەڭ ياخشسى خوت يۆتكەش مەزگىلى ماتور ئايلىنىشى 2500دىن يوقىرى3500دىن ئېشىپ كەتمىگەن ۋاقىتمىكىن (1.8لىك ماشىنىدا)

    • بىر ماشىنا بىلەن بىر ماشىنىنىڭ ئوخشىمايدۇ. ئوخشىمايدىغىنى دەل مۇشۇ ئۇقۇمدا. تولغىنىش مومېنتىنى توغرا چۈشىنەلىگەن بولسىڭىز بۇنداق دېمەيتتىڭىز. ئادەتتە VolksWagen ماشىنىلىرىنىڭ 1500 دىن 2500 ئارىسىدا ئالماشتۇرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. لېكىن بۇمۇ بىر تەرەپلىمىلىك. بۇ «قائىدە» مۇشۇ ماركىنىڭ ھەممە ماشىنىلىرىغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ.
      ئۆمرى قىسقىراش دەپ خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. چەتئەللەردە ئادەتتە كىشىلەر ماتورنىڭ ئايلىنىشىنى 3000 دىن تۆۋەن چۈشۈرمەيدۇ. بۇ تولىمۇ توغرا ئۇقۇم. بۇنىڭدا ماتورنىڭ ئايلىنىشىنى ئەڭ ياخشى دائىرىدە ساقلاپ كۈچىنى ئەڭ جايىدا چىقىرىپ، بىردەك كۈچلۈك ھالەتتە ساقلاپ تۇرالايدۇ. ئەگەر ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدىغان ئىش بولسا ئىدى، شۇلارنىڭ ماشىنىلىرى بالدۇرلا كاردىن چىقسا بولاتتى.
      سىز دېگەندەك 2500 ۋە 3500 ئارىسىدا خوت ئالماشتۇرۇش، ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك ئايلىنىشتا خوت ئالماشتۇرۇش ماي تېجەشكە پايدىلىق بولىشى مۇمكىن. لېكىن دائىم مۇشۇنداق تۆۋەن ئايلىنىشتا ئايلاندۇرۇپ، يىللار-ئايلار ئۆتۈپ 3000 دىنمۇ ئاشۇرمايدىغان بىچارە شوپۇر بولۇپ قالماڭ. ماشىنڭىز پاڭلا بولۇپ قالىدۇ.
      ئېيتىش توغرا كەپقالدى، مەن ئۆزۈم جېجىياڭ ئۆلكىسىدە بىر راللىي ئەترىتىگە ئەزا. ئۆزۈمنىڭ راللىي مۇسابىقە پىراۋاممۇ بار. بىزنىڭ ئەترەت باشلىقىمىزنىڭ كونا نۇسقىدىكى 东南菱帅 ماشىنىسى بار ئىدى. بۇنىڭ ماتورى 1.6 لىك. سىز 1.6 لىك ماتورى بار، ھىچقانداق ئۆزگەرتىلمىگەن ماشىنىنىڭ 220 گە چىققىنىنى ئاڭلىغانمۇ؟ مېنىڭچە بۇ تولىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ياكى يوق بىر ئەھۋال. لېكىن ئۇنىڭ ماشىنىسى چىقالايدۇ. چۈنكى ئۇ دەسلەپتىن ماشىنىسىنى ئاشۇنداق كۆندۈرگەن. ئۇنىڭ ئات كۈچى گەرچە 110 غا يەتمىسىمۇ سىزنىڭ 1.8 لىك ماشىنىڭىزدىن تېز ماڭالايدۇ. مەن شۇنىڭدىن قاتتىق ئېلھام ئېلىپ ئۆزۈمنىڭ ماشىنامدىمۇ سىناق قىلىپ كۆردۈم. يېڭى ئالغاندىن بېرى شارائىت تېپىلسىلا 3500 دىن يۇقىرى ئايلىنىشتا خوت ئالماشتۇرىمەن. ھازىر مېنىڭ ماشىنامنىڭ كۈچىمۇ باشقا تۈردىكى 1.6 لىك ياكى چوڭراق ماشىنىلاردىن قېلىشمايدۇ. دادام كېلىپ (ئۆزى 1.8 لىك ماشىنا ھەيدەيدۇ) ھەيدەپ بېقىپ ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. نېمىشقا سېنىڭ ماشىناڭ دەسسىسىلا ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدۇ، دەپ.
      ماشىنىدىمۇ ئادەمگە ئوخشاش كۆنۈش، ئادەتلىنىش بولىدۇ. سىز قانداق كۆندۈرسىڭىز ئۇ شۇنداق بولىدۇ. تەنھەركەتچىگە ئوخشاش داۋاملىق يۈگرەپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ يۈرسە تېز يۈگرەش ئۇنىڭغا ھېچ گەپ بولمايدۇ. مېنى ئەكىلىپ 1 كېلومېتىرغا يۈگرە دېسە يېرىم يولغىچە ھالىم قالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ماشىنىمۇ ئانچە-مۇنچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىتىپ تۇرۇش كېرەك.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.1.42 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش