ياندىن قاراپ بۇنى BMW نىڭ Z3 Coupe غا ئوخشىتىپ قالغانسىز ھەقاچان؟ تېخىمۇ تەپسىلىيرەك قاراڭ. بەنداشلىرى، ئالدى لايىھەسى BMW نىڭ لايىھەسىگە ئوخشىمايدۇ. تاپالىدىڭىزما؟ چاقىغا قاراپ قايسى ماشىنىنى ئېسىڭىزگە ئالدىڭىزغۇ دەيمەن؟ شۇنداق ! بۇ بولسا فەرارى FF ! بۇ بىز بۇرۇن داڭقىنى ئاڭلاپ باققان فەرارى Shooting Brake نىڭ دەل ئۆزى شۇ. مانا بۇ جەنۋە كۆرگەزمىسىدە بىر بىلەن يۈر كۆرۈشمەكچى بولغان فەرارى يېڭى ئەسىرى !
بۇ بىز بىلىدىغان ماتورى ئالدىدا ۋە ئالدى چاق قوزغىلىدىغان شەكىلدە ئەمەس، ماتورى ئالدىدا، تۆت چاق قوزغىلىدىغان شەكىلدىكى ئالاھىدە چاپقۇر! نامىدىكى FF بولسا Ferrari Four نىڭ قىسقارتىلمىسىدىن كەلگەن. بۇ 4 كىشىلىك ۋەياكى 4 چاق قوزغىلىدىغان دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.
ماشىنىنىڭ رازمېرى 4907mm X 1953mm X 1379mm بولۇپ، فەرارى 612 دىن 30 مىللىمېتىر ئېگىز تۇرىدۇ. 450 لېتىر ھەجىمدىكى ئارقا ساندۇقى بار بۇ ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىنى تۈزلىۋېتىش ئارقىلىق ساندۇقىنى 800 لېتىر ھەجمگە ئېگە بولغىلى بولىدۇ. بۇ فەرارى تارىخىدىكى «ئەڭ» نىڭ بىرى. بۇنىڭدىن سىرت خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەت 6 خىل رەڭ تاللاشقا قويۇلغان.
FF بولسا Ferrari تارىخىدىكى تۇنجى 4 چاق قوزغىلىدىغان ماشىنا بولۇپ، بۇنىڭغا فەرارى 4RM دەپ (4 Ruote Motrici) نام بەرگەن. زاۋۇت تەرەپنىڭ دېيىشىچە 4RM نىڭ ئومومى ئېغىرلىقى باشقا 4 چاق قوزغىلىدىغان ماشىنىلارغا ئىشلەتكەن قوزغىلىش سېستىمىسىدىن 50 % يېنىك بولۇپ، FF نىڭ مۇكەممەل بولغان 47:53 نىسبەتتىكى ئېغىرلىق نىسبىتىنى ساقلاپ قالغان.
ماتور قۇۋۋىتى جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارايدىغان بولساق فەرارى FF نىڭ ئومومى ماسسىسى 1790 كېلوگرام بولۇپ، 612 گە قارىغاندا 50 كېلوگرام يېنىك. بۇنىڭغا سېلىندىر ئىچىگە بىۋاستە پۈركۈيدىغان 6.3 لېتىرلىق V12 (يەنى V شەكىللىك 12 سېلىندىرلىق) ماتور سەپلەنگەن. بۇ ماتور 660 ئات كۈچىگە ئېگە. ئات كۈچى ۋە ماتور ماسسىسىنى نىسبەتلەشتۈرسەك 2.7 كېلوگرام ھەر ئات كۈچىگە ئېرىشىمىز. كورۇپكا قىسمىغا F1 غا ئىشلىتىلىدىغان قوش ئايرىغۇچلۇق كورۇپكا سەپلەنگەن بولۇپ، ماتورنىڭ تولغىنىش مومېنتى 69.69 كېلوگرام.مېتىر . 0-100 غا پەقەت 3.7 سېكونتلا ۋاقىت كېتىدۇ. ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتى 335 كېلومېتىر.
بەلكى بۇ قېتىم فەرارى ماشىنىسىغا Stop/Start ئاپتۇماتىك ئوت ئالدۇرۇش سېستىمىسىنى سەپلىشى، ماي سەرپىياتى جەھەتتە ھەر لېتىرغا 6.5 كېلومېتىرلىق ئۆتكەلنى بۆسۈشى مۇمكىن. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى جەنۋە كۆرگەزمىسىدە كۆرگۈدەكمىز، ئىنشا ئاللاھ …









































ھىممممممممممم مۇشۇ Ruote Motrici4RM گېپى بەكلا بوپ كېتىپتۇ 4-ئايدىكى ماشىنا كۆرگەزمىسىنى كۆرگەنلەرنىڭ ئىچىدە. ماشىنىنىڭ ئىچىنى رەسىمگە تاتماپسىز قارىغاندا، لاھىيەسى كالىفورنىيە بىلەن ئاساسەن ئوخشاش دەيدۇ لېكىن ئىشلەتكەن خۇرۇملارنى بەك ئېسىلكەن دەپ ماختاپ كەتتى خەقلەر
بۇنداق ھەشەمەتلىكلىكىگە قاراپ بۇنى لاكشىرىي 轿车غا تەۋە قىلامدۇق ياكى 跑车بولىۋېرەمدۇ؟
فەررارىنىڭ ھەر قاچان ياسايدىغىنى چاپقۇر. ئەلۋەتتە 跑车
يېرىم كۈن ئىنكاس يازسام يەنىلا تەستىقلانماپتۇ دىسە
بۈگۈن ئۆيدە توك يوق، قاراڭغۇدا ئىنكاس تەستىقلايدىغان كونۇپكىنى تاپالماي شۇ