مونوسى داڭلىق ئويۇن ئىشلەش شىركىتى Miniclip.com نىڭ نادىر ئەسىرى بولۇپ، AppStore دا ئىنتايىن بازارلىق ئويۇن ئىدى. پېقىرمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرگەن پەچەت ئويۇن. بىر مەزگىللەردە كىرىشىپلا كەتكەن ئىدىم. ئۇ چاغدا 91 تېلفۇن ياردەمچىسى ئارقىلىق چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئېدىم. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەسلى زاۋۇتنىڭكىگە يېتەمدۇ؟ بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپتۇ. دەرھال چۈشۈرىۋالغايسىز.

ئويۇن باشتىن ئاخىر قىزىقارلىق ۋە ئوماق كۆرۈنۈشلىرى بىلەن سىزنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئويۇندا بىز تېرورچىلارغا قارشى زەربىدار بولۇپ ئالدىن بېرىلگەن سانى چەكلىك بومبا ئارقىلىق ھەممە تېرورچىلارنى پارتىلىتىپ تۈگىتىمىز. بۇ جەرياندا خېلى ئەقىل ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇمۇ ئويۇننىڭ سىزنى رام قىلىۋېلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ.

بۇ ئويۇننىڭ بۈگۈنكى ھەقسىز تارقاتقىنى بۇرۇنقىسىغا سەل ئوخشىمايدىكەن. ئەسلى نەشىرىنىڭ ھەقسىز نۇسقىسى ئەمەس ئوخشايدۇ. لېكىن يەنىلا ساقلىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىسىل ئويۇن. ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانىغا ماس كېلىدىغان يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ئويۇن. جەمئىي 40 ئۆتكەل بار. قېنى، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ نادىر ئويۇننى قاچۇرۇپ قويماڭ.

ئويۇن ئىسمى : Fragger Desert Strike

ياسىغان شىركەت : MiniClip SA

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش

قوللايدىغان سۇپا : Game Center

چوڭلۇقى : 14.2 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



3 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بۇ ئويۇننىڭ ھەممە مەيدانلىرىنى تۈگۈتۈپ بولدۇم ، يەنە باشقىلىرى يوقمىدۇ :evil:

    • يېڭى نۇسقىسىدا يېڭى خەرىتىلەرنى قوشۇپ قوياتتى. ئەڭ دەسلەپ پەقەت 2 لا خەرىتە بولىدىغان، كىيىنچە كۆپىيىپ كەتتى. يەنە ساقلاپ باقايلى، ئەتە-ئۆگۈن چىقىپ قالار

  2. بۇ ئويۇننى قاچىلىدىم ، ئەمما قانداق ئويناشنى بىلەلمەي قالدىم .

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش