ئايفوننىڭ 4.0 سېستىمىسىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان Game Center دەيدىغان بىر يېرى بار. بۇ ئايفونغا قاچىلايدىغان ئويۇنلارغا ئوينىغۇچىلارنى دۇنيا بويىچە دەرىجىگە تىزىپ بېرىدىغان ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرى بولۇپ، بۇ ئويۇن سۇپىسىنى قوللايدىغان ئويۇنلارنى ئوينىغان چېغىمىزدا ئويۇندىكى ئېرىشكەن نومۇرىمىزغا ئاساسەن دۇنيا بويىچە قاتارغا تىزىپ دەرىجىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئايرىم تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت iTunes تىكى ھېساۋات نومۇرى بىلەنلا كىرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىكى ئىسىمنى دەسلەپتە ئۆزىمىز توشقۇزىمىز. لېكىن كىيىن ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئالمىداشلار بار ئىكەن. بۇنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى تۆۋەندە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
Game Center نى ئاۋال قوزغىتىمىز. بۇ كۆزنەك كۆرىنىدۇ.
بۇ جايدىكى 帐户 نىڭ ئارقىسىدىكى ئېلخەت ئادرىسىمىزنى باسىمىز. چىققان جايدىن 显示账户 نى تاللايمىز.
ئاندىن بىزنىڭ ھېساۋات تەپسىلاتىمىز كۆرىنىدۇ. تۇنجى قېتىمدا سىزدىن مەخپى نومۇر سورىشى مۇمكىن. سىز iTunes تىكى ھېساۋات نومۇرىڭىزنىڭ مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزىسىز. ئاندىن بۇ كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.
ئاستىغا سۈرۈپ قارىسىڭىز 昵称 دېگەن يەردىكى بايىقى ئىسمىڭىزنى كۆرىسىز. ئۈستىگە بىر چېكىپ يېڭى ئىسمىڭىزنى يېزىڭ.
يېڭى ئىسىمنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى 完成 نى بېسىڭ.
ئەمدى ئويۇن مەركىزىنىڭ باش بېتىدىكى ئسمىڭىزغا قاراپ بېقىڭ. ئۆزگىرىپتىمۇ؟









































ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛
مەن يانفۇمنى قانداق قىلىپ قويغىنىمنى بىلمەيمەن،91گىمۇ ئۇلاپ ئىشلىتەلمىدىم (ئەلۋەتتە نەچچە سىناپ باسمىغان يەرلىرىم قالمىدى)
ئەمدىلىكتە بايقىسام كامىرا ئارقىلىق سىن ئالغاندا ئاۋاز ئېلىشى ئىنتايىن ناچار بوپقالدى .ئۈن ئالغۇنىڭ ئىقتىدارى شۇنداق ياخشى.
يانفۇننى ئۆلچملىك تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ياكى بولمىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.تۈرمىدىن قاچۇرۇش قىلىپ بەرگەن ئادەم ئۆلچەملىك بولدى دىگەن
يانفۇننىڭ سىن ئېلىش ئېلىشتىكى ئاۋاز ئېلىش ناچارلىق مەسىلىسى تۈرمىدىن قاچۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
ياكى ئايفۇن4 ئەسلى سىن ئاۋازىنى شۇنداق ناچار ئالامدۇ؟
ئەگەر ئاۋازغا سۈزۈك ئالسا ئايفونىڭىز نورمال ئىكەن. نېمىشقا سىنغا ئالغاندا ناچار بولىدىغانلىقىنى مەنمۇ ئېنىق بىر نېمە دېيەلمىدىم. ئەگەر يۇمشاق دېتالدىكى تەڭشەشتە مەسىلە بار بولسا 设置 دىن 还原 دىكى 还原所有设置 دېگەن جاينى بېسىپ سىناپ بېقىڭ. ئوڭشىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئەگەر ئۇنىڭدىمۇ نورمال بولمىسا ئاۋال ئايفوننى ئايتيۇنىس ئارقىلىق زاپاسلىۋېلىپ قايتا يېزىپ بېقىڭ. بۇ ئۇسۇل ئايفوننى يەڭگۈشلىگەنگە قارىغاندا ياخشىراق. مەنچە ئايفونىڭىزدا چاتاق يوق.
91 غا ئۇلىيالماسلىق تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن شۇنداق بولدىمۇ ياكى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان نورمال ئۇلىنىۋاتقان نەرسە تۇيۇقسىز مۇشۇنداق بوپقالدىمۇ؟ ئەگەر تۇيۇقسىز بوپقالغان بولسا، سەۋەبىنى ئېنىق بىلەلمىسىڭىز سېستىمىنى قايتا يېزىپ ئوڭشىغىلى بولىدۇ. مەندىن مۇنداقلا سورىسىڭىز مەن قولۇمغا ئېلىپ سىناپ باقمىسام ئېنىق بىرنېمە دېيەلمەيمەن.
تەۋسىيەرىم، ئەگەر ئويۇن قاچىلاش ئۈچۈن 91 نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق قىلىشنى ئەمدى توختىتىڭ. 91 چوماقچىسىنى ئايفوننى بىلىدىغانلار ئانچە-مۇنچە قولايلىق قوراللىرىنى دەپلا ئىشلىتىدۇ. 91 نى مەنمۇ بۇرۇن تولا ئىشلىتىپ سېستىمىنى تولا يازىتىم. ھەر قېتىم سېستىمىنى قايتا يازسىڭىز بىر قېتىم فورماتلاپ قايتا قاچىلىغاندەكلا بىر ئىش. فورماتلاۋەسەك قاتتىق دېسكا زەربىگە ئۇچرىغاندەك ئايفونغىمۇ تەسىرى خېلى بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يېشىلگەن ئويۇن ياكى باشقا قانۇنسىز نەشىردىكى نەرسىلەرنى ئاز ئىشلىتىڭ. مۇنداق بولغاندا ئايفونىڭىز تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ، تېخىمۇ ئۇزاق يېتىدۇ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى.ئۆتكەندە مەن يانفۇنۇمنىڭ سىن ئالغاندا ئاۋازىنىڭ ناچارلىقىنى دىگەن ئىدىم
كىم بىلسۇن،ئايفۇن4تەئىككى مىكروفۇن بارلىقىنى…ئەسلىدەمەن يانفۇنۇمنى سۇلياۋ بولاق بىلەن بولاتقاندا تىڭشىغۇچ تۆشۈكىنى ئاچمىغان ئدىم تىڭشىغۇچ تۆشۈكىنىڭ يېنىدا ئنتايىن كىچىك بىر تۆشۈك بار كەن پەقەتلا ئويلىماپتىمەن بۇمۇ ئەسلىدە بىر مكروفۇن ئىكەن ئەمەسمۇ.!! بۇ مىكروفۇن سىن ئالغۇ بىلەن ،يۇقۇرى ئاۋازدا سۆزلىشىشكە ئىشلەيدىكەن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئوغاۋالىنى! ئايفوننى بولاتمايمىز، چىرايلىق قاپ بىلەن قاپلاپ كونىرىسا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىمىز! مەخسۇس ئايفون4 ئۈچۈن لايىھەلەنگەن چوڭ زاۋۇتنىڭ قاپلىرى بولىدۇ. شۇنى ئىشلىتىمىز. بەك ئاسرىغۇمىز كەپكەتسە ئىكراننىڭ ئۈستىگە ياخشىراق ئاسرىغۇچى پلاستىك چاپلاپ قويىمىز. بۇنىڭ ناچىرىمۇ سېزىمنى تۆۋەنلىتىپ قويىدۇ. ئوبدانراقىنى ئالىمىز. نوكىيا تېلفۇننى قاپلىتىپ ئىشلەتكەندەك ھەر قىسىم نەرسىلەرنى چاپلىۋالغان بىلەن نازۇك نەرسىلەر كۆتۈرەلمەي قالىدۇ بەزىدە…
ھا ھا ھا … ئوغابالىنىڭ ئايفوننى بولاتقىنىنى ……
ئۆزىنىڭ مەخسۇس قاپلىرى بارغۇ ئۇنىڭ …….
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بىر ئايفون4 سىتىۋالغان ئىدىم شاڭڭاڭبەن دەيدىغىنىكەن ھازىرقى نەشىرى 4.1 كەن تۇرمىدىن قاچۇرۇشنى بىلمەيتىم تەپسىلىرەك چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز .. 91 دىن ئوزۇمگە كىرەكلىك يۇمشاق دىتاللارنى چۇشۇرگەن تۇرمىدىن قاچۇرسام يوقاپ كىتەمدۇ؟
91 گە ئۇلىيالىغان بولسىڭىز تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغىنىكەن. 4.2.1 نەشىرىنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىنى رەسىملىك تەپسىلىي قىلىپ بىر تېما يوللىغان ئىدىم.
/201102151082.html
بەلكى ھازىر 4.3 چىققانلىقى ئۈچۈن 4.2.1 نەشىرىنى يېڭىلىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەتە-ئۆگۈن 4.3.1 نەشىرىنىمۇ ئېلان قىلغۇدەك. ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ نەشىرىنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىققۇچە ساقلاپ تۇرغىنىڭىز ئەۋزەل.
تۈرمىدىن قاچۇرغان ئايفوننى 91 نى ئىشلىتىپ تۈرمىگە سولاپ قويىدىغان ئىشنى ئاڭلاپ باقمىدىم، لېكىن 91 نى ئىشلىتىپ ئايفونغا ئەخلەت سولاپ قويغان ئىشنى كۆپ كۆردۈم. مۇشۇ توغرىسىدا ئاللاھ نىسىپ قىلسا ئاخشاملىققا بىر تېما يوللايمەن…