بىر ئايفوندا ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئوينىغىلى بولىدىغان بىر ئويۇننى تېخى تۈنۈگۈن يوللاپ تۇرىۋېدىم، بۈگۈن مۇشۇنىڭدەك ئويۇندىن يەنە بىرسى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. بۇ ئويۇننى گەرچە 1 ئايفوندا ئوينىمىغان بىلەن، كۆك چىش ياكى WiFi بىلەن تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى AutoRobot TD Defend and Defeat . ئويۇننىڭ سۈزۈكلىكى ھەقىقەتەن يۇقىرى. ئايفون 4 كە ئۇيغۇن قىلىپ لايىھەلەنگەن يۇقېرى ئېنىقلىقتىكى HD ئويۇنى. ئويۇنخۇمارلار پۇرسەتنى چوقۇم ئۆتكۈزىۋەتمەي چۈشۈرىۋېلىڭ.
ئىككى ئايفون بولسا كۆك چىش ياكى WiFi سىمسىز تورى بىلەن تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدىكەن. مەن ئويناپ باقمىدىم، ئەگەر شۇنداق بولسا چوقۇم بەك قىززىيدۇ.
60 ئۆتكەل، ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن يۇقىرى سۈزۈكلۈك، iOS4 كە 100% ماسلىشىدىغان سىغىشىشچانلىق، ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش، ئارقا سۇپىدا ماي سەرپ قىلماسلىق، ھەرىكەت راۋانلىقى، ئايپود ئىچىدىكى مۇزىكىنى قويالايدىغان دېگەندەك مۇشۇنچىۋالا ئىقتىدارى بار ئىسىل ئويۇن! مەن تەۋسىيە قىلغان ئويۇنلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم. شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇردۇم.
ئويۇن ئىسمى : AutoRobot TD Defend and Defeat
ياسىغان شىركەت : Luke Yang
ئويۇن تۈرى : مۇداپىئە
قوللايدىغان سۇپا : Open Feint
چوڭلۇقى: 40.1 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































ئۆزى ياسىۋالسا بولمامدۇ بۇ ئايفون دىگەن نەسىنى؟
….. يا بى ئەرزانراق ئەمەس