نەچچە كۈندىن بۇيان ھېيتلىق پەتە تۈگىمەي قالدى. دىققەت قىلسام باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەردىمۇ ھېيتلىق پەتە بىزلەردىكىدەك قويۇق ئەمەس ئىكەن. بۇ قېتىمقى پەتىدىن يەنە بايقىدىمكى، پەتە پەقەت قەشقەردىلا ئىكەن. باشقا شەھەرلەردە بىزلەردىكىدەك قوشنىمۇ قوشنا، تۇققانمۇ تۇققان، دوست-يار بۇرادەرلەر ئارىسىدا قويۇق پەتە ئوقۇشىمىز. شۇڭا نەچچە كۈندىمۇ تۈگىمىدۇ بۇ پەتە. پەتە ئوقۇغۇچە ئالمىخانلارغا iOS 5 نىڭ يېڭى نەشىرى 5.0.1 نى ئېلان قىلىشىپتۇ.
ئەسكەرتىش! مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرماقچى بولغانلار 5.0.1 گە يېڭىلىماي تۇرۇڭ!
بۇ قېتىمقى يېڭىلاش 5.0 نەشىر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى تۇنجى قېتىملىق يېڭىلاش بولۇپ، يېڭى نەشىردە قىستۇرما رەسىدە كۆرسىتىلگەندەك تۆۋەندىكى خاتالىقلار تۈزىتىلىتىپتۇ:
- iPhone 4S نىڭ باتارىيەسىنىڭ تېز خوراش مەسىلىسى ھەل بولغان.
- 1-ئەۋلاد iPad كە قول ئىشارىتى ئىقتىدارى قوشۇلغان.
- 文稿云服务 دىكى كۆرۈلگەن مەسىلىنى ھەل قىلغان.
- ئاۋسترالىيە ئابونتلىرى ئۈچۈن ئاڭلاپ يېزىش ئىقتىدارى مۇكەممەللىشىپ توغرا پەرق قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.
بۇ قېتىمقى يېڭىلاش قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر:
- iPhone 4S
- iPhone 4
- iPhone 3GS
- iPad 2
- iPad
- iPod Touch 4
- iPod Touch 3
بۇ قېتىمقى يېڭىلاشتىكى يەنە بىر يېڭىلق شۇكى، iOS 5 ئابونتلىرى كومپىيۇتېرغا ئۇلايدىغان سىمنى چۆرىۋېتىپمۇ سېستىما يېڭىلىيالايدىغان بوپتۇ. يەنە كېلىپ ھەر بىر قېتىم يېڭىلاشتا 6~7 يۈز MB بىر نەرسىنى چۈشۈرۈپ جاپا چەكمىسىمۇ بولىدىكەن. پەقەت 设置 نىڭ ئىچىدىكى 通用 غا كىرىپ 软件升级 نى بېسىپ يېڭى نەشىرنى تەكشۈرتسەكلا يېڭى نەشىرى بايقالسا ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتمە چىقىپ، يېڭى سېستىمىدىكى يېڭىلىقلارنى بىر قۇر كۆرسىتىپ چىقىدىكەن. بىز 下载并安装 نى بېسىپ ياماقنى چۈشۈرۈپ يېڭىلىساقلا كۇپايە ئىكەن.
يېڭىلاش جەريانى رەسىمدىكىدەك (رەسىم ئۈستىدىكى Carrier 运营商 ئىسىمى ئۆزگەرتىلگەن. تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئەمەس) :
كېلىشىمنامىگە قوشۇلغاندىن كىيىن چۈشۈرۈشكە باشلايدىكەن.
چۈشىۋاتىدۇ…
تەييارلىق …
قاچىلاشنى باشلامسىز؟
يېڭىلاش جەريانىدا iTunes تىكىگە ئوخشاشلا ئالمىنىڭ مۇلازىمېتىرى ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزىدىكەن.
يېڭىلاش تامام.
نەشىرىنى كۆرۈپ باقساق :
بۇ قېتىمقى نەشىرنىڭ نومۇرى 9A405 ئىكەن. بەزىلەر ئېيتقان iPhone 4S نىڭ باتارىيەسىنىڭ ئالما تەرەپ ئېيتقان ئىش ۋاقتى ئاللىقانداق نەچچە سائەت ئۇزارتىلغان ئىقتىدارغا ئېگە ئىكەنلىكىنىڭ پەقەت «پو ئاتقانلىق» ئىكەنلىكىنى ھەل قىلدىمۇ يوق، نەچچە كۈندىن كېيىن بىر كۆرۈپ باقىمىز. بۇ مەسىلە ھەممە كىشىدە ئورتاق كۆرۈنگەنمۇ ئەمەسكەن. بەزىلەرنىڭ يەنىلا نورمال ئىمىش. شۇڭاiPhone 4S ئالماقچى بولغانلار، ئىككىلەنمەي ئېلىۋېرىڭلار. بۇ قېتىم ئوڭشالمىسا 5.0.2 دە يەنە ئوڭشىشى مۇمكىن.









































يىڭىلىۋەتتۇق مانا
مەن ئەتتىگەن بىرىنچى بولۇپ نەشر يېڭىلىۋېتىپتىمەن.
مەن ios 5 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى ساقلاپ تۇراي.
ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! مەن يەنىلا مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى كۈتەي ! ھا ھا ھا
مەن تۇنۇگۇن يېڭلىدىم.ئايپەد ۋە ئايفۇننى.ئەمما ئايپەد 5.0پېتى تۇرىدۇ.لىكىن ئايفون يېڭىلاندى.
پاسىبان ئەپەندى،3Gنى wifiئايلاندۇردىغان ئەپ بولسا ئادىرسىنى بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.
联通 نىڭ كارتىسىنى سالسىڭىز ئادەتتە مۇشۇ ئىقتىدارى ئاپتۇماتىك ئېچىلىدۇ. بۇنىڭغا ئايرىم ئەپ قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق. بىلمىدىم تۈرمىدىن قاچۇرۇپ Cydia دىن تىمىسقىلاپ باقساق تاپقىلى بولامدۇ يوق. ئىزدىنىپ باقماپتىمەن.
بۇرادەر..مەن نەدىن ئىزەيمەن ئۇ كارتىنى.مەن چەتئەلدە تۇرسام..
تۈرمىدىن قاچمىغان تېلفۇن دەپسىز، ئاۋۇ Carrier نامىنى قانداق ئۆزگەرتتىڭىز…؟
تۈرمىدىن قاچقان تېلفۇننى ئۆزىدىنلا ئاشۇنداق يېڭىلىساق تۈرمىگە كىرىپ كىتىدىغاندۇ يەنە…؟
ئۇنىڭ ئايفوننىڭ ئۆزىدىن ئۆزگەرتمىدىم. رەسىمنىڭ ئۆزىنى PhotoShop بىلەن ئۆزگەرتكەن. مۇشۇنداق دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن. ئىپادىلەش خاتالىقى …
ئۆزىدىنلا يېڭىلىساق كونا نەشىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ Cydia دىن قاچىلىغان نەرسىلەر كۆرىنىشى، لېكىن قوزغالماسلىقى مۇمكىن. ئىشقىلىپ بىر قالايمىقانچىلىق بولىدىغۇ دەيمەن. سىناپ بېقىش كېرەك. مەنمۇ نېمە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن. لېكىن قايتا تۈرمىگە كىرىپ كېتىدىغىنى ئېنىق.
توغرا پاسىبان ئەپەندى بۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بىرىۋېتىڭە ،ئۈستىدىكى پاسىبان دىگەن خەت ئۆزگەرمەپتىغۇ؟
توك سەرپىياتىدا ئۆزگىرىش بولغاندەك ئەمەس . تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىپ باقاي دەۋاتىمەن.
مەنمۇ نەشر كۆتۈرگەندىن كېيىن (5.0.1 گە كۆتۈرگەندىن كېيىن) توك سەرپىياتىدا ئۆزگىرىش بولغاندەك ھېس قىلمىدىم. ئىككى كۈن بولدى مانا. مەن 5.0 ۋاقىتتا نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇپ باققان (شاش زاپاسلاندىمۇ يوق، بىلمىدىم) ئەمدى نەشر چۈشۈرەلەرمەنمۇ؟ ۋاقىت چىقىرىپ بىر سىناپ باقاي دەيمەن. 4.3.3 كە چۈشۈپ تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتەي دېسەم 5.0 دېكى بارماق بىلەن باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا قىيالمايۋاتىمەن.
http://ios.pconline.com.cn/news/1111/2589391.html
5.0/5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلان قىلىنىدۇ دەپتۇ. ئەگەر مۇشۇ گەپ راست بولسا بۇنىڭغىمۇ كۆپ قالماپتۇ. ئەمدى 5.0.1 گە چىققانلار قوڭنى قىسىپ تۇرساق بولغۇدەك 5.0.2 گە كۆتۈرمەي.
مېنىڭكىدە بۇيە 软件升级چڭقمىدا؟
بۇ قانداق گەپ ئەمدى. يە مېنىڭ 4.3.1 نەشىر تى بۇنىڭدا ئۇ يىرى يوقمۇ يە
مەنمۇ نەشىرنى كۈتىرەيدەپ 设置كىردىم ئاندىن بۇيەگە通用 كىرسەم بۇ 软件升级يە يوق چىكتى
ھە تاپتىم.
بۇ دېگەن 5.0 دە يېڭى قوشقان ئىقتىدار تۇرسا سىز 4.3.1 دە قەيەردىن تاپتىڭىز؟