نېمىشقىكىن، مەن ئۆزۈم رەسىم بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەپكە خېلىلا ئامراق. دىققەت قىلىۋاتقانلار بايقىغان بولىشى مۇمكىن، تەۋسىيە قىلىۋاتقان ئەپلەرنىڭ ئىچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رەسىم بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەپلەر خېلى كۆپ. بۈگۈن داڭلىق رەسىم كۆرگۈچىسى ACDSee نىڭ ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن بىر ئەپنى كۆرۈپ قالدىم. قارىسام ئۈنىمى پەچەتتەك …
فوتو-سۈرەتچىلىكتە سۈرەتكە تارتقاندا رەسىمنىڭ تۇتۇق، قاراڭغۇ چىقىپ قېلىشى – رەسىمنىڭ ئەڭ مەغلۇب بولىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب. يەنە كېلىپ بۇ داۋاملىق ئۇچرايدىغان بىر مەسىلە. Camera Flash ناملىق بۇ ئەپ، بىز يېقىشنى ئۇنتۇپ قالغان چاقماقنى جانسىز سۈرەتكە يېقىپ يورۇتۇپ بېرىدىكەن.
بىز iPhone 3G ياكى iPhone 3GS كە ئوخشاش چاقمىقى يوق ئاپاراتتا تارتقان رەسىملەرنى مۇشۇ ئەپ ئارقىلىق چاقماق بىلەن تارتقانغا ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرەلەيدىغانمۇ ئوخشايمىز. بۇ ئەپنىڭ ئاساسلىق ۋە كۆرۈنەرلىك ئىقتىدارى مۇشۇ ئىكەن. ئارتۇق سۆزلىمەي، ھەقسىز ۋاقتىدا مېغىزىنى چاقىدىغاننىڭ ئىشىنى قىلايلى.
بۇ ئەپ ئۇنىۋېرسال ئەپ. iPod touch, iPhone, iPad لەرنىڭ ھەممىسىگە چۈشىۋېرىدۇ. ئەسلى باھاسى 0.99$ / 6 يۈەن. بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز! شۇڭا ئېھتىياج بولسا ۋاقىتنى چىڭ تۇتقايسىز.
ئەپ ئىسمى : ACDSee Camera Flash
ساتقۇچى : Eikonsoft Limited
تۈرى : قوللىنىشچان، فوتو-سۈرەت
چوڭلۇقى : 3.3 MB
باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.









































پاسىبان كۇلۇبىدىكى دوسلار ھازىر مۇنبەر ئويناش بىلەن ئالدىراش ئوخشايدۇ . پاسىبان ئەپەندى يازغان تىمىلىرىنى بىرىنجى بۇلۇپ دائىم مەن كۆرىۋاتىمەن . يالغۇزلا كۆرسە ئانچە ھوزۇر بەرمەيدىكەن ! پاسىبان قېرىندېشىم جاپا چىكىۋاتىسىز ! ئىنكاسچىلار تەييار بۇلۇپ ئىنكاس يېزىڭلار ھە ؟
مەن چۈشۈرۈپ سىناق قىلىپ بولدۇم راسلا ئۈنۈمى قالتىكەن !
مۇشۇ ئايغۇننىڭ كامىراسىدىن ھەقىقەتەن رازى ئەمەستىم ، ماۋۇ ئەپنى ئىشلىتىپ غەمدىن خالاس بولغاندەك ھىس قىلدىم.