سالام دوستلار. تور يوق بلوگ بىر كۈن تاشلىنىپ قالدى. كەچۈرىسىلەر. بىر يەرلەردىن تور تېپىپ لەپتوپنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ يۈرۈپ بىر تال يازمىنى بولسىمۇ يېزىشقا ئاللاھ نىسىپ قىلدى، شۈكرى. بىر ئەپ ئۇچراپ قالدى. ئەپتىدىن قارىسام بولىدىغان ئەپتەك تۇرىدۇ. مەن سىمىنى ئالغاچ چىقماپتىكەنمەن سىناشقا پۇرسەت بولمىدى. سىلەر بىر سىنىغاچ تۇرۇڭلار.
ئۆيدە تاماق يەۋاتقۇچە بالام iPhone نى چوقۇم قولۇمدىن ئېلىۋېلىپ ئوينىۋالمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. ئويناشنى ئويناپ بولۇپ خالىغان جايغا تاشلاپلا قويىدۇ. مەن ئىزدەپ تاپالمايمەن، تاپالمىسام تېلىفون قىلىپ بولسىمۇ ئاران تاپىمەن. بۇ ئەپنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قارىسام تېلىفون قىلمىساقمۇ «iPhone ، قېنى سەن؟» دېسەكلا «ھە، مانا مەن!» دەيدىغاندەك تۇرىدۇ …
بۇ ئەپ ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىدىكەن. بىز iPhone دەپ چاقىرساقلا ئاۋاز چىقىرىدىكەن. قانداق ئاۋاز چىقىرىشىنى بىلمىدىم، چۈشەندۈرىشى ۋە رەسىملىرىگە قارىسام ئاۋازنى ئۆزىمىز ئاۋال ئېلىۋېلىپ شۇنى قويۇپ بەر دەپ تەڭشىگىلىمۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. قالغىنىنى سىلەردىن ئاڭلايمىز.
ئەپ ئىسمى : iSeeker
ساتقۇچى : Smonte Ltd.
تۈرى : قوللىنىشچان
چوڭلۇقى : 9.9 MB
باھاسى : ھەقسىز.
تۆۋەندىكى سىن بۇ ئەپنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئىكەن.









































ۋاھ ۋاھ ۋاھ!ما ئالامەت ئەپكەن ماۋۇ! مەنمۇ تولا تىلفۇننى قويغان يەرنى تاپاممايتىم، ئەمدى ئاسان بوپتۇ ، لىكىن ئۆيدىكىلەر بار يەردە «ئايفۇن، ئايفۇۇۇۇن، قېنى سەن ئايفۇن؟!»دەپ تولاپ يۈرسەم، ئاپام «بالام، مىجەزىڭ يوقمۇ يا؟! »دەپ سوراپ قالماس ھە!
بۇ ئەپنى داۋاملىق ئوچۇق ھالەتتە قويساق قانچىلىك توك كىتىدىغاندۇ، ھېچ بولمىسا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە ئېچىپ قويساق ..
ماۋۇ ھەقىقى كۆڭلۈمدىكىدەك نىمىكە جۇمۇ !
ئۆزىمىز ئاۋازغا ئېلىشىمىز ئۈچۈن 6rmb ئىشلىتىشىمىزگە توغرا كېلىدىغان چىراي، ئۆزىدىمۇ تەييار ئاۋازلار بار ئىكەن.
مەن ئىشلىتەلمىدىميا…؟ ئاۋاز ئالىدىغان يىرىنى باسسام سېتىۋېلىڭ دەپ چقتى، ئۇنى باسسام ئۇلىنىۋاتىدۇ دەپلا تۇرىدۇ… يا ئۇلىنالمايدۇ…. قانداق گەپتۇ بۇ…؟
ئۆزىنىڭ تەييار تەمىن ئەتكەن ئاۋازلىرى باركەن، ئۇنى قانداق ئىشلىتەمىز…؟
https://sites.google.com/a/iphone-dev.com/files/home/redsn0w_win_0.9.9b8.zip
5.01 نىڭ تۇرمىدىن قاچۇرۇش دىتالى يىڭىلاندى.(تامدىن سەكرەڭ)
مەن itools ئارقىلىق ئەپنىڭ ئىچىنى ئىچىپ ئۆزۈم ئاۋازدىن بىرنى ئىلىپ شۇ ئەپنىڭ ھەقسىز مۇزىكىسىغا باستۇرۋەتتىم .
ھازىر ئايفۇن دەپ چاقىرسام تىلفۇنىم ‹‹ ئاكا مەن يوتقاننىڭ ئاستىدا قالدىم ›› دەپ ۋارقىرايدۇ….