15 كۈن ئىلگىرى ئوغلۇمنىڭ مەكتىپىگە بالىنى كەچتە مەكتەپتىن قايقاندا ئەكىتىش ئۈچۈن بېجىرىدىغان كېنىشكىگە بىر سۇڭلۇق رەسىم لازىم بولۇپ قالدى. ئۆزۈم ئاپاراتىمدا تارتىپ PS تە كېسىپ چاپلاپ يۈرۈپ، چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە 5 سۇڭلۇق رەسىم ئىچىگە 1 سۇڭلۇق رەسىمدىن 9 پارچە قىستۇردۇم. ئەگەر مۇشۇ ئەپ 15 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بولسا ياكى بىلگەن بولسام بۇنچە ئاۋارە بولماس ئېدىم ھە؟
بۇ ئەپنىڭ ئىسمى ID Photo بولۇپ، ئىسمىدىنلا نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ. بۇ كىملىك، پراۋا، پاسپورت دېگەندەك كېنىشكىلەرگە كېتىدىغان رەسىمنى تەييارلاپ بېرىدىغان ئەپ ئىكەن.
بۇ ئەپ ئارقىلىق رەسىمنى تەھرىرلەپ بولۇپ Air Print ئىقتىدارى (بۇ جاينى بېسىپ AirPrint توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى كۆرۈڭ) بىلەن WiFi ئارقىلىق پرېنتىرغا سىمسىز يوللاپ بېسىپ چىقارغىلى بولىدىكەن.
ئەپ ئىچىدە دائىم ئىشلىتىدىغان ئۆلچەمدىكى سۈرەت چوڭلۇقى تەمىنلەنگەن. بىزگە دائىم ئىشلەيدىغان 1 سۇڭلۇق، 2 سۇڭلۇق، 5 سۇڭلۇق رەسىمنى تاللاپ ساقلاپ قويۇپ، ئۇنى رەسىمخانىغا ئاپىرىپلا يۇيدۇرىۋالساق بولىدىكەن.
بۇ ئەپ تولىمۇ قوللىنىشچان ئىكەن. يەنە بىر قاملاشقان يېرى شۇكى، بۈگۈن بۇ ئەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز! پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ 2 دوللار (12يۈەن) لىق ئەپنى بۈگۈن ھەقسىز چۈشۈرۈڭ!
ئەپ ئىسمى : ID Photo
ساتقۇچى : detos
تۈرى : فوتو-سۈرەت
چوڭلۇقى : 3.6 MB
باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.









































مەن چۈشۈرلاۋاي….. ئەسقېتىپ قالىدۇ بۇنداق ئەپ…. رەھمەت ھە بۇرادەر… جاپا چىكىۋاتىسىز…
جۇڭگو ID دا چۈشۈرەي دىسەم iTunes ئۇلىنىۋاتىدۇ دەپ چقىپ بىر تۇرۇپتى، ئىچىم سىقىلىپ ئامېرىكا ID دا چۈشۈرسەم بىردەمدىلا چۈشۈپ بولدى، بۇرۇنمۇ شۇنداق قىلىپ ئىشلەتمەس بولغان مۇشۇ خەقنىڭ ID سىنى… ئامېرىكا، تۈركىيە، ئەرەب رايونلىرىنىڭ ID سىنىلا ئىشلىتىمەن مەن شۇڭا… ھەممە ئاساسىي رايوندىن دىگۈدەك بىردىن ID ئېلىپ قويغان مەن شۇڭا… زادى بىر نىمىسى بىر قايدا بۇ خەقنىڭ….
ھەقسىز ئىشلىتىش قىممىتى يۇقىرى ئەپلەر بولسا ئادەمگە بەكلا خوش ياقىدىكەن ھە !
ئەپ سىتورى دا مەخسۇس ئەرەبچە ئەپلەر بازىرىنىلا كۆرمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز ؟
ئايفۇندا قانداق تەڭشەش ئېپ بارىمىز ؟
كومپىيوتىردىچۇ ؟
بۇ ئەپ بۇلدىكەن ، لېكىن مۇشۇنداق 2 سۇڭلۇق رەسىمگە تارىتقاندا ، چۇقۇم رەسىمگە چۈشمەكچى بولغان ئادەمنى ،ئاق ، ياكى قىزىل يەرگە ئەكىلىپ ،ياكى بولمىسا كەينىگە لاتا تارتىپ تارتىمىزما ؟ ياكى تارتىپ بولغاندىن كىيىن رەسىمنىڭ كەينىنى لاھىيىلىگىلى بۇلامدۇ ؟ چوڭ – كىچىكلىكى ئۆلچەملىك ئىكەن ، ئەمدى ، رەڭ مەسلىسى ؟؟؟شۇ ئادەمنىڭ كەينى قىپقىزىل ، ياكى ئاپپاق بۇلىشى كېرەكتە ؟!
مىنىڭ تەلىيىم يوقكەن چۈشۈرگىچە ھەقلىق بولۇپ كىتىپتۇ،بولسا ھەقسىز ئاددىرىسنىمۇ تەمىنلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن.