iPhone دا ئاجايىپ-غارايىپ ئەپلەر ناھايىتىمۇ كۆپ. Remix your life ناملىق بۇ ئەپنى تۈردىكى ئەپلەرگە كىرەمدۇ يوق، يەنىلا ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ. لېكىن مەن مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ دەپ قارىدىم. چۈنكى بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزنى ئېچىپ باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نەرسىلەرنى ياساپ چىقالايسىز. ياساپ چىقىش چىقالماسلىقىڭىز پەقەت سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزغا باغلىق.
Smule دېگەن بۇ نامنى بۇرۇن ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ مەندە بۇ شىركەت ياسىغان ھەر خىل ئەپلەر بار. بىز Smule ئارقىلىق iPhone ىمىزنى ھەرخىل چالغۇ ئەسۋابلىرىغا ئايلاندۇرالايمىز. بۇ شىركەت مۇشۇنداق مۇزىكا ئېلمىنتى بار كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەپلىرىنى ياساپ ساتىدۇ. ئەپلىرىمۇ ناھايىتى بەك ئوماق.
بۈگۈنكىسى ئۇلارنىڭ تولىمۇ تەسەۋۋۇرغا تولغان بىر نەرسىسى بولۇپ، …. بولدىلا! ئارتۇق گەپنى قىلماي، فىلىمنىلا كۆرۈڭ. ھەممىنى بىلىسىز!
خوش خەۋەر!
بۈگۈن بۇ ئەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. ئەلۋەتتە iPhone ۋە iPad ھەر ئىككى نۇسقىسى ۋاقىتلىق ھەقسىزكەن. ئەگەر كۇلۇبقا ھەر ۋاقىت دىققەت بىلەن كېلىۋاتقان بولسىڭىز بۇ ئېسىل ئەپتىن ھەقسىز بەھرىمان بولغۇدەكسىز. قېنى ئەمىسە!
iPhone كۆرۈنمە يۈزى
بۇمۇ iPhone دىكىسىگە ئوخشاپ قالىدىكەن. چىقارمايلا قوياي. iPad ىڭىزدا چۈشۈرۈپ ئۆزىڭىزلا كۆرمەمسىز!
ئەپ ئىسمى : MadPad – Remix Your Life
ساتقۇچى : Smule
تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش
چوڭلۇقى : 19.6 MB
باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز. (ھەقلىق باھاسى قانچە بولغىيتى؟ :evil: )
iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى( iPhone ) :
iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى( iPad ) :









































دىۋانغىمۇ ھەقسىز ئەپكىمۇ ئۈلگۈرگىنىمدىن بەكمۇ خوشال بولدۇم ! رەھمەت سىز گە چۈشۈرۋاتىمەن !
دىۋاندا مەن ئولتۇرامەنمىكى دىسەم مەندىن چاققان چىققانلا باركەن ئەمەسمۇ!
ۋاھ ئاجايىپ ئىسىل ئەپكەن كۆپ رەھمەت چۈشۈرۋالدىم…
مەنمۇ. چۇشۇرۋاتىمەن. بولسا. مۇشۇ. دىۋان. دەيدىغان. تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىمەنە. سۆزلەرنى ئىشلەتمەي. پايدىلىق. بولغان يىڭى. بىلىملەرنى. ئوتتۇرىغا. قويساق………
مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن مۇشۇ شىركەتنىڭ ئەپلىرىنى… پىئانىنو، نەي دىگەندەك ھەممىسى بار… ماۋۇنىڭدا قانداق يېڭىلىقلار بار كۆرۈپ باقايچۇ قېنى…؟!
نەي دىگىنىڭىز قايسى ئەپ ؟ ئسىمىنى بىر دەۋەتمەمسىز . مۇشۇنداق ئادەمنى قىزىقتۇردىغان ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ بولسا بىر تەۋسىيە قىلۋىتىڭلار بۇرادەرلەر تەڭ بەھرىمان بولساق ،،،،،،…..
كۇلۇبىمىزدا App Store دىن ئىزدەش ئىقتىدارى بار. بەت ئاستىغا قاراڭ. شۇ يەرگە Smule دەپ ئىزدىسىڭىز مۇشۇ شىركەتنىڭ ئەپلىرىنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ. نەينىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي. http://itunes.apple.com/cn/app/id293053479?mt=8
ۋوي ، ماۋۇ بۇلىدىغان ئېسىل ئەپكەن جۇمۇ …
Sport جان، ئۆتكەندە پاسىبان QQ توپىدا مۇشۇ Smule نىڭ گېپىنى قىلسام ھېچكىم قىزىقمىدى…مۇشۇ نەينىڭ گىپىنى قىلغان مەن شۇ چاغدا…
بەك پەيزى ئىشقىلىپ……….
نەينى مەن 0.99$ دوللارغا ئالغان AppStore دىن…… بۇ نەي شۇنداقلا AppStore دىن پۇلغا سېتىۋالغان تۇنجى App بولىدۇ…
ئايتۇنىستا يانفوندىكى قىسقا ئۇچۇرلىرىمىزنى زاپاسلايدىغان ئەپلەر يوقمىدۇ. مەن ئىزدەپ تاپالمىدىم. ماۋۇ iTools نىڭ يېڭى نەشرىگە بۇ خىل ئىقتىدار قېتىلىپتۇ. بىر سىناپ باقاي قېنى.
يەنە بىرى Smule دېگەن شىركەتكە تەۋە يەنە بىر پەچەت ئەپ باركەن. ئۇنىڭ ئىسمى Magic piano. بۇ مەن ھازىرغىچە كۆرگەن ۋە قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققان ئىقتىدارى ۋە باشقا جەھەتتە ئەڭ مۇكەممەل دېيىشكە بولىدىغان ھەقسىز ئەپ. مەن ماۋۇ ئەپنى قاچىلاپ سىناپ ئىشلىتىش داۋامىدا بۇنىمۇ ئۇچرىتىپ قېلىپ ياقتۇرۇپ قالدىم.
iTunes نىڭ ئۆزىدىلا زاپاسلىسىڭىز بولمىدىمۇ؟ iTunes نىڭ ئۆزىدىكى بار ئىقتىدارنى ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئەپ قىلىپ ياساپ App Store غا چىقىرىپ ساتماسمىكىن دەيمىنا؟
ھەي مەندە بۇ ئەپ با جۇمۇ لېكىن مەن سېتىۋالغاندەك ئېسىمدە،ئۇنتۇپ قالدىم قانچىگە ئالغىنىمنى
كەيپىياتىم ناچار، ھازىر فرانسۇز تىلى دەرسىدىن كەلدىم، تېلېفون نومۇرۇمنى بىرسىگە توغرا دەپ بېرىشنىمۇ بىر ھەپتە مەشىق قىلسام بولىدىغان ئوخشايدۇ
تۇرمۇش نىمداق مەنىسىز!
ۋاي يەنە تىل ئۆگىنىۋاتاملا؟ چەتتە يۈرۈپ كۆنگەن ئادەم بىر جايىدا تۇرالماس بوپقالامدۇ نېمە؟ فرانسىيەگە چىقاي دېلىمۇ؟