بۇ خەق نېمە بولاۋاتىدىكىن تاڭ، iPad2 نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ھەممىسى ياخشى ئويۇنلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرىغا تۆككىلى تۇردى. ئايىغى ياراشتى جۇمۇ iPad2 نىڭ. Enigmo2 ئالما بازىرىدا ئىنتايىن بازارلىق ئويۇن بولۇپ، 2008-يىللىق Apple ئەڭ ياخشى ئويۇنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. AppStore دا 2.99$ دىن ھېلىھەم ياخشى سېتىلىۋاتقان ئويۇن ئىدى. بۈگۈن بۇ كاتتا ئويۇن سوۋغا سۈپىتىدە ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىپتۇ. فىزىكىلىق ئويۇنلارنى ئويناۋېرىپ ئالىم بوپ كېتىدىغان بولدىڭىزدە!
Enigmo2 (سېھىرلىك سۇ تامچىسى) ئويۇنى فىزىكىلىق سىر يېشىش تۈرىگە تەۋە. كاللا ئىشلىتىپ ئەقىل-ئىدراك چېنىقتۇرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئېگە. چوڭراق ياشتىكى بالىڭىزغا ماس كېلىدۇ. كۆرۈنمە يۈزى 3D لىك بولۇپ، بۇرۇنقى نەشىرىگە قارىغاندا كۆپ غايىۋانە لايىھەلەنگەن. قوشۇلغان مۇزىكىسى بىلەن قويۇق فانتازىيە تۈسىنى بېرىدۇ.
Enigmo2 غا Universal تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولغاچقا، iPhone ۋە iPad ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراقلا ھەر ئىككىسىگە ماس كېلىدۇ.
سىزگە بېرىلگەن ئوخشىمىغان قوراللار ئارقىلىق ھەرخىل رەڭدىكى سۇ تامچىلىرىنى ئوخشاش رەڭلىك قۇتىغا كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. سول تەرەپ ئاستىدا سىزگە بېرىلگەن سايمان-جابدۇقلارنى تاپالايسىز. ئارقا-ئارقىدىن 40 تامچە كىرگۈزىشىڭىز كېرەك. ئارىلىقتا ئۈزۈلۈپ قالسا قۇتىدىكى سۇ «قۇرۇپ كېتىپ» قايتا كىرگۈزۈش كېرەك بوپقالىدۇ.
ئويۇن GameCenter سۇپىسىنى قوللايدۇ. نومۇرىڭىزنى دوست-بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن رەتكە تىزالايسىز.
ئويۇن ئىسمى : Enigmo2
ياسىغان شىركەت : Pangea Software
قوللايدىغان سۇپا : Game Center
ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش
چوڭلۇقى : 11.3 MB
چۈشۈرۈش ئادرىسى : (ئايفون ۋە ئايپەد ئۈچۈن ئورتاق)
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار