ئالدىنقى تېمىدا قوللىنىش توغرىسىدا 高德导航 نىڭ بىر قىسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۈرەتلىك كۆرۈپ ئۆتكەن ئېدۇق. بۈگۈن بۇنىڭ داۋامىنى يوللاشقا نىسىپ بوپتۇ. ئاستىدا چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەندى.

يول باشلىغۇچنى قوزغاتقاندىن كىيىن سول تەرەپ تۆۋەندە 2 كونۇپكىنى كۆرىمىز. بىرسى ئىزدەش، يەنە بىرى دائىم ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارلار. 常用 (دائىم ئىشلىتىدىغان) نىڭ ئىچىگە قارىساق 添加自定义摄像头 (ئۆزىمىز بەلگىلەپ كامېرا قوشۇش) دەپ بىر جاينى كۆرىمىز. بۇ ئورۇن خەرىتىدە ئەسلى بولمىغان ئېلىكتىرونلۇق ساقچى ۋە ياكى سۈرئەت ئۆلچىگۈچ قاتارلىقلارنى قوشۇشقا ئىشلىتىدۇ. بۇنى باسقاندىن كىيىن سۈرئەت چېكىنى تاللاپ بېرىمىز.

بۇ قېتىمقى يول باشلىغۇچقا ماشىنا بىلەن يولغا چىقىدىغانلاردىن سىرت ئاپتۇبوس ۋە مېترو ئارقىلىق يولغا چىقىدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئىقتىدارنى قوشۇپتۇ. ئەگەر بىز ئاپتۇبوس ياكى مېترو ئارقىلىق سەپەر قىلماقچى بولسا 设置 نىڭ ئىچىدىكى 出行方式 دىن 公交&地铁 نى تاللاپ قويساق بولىدۇ.

بۇنىڭدا نىشاننى تاللاش ئالدىنقى تېمىدىكى ماشىنا بىلەن بارىدىغان نىشاننى تاللىغانغا ئوخشاش. تاللاپ بولغاندىن كىيىن ھېساپلاشقا باشلايدۇ.

تۆۋەندە مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتىدىن تىببىي ئۇنىۋېرستىتىغا بېرىش لىنىيەسىنى تاللىدىم.

بۇنىڭدا تەۋسىيە قىلىنىشىچە 111-يولغا ئولتۇرۇش كېرەك ئىكەن.

بارىدىغان بېكەتتە چۈشۈپ قالغاندىن كىيىن بىزنى يەنە پىيادە مېڭىشىمىزغا يول باشلاپ كېتىۋېرىدۇ.

پۈتۈن لىنىيەنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈپ باقايلى

مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. 2 قېتىملىق تېمىدا ئىشلىتىشتىكى ئاساسىي مەشغۇلاتلار تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. قالغىنىنى ئۆزىڭىز ھەپىلىشىپ تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋالالايسىز. ئاخشام بۇنى ئۆزۈم سىناپ سىنغا ئالغان ئېدىم. بۇنىمۇ قالدۇراي

高德导航 نى AppStore دىن چۈشۈرۈڭ. چۈشۈرۈش ئادرىسى :

بۇنىڭ باھاسى 14.99 دوللار. تۆۋەندە باشقىلار تەمىنلىگەن چۈشۈرۈش ئادرىسىنىمۇ قالدۇراي.  1-بولاق2-بولاق

قۇربىتىڭىز يەتسە ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋېلىپ قاچىلىغىنىڭىز ياخشى. شۇنى تەۋسىيە قىلىمىز. كىيىنكى ئادرىستىكى تەمىنلىگەن يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسى ئوخشاشلا IPA ھالىتىدىكى قاچىلاش بولىقى بولۇپ، تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز قاچىلىيالايسىز. Cydia دىن AppSyncدەپ ئىزدەپ سېستىمىڭىزغا ماس كېلىدىغان IPA يامىقىنى قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئەپ چوڭلىقى 1.7G دىن چوڭ بولۇپ، قاچىلىغىچە تەخمىنەن 10 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا iTunes تىن قاچىلىغۇچە تېلفۇن كېلىپ قالسا قاچىلاش توختاپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن 飞行模式 ھالىتىدە قاچىلىغايسىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



21 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئالامەت…… :good:

  2. مانا ….. پاسىباننىڭ iphone نىنىمۇ كۆردۇق….ئەمدى ئۆزىنىمۇ كۆرسەك بۇلاتتى…. :o))):

  3. كىيىن تەمىنلىگەن بۇلاقنىڭ ئىككىلىسنى چۇشۇردىغان گەپما؟ بىرسى1000mb يەنە بىرسى 700+mb كەن…

    • شۇنداق. جەمئىي 1.7 گېگابايت كېلىدۇ. ئىككىسىنى چۈشۈرۈپ خالىغان بىرنى يېشىمىز. ھەر بىرىنى ئايرىم ئايرىم يېشىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنى يەشسەك 1.7 گېگابايتلىق 1 دانە IPA ھۆججىتى پەيدا بولىدۇ.

  4. ئەسسالام پاسىبان ئەپەندى~!! بىر ئشىمغا ياردەم تەكلىپ بەرگەن بولسىڭىز. دەسلەپ cydiaدىكى بىر ھوججەتنى يىڭىلىغان بانا بىلەن تېلىفۇننىڭ سىگىنالى يۇقاپ كەتتى،ئاندىن مىڭ تەستە سىستىمىسىنى يىڭىلاتقۇزدۇم،لىكىن شۇنىڭدىن بىرى سىگىنال مۇقۇم ئەمەس ئارىلاپ ئارىلاپ无服务بۇلۇپ قالىدۇ،ھەتتا تورغىمۇ ئۇلانمايدۇ ئۇلانغان تەقدىردىمۇ بەكلا ئاستا.ئىچىمنى بەكلا سىقىۋەتتى،ئوڭشاشنىڭ ئامالى بولسا دەپ بەرگەن بولسىڭىز،سۈيۈنۈپ قالغان بۇلاتتىم~~~

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇلۇپى بار ئايفون بولسا UltraSn0w نى قاچىلىغاندىن كىيىن بەزىدە مۇشۇنداق بوپقالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھودۇقۇپ سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ئايفوننى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ (ئۈستىدىكى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى 4 سېكونت بېسىپ تۇرساق يانغا سۈرۈپ ئۆچۈرۈڭ دېگەن ئەسكەرتمە چىقىدۇ) قايتا قوزغىتىمىز ئوڭشىلىدۇ. ئوڭشالمىسا 2-قېتىم قايتا قوزغاتساق چوقۇم ئوڭشىلىدۇ. يەنە ئوڭشالمىسا UltraSn0w نى قايتا قاچىلاپ يەنە قايتا قوزغىتىمىز. سېستىمىنى قايتىدىن قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق. مېنىڭمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. لېكىن 1 قېتىم قايتا قوزغاتساملا ئوڭشىلىدۇ.

  5. ئەپەندىم……ئاۋۇ بەت ئۆرۈش ئۈنىمىنى نەدىن قوشتۇق….Cydia دىن تاپقانما؟ ئىسمى نىمە؟ قايسى مەنبەدە….بىر قالدۇرۋەتسىلە…ئالامەتكەن ئاۋۇ… Jay Freeman نىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن ھە…..

  6. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم ، ئۈگۈتۈش دەرىسلىكى شۇنداق تەپسىلىي بوپتۇ ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر .
    مۇمكىن بولسا ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ iTunes ھىساباتىغا تىزىملىتىشنى سۈرەتلىك دەرىس قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز ماڭا ئوخشاش دۆت تورداشلار بىر ئۈگۈنىۋالغان بولساق دىگەن ئۈمۈددىمەن . ( ئەلۋەتتە ئىلگىرى يوللانغان رەسىملىك يازمىڭىزمۇ ناھايىتى تەپسىلىي ئىكەنتۇق ، لېكىن ئاخىردىكى ئېنگىلىزچە يەرلىرىگە كەلگەندە سەۋىيەرىمىزنىڭ چەكلىك تۈپەيلى تىزىملىتالماي گاڭگىراپ قالىدىكەنمىز :appoint: )

    ھە راست ، ئىلگىرى بىلوگىڭىزدا ئېلان بار ئىدى ، ھەر قېتىم كىرگەندە چېكىپ قوياتتى ، بىر نەچچە كۈن بولدى ھىچ كۆرۈنمەيدۇ ، بولسا شۇنى كۆرۈنىدىغان قىلىپ قويسىڭىز………… :lol: ، ھەر قېتىم شۇنداق ئېسىل يازمىلار بىلەن تەمىنلەۋاتسىڭىز بىز سەل خىجىل بولۇپ قالىدىكەنمىز :shy:

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مېنىڭمۇ مۇشۇنداق ئويۇم بار ئېدى. بۇندىن كىيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەرسلىك خارەكتىرىدىكى تېمىلارنى تېخىمۇ جانلىق، ئوبرازلىق قىلىش ئۈچۈن فىلىملىك قىلىپ تەييارلاشقا تىرىشىمەن :bingo:

  7. ھەممەيلەنگە ئەسقاتىدىغان پايدىلىق يازمىڭىزنى ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىۋەتتىم . نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي :welcome: :cute:

  8. پاسىبانىم! ما تېلفۇنىڭىزدىكى بەت ئۆرۈيدىغان ئۈنۈم پەچەتكەنغۇ! :beauty: ئاستىدا 5 تال ئايكون تۇرامدۇ نېمە؟ :good: بىزمۇ بىلىپ قالىلى ئۇنداق قىلماي تىزراق يازىلى ماۋۇ ماقالىنى جۇما! قېنى ماۋۇ ئېلان :o))):

  9. چۇشۇرۇپ قاچىلىدىم…..راستىنلا قولايكەن…..جاپا تارتىپسىز…كۆپتىن كۆپ رەھمەت…. :rose:

  10. : يىرىم كۈننىڭ ياقى ھەپىلىشىپ بىر داۋخاڭلىق بوپقالدىم دە :o))): ئەمما قاچىلاپ قويسا جانغا ئەسقاتىدىغان ئەپكەن جۇما :good: …..جاپا تارتىپسىز :cute: كۆپتىن كۆپ رەھمەت :cute: مۇشۇنداق جانغا ئەسقاتىدىغان ئەپلەر ئۈزۈلۈپ قالمىغاي :vict:

  11. تۇلا كاماندىروپكىغا چىقىدىكەنلا ھە؟!…..مۇشۇنداق چاغدا جانغا ئالامەت ئەسقېتىپ قويدىكەن…. :good: قىينالمايلا 上海نى بىر چۆرگىلىۋېتىپلا ھە…..

  12. سىلە تەمىنلىگەن داۋخاڭنى پۇلغا ئالىمىزمۇ ياكى بولمىسا چۈشۈرۈپ قاچىلساق بۇلىۋىرەمدۇ ؟

  13. مەن 凯立德导航 نى قاچىلغان ئىدىم . مۇمكىن بولسا شۇنىڭدىنمۇ چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسڭىز ؟ ئىككىسىدىن قايسى ياخشى ؟

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش