كۆركەم كۆرۈنۈش، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق، كۆپ ئىقتىدارلىق … بۇ ئالاھىدىلىككە ئېگە قوڭغۇراق سائەت -  بۈگۈن ھەقسىز! بۇنى ھازىرغىچە ئەڭ ئېسىل قوڭغۇراق سائەت دېتالى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سىزگە لازىم بولغان ھەممە ئالاھېدىلىكلەرنى  ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. كۆرىنىشى كۆركەم، ھەرىكەتلىنىشى ناھايىتى راۋان. كۇلۇبىمىز ئالاھىدە تەۋسىيەسى. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چۈشۈرىۋېلىڭ.بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل. تولۇق ئىقتىدارلىق قوڭغۇراق سائەت، دۇنيا ۋاقتىنى كۆرىسىتىش ، قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئۆزى بەلگىلەش، ھاۋارايىنى كۆرسىتىش، RSS نى كۆرسىتىش، كالىندار كۆرسىتىش، ئايفون 4 نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ئارقا تەرىپىدىكى چاقمىقىنى يېقىش ۋە ئارقا سۇپىدا خىزمەت قىلىش قاتارلىق قوللىنىشچان ئىقتىدارلارغا ئېگە.

بىرقانچە پارچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

دېتال ئىسمى : Alarm Clock Rebel

ياسىغان شىركەت : App Beast, Inc.

چوڭلۇقى : 32.9 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : (ئەگەر ئايفوندىن چىققان بولسىڭىز بېۋاستە ئايفونغا چۈۈرۈپ قاچىلايدۇ، ئەگەر كومپىيۇتېردىن چۈشۈرسىڭىز iTunes تىن چۈشۈرىدۇ.)

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

ئەگەر كۇلۇبىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن ئازراق بولسىمۇ نەپكە ئېرىشكەن بولسىڭىز، كەلگەنلىكىڭىزنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە باھايىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. ئاللاھ خالىسا بىز سىلەرگە تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ ئەمەلىي قوللىنىشچان ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيمىز. :)

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



17 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. يىڭى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي! :naive:

  2. بەككلا ئىشلەتكۈم با،لكىن قىممەت .
    بىكەت باشلىقى مومكىن بولسا مۇشۇنڭ ئەرزان سىتىۋالغىلى بولىدىغان يول بولسا كۆرسەتسىڭىز. :cry:

    • نېمىنى دەيسىز؟ بۇ ئويۇنغا ھازىرچە پۇل كەتمەيدۇ. پەقەت iTunes ھېساۋاتى كېتىدۇ.
      ئەگەر ئايفوننى دېگەن بولسىڭىز بۇ راستىنلا سەل قىممەت. 2-ئەۋلاتنىڭ 8 گېگابيت كېلىدىغانلىرىنى تەخمىنەن 3،500 يۈەنلەرگە ئالغىلى بولىدۇ يېڭىسىنى. تۇرىۋاتقان يېرىڭىزدىكى ئىككىنجى قول تېلفۇن بازىرىنىمۇ ئارىلاپ كۆرۈڭ. پاكىزرەك تۇتقانلىرى بولسا ئۇنىڭدىمۇ ئەرزان توختايدۇ.

  3. ئۇنداق بولسا يەنىلا كىچىك زىرەكنى ئىشلىتىپ تۇراي!

  4. مەن بۇ سائەتنى itunes قا چۈشۈرگەن بولساممۇ لىكىن ئايفۇنۇمغا چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن ! تېخى قاچىلاقلىق قۇرئانلارنى يۇيۇۋەتتى !

  5. ئەمدى قاچىلىدىم لىكىن ھەرخىل قۇرئانلار باتى يۇيۇلۇپ كەتتى ، ئەمدى قەيەردىن تاپارمەن ئۇنى ! بولسا ياردەم قىلىڭە ، ماڭا بەك لازىمتى قۇرئانلار !

    • iTunes نى ئېچىپ ئايفوننى چاتقاندىن كىيىن سول تەرەپتىكى كۆزنەكتە ئايفون كۆرىنىدۇ. ئۇنى باسساق شۇ ئايفونغا مۇناسىۋەتلىك تەڭشەك كۆزنىكى ئوڭ تەرەپتە كۆرىنىدۇ. ئۇنىڭغا قارىسىڭىز ئۈستىدە 同步应用程序 دېگەندەك بىر يەرنى كۆرىسىز. شۇ يەرنى بېسىپ ئايفونغا iTunes تىكى پروگراممىلارنى ماسقەدەملەشتۈرىمەن دېگەن تۈرنى توغرا قىلىپ تاللىساق iTunes نىڭ ئىچىدىكى (يەنى سىز iTunes ئارقىلىق چۈشۈرگەن ) ئويۇنلار ۋە پروگراممىلار ھەممىسى كۆرىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قاچىلايدىغانلىرىنى تاللاپ بولۇپ، ئاستىدىكى 同步 دېگەننى باسساق ئايفونغا ئويۇنلارنى قاچىلايدۇ. لېكىن، سىزنىڭ iTunes تا يوق بولغان، بۇرۇنقى ئايفوندىكى ئويۇن ياكى پروگراممىڭىز بولغان بولسا (بۇنى سىز چوقۇم باشقا ھېساۋات ئارقىلىق ئايفونغا چۈشۈرۈپ قاچىلىدىڭىز ھەقىچان) ئۇلار يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ماسقەدەملەشتۈرگەندە iTunes نىڭ ئىچىدىكى پروگراممىلار بىلەن ئايفوندىكى پروگراممىلار ئوخشاش بولىدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا ئايفوندىكىسى يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. سىز بۇنى قايتىدىن iTunes ئارقىلىق چۈشۈرىشىڭىز كېرەك (ئۆزىڭىزنىڭ يېڭى تىزىملاتقان ئۆزىڭىزگىلا تەۋە بولغان Apple ID رىڭىز بىلەن چۈشۈرۈڭ) .

    • قۇرئاننى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئىسمىنى بىلسىڭىز ئىزدىسىڭىزلا ھەممىسى چىقىدۇ. ئۇ بەتتىكى View in iTunes دېگەننى باسساق iTunes كۆرىنىدىغانلىقىنى بىلىسىز ھەقىچان. ئاندىن رەسىمىنىڭ ئاستىدىكى FreeApp ياكى خەنچە بولسا 免费应用程序 دېگەننى باسسىڭىز چۈشۈرىدۇ.

    • بىز 同步 قىلغان ۋاختىمىزدا ئايتۇنىستا ئايفوندىكى سېتىۋالغان پىراگراممىنى ئايتۇنىسقا قاچىلامدىم دەپ بىر كۆزنەك كۆرۈنەر ئىدى،شۇ ۋاقىتتا مۇقىملاشتۇرىۋەتسەك تېلفوندا بار ئايتۇنىستا يوق پىراگراممىنى ئايتۇنىسقا قاچىلايتى.(بۇ ياكى مەن بىرلام تىزىملاش نۇمىرى ئىشلەتكەنلىكىمدىن بولغانمىدۇ؟)

    • شۇنداق. ئايفوندا چۈشۈرگەن نەرسىلەرنى ئايتۇنىسنىڭ ئامبىرىغا كۆچۈرۈش كېرەكمۇ ئەمەس شۇنى سورايدۇ. چۈشۈرگەن نەرسىلەر كومپىيۇتىردا ساقلانسا بىخەتەررەك بولىدۇ ئەمەسمۇ. ناۋادا ئايفوننىڭ سېستىمىسى بۇزۇل كېتىپ قالسا پۇلغا ئالغان ئويۇنىمىز يوقاپ كېتىدۇ دېگەن گەپ.

  6. زىرىكمەي جاۋاپ بەرگەنلىرىگە كۆپ رەخمەت !

  7. ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم . مەندە ئايفۇن 4 بار ئىدى . ئىچىگە word ھۆججەتلىرىنى قاچىلاپ كۆرەي دىگەن ئىدىم . بۇنىڭ ئۈچۈن ئوفىس دىتاللىرىدىن بىر نەچچىنى قاچلىدىم لېكىن مەن قاچىلىغان ۋورد ھۆججەتلىرىنى زادىلا تاپالمىدىم بۇ نىمە ئىشتۇ ياردەم قىلغان بولساڭلار رەھمەت

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز قايسى دېتاللارنى قاچىلىدىڭىز؟ ئوفىس ھۆججەتلىرىنى قەيەرگە قانداق قىلىپ قاچىلىدىڭىز؟
      Quickoffice Connect Mobile Suite دەيدىغان بىر دېتال بار. بۇ جەھەتتىكى ھاجىتىڭىزدىن تامامەن چىقىدۇ. لېكىن دوللارغا ئالىمىز. 91 تېلفۇن ياردەمچىسىدىن، ياكى ماۋۇ بەتتىن يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

  8. دەل مەن مۇشۇ دىتالنى چۇشۇرگەن ئىدىم. لېكىن كومپيۇتىردىكى ۋورد ھۆججىتى 91 تىلفۇن دىتالى بىلەن 我的文档نىڭ ئاستىغا قاچىلىغان ئىدىم. لېكىن تىلفۇننىڭ ھېچيەردىن تاپالمدىم. كومپىيوتىردا قارسام بار

    • جايىنى تېپىپ قويالمىغان ئوخشايسىز. 91 دىكى 我的文档 بىلەن بۇنىڭدىكىسىنىڭ ئورنى ئوخشىمايدىغۇ دەيمە ئېسىمدە قېلىشىچە. تېلفۇنىڭىزدا نېمە كۆرۈنگەن بولسا شۇنى بىلىۋېلىپ 91 ئارقىلىق شۇ ئىسىملىك ھۆججەتلەرنى ئىزدىسىڭىز تاپالايدۇ ئەمەسمۇ؟ ئاندىن شۇ جايغا كۆرىدىغان ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈپ قويۇڭ. ئىش تامام.
      بۇ بولىدىغان دېتال. بىۋاستە WiFi تورى بىلەنلا قىسمى تور ئارقىلىق تېلفۇنغىمۇ چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئايرىم تېما قىلىپ تەپسىلىيرەك توختىلامەن.

  9. بۇنىمۇ كۆرۈپ باقايلى قېنى ، يېڭى تېمىلار ئۈزۈلمىگەي ، مېنىڭمۇ قەدەملىرىم ئۈزۈلمىگەي ……. :lol:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش