دورامچۇق ئويۇنلىرىنى ئويناپ باققان بولىشىڭلار مۇمكىن، ئىنتايىن قىزىقارلىق. Outfir7 نىڭ مۇشۇنداق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى بار. ئالما دۇكىنىدىن ئاشۇ ئىسىمنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسەك ھەممىسى چىقىدۇ. بۈگۈنكىسى بۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى Talking Rex the Dinosaur. بۇ شىركەت ياسىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك Talking XXX دېگەن نامدا. باشقا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەقسىز نۇسخىلىرىمۇ بار. لېكىن ھەممىسى Lite . تولۇق ھەقسىز دېگىلى بولمايدۇ. بۈگۈن چۈشۈرەلەيدىغان بۇ دېنوزاۋۇر پۈتۈنلەي ھەقسىز، ھەم تولۇق ئىقتىدارلىق.بۇ دېنوزاۋۇرنىڭ ئىسمى Rex ، ئاۋازى بومراق (پى-پىدەك چىقسا بولامدىكى ) . ئۆزى ۋەھشى ھايۋان بولغىنى بىلەن سىپايە ئاۋازدا سىزنى دورايدۇ. تىللىسىڭىز تىللايدۇ، ماختىسىڭىز ماختايدۇ. كۈلسىڭىز كۈلىدۇ، يەنە كۈلسىڭىز يەنە كۈلىدۇ، سىز ھارىسىز ئۇ ھارمايدۇ. ھەم ھەممە گەپنى دىيەلەيدۇ. ئەگەر 3~4 ئادەم بىر يەرگە كېلىپ چۆرىدەپ بۇنىڭغا گەپ قىلسا بۇ بىز دېگەننى قايتىلاپ بىزنى دورايدۇ، ئىشقىلىپ بەكلا قىزىق بۇنداق ئويۇنلار. كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئويۇنلارغا كىرىدىغان بۇنداق ئويۇنلارنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن يەنە بىرسى بار ئېدى، ئىسمى SmackTalk دەيدىغان. ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ياسىغان دورامچۇق ھايۋانلارنى تۇتساق ياكى ئۇرساق بەزىبىر قىزىقارلىق ھەرىكەتلەرنى چىقىرىدۇ. بارلىق ھەرىكەت ۋە ئاۋازلارنى سىنئالغۇغا ئېلىپ YouTube, Facebook لارغا يوللاپ باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىشكە بولىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى. گەپ قىلىسىز گەپ قىلىدۇ، قۇيرۇقىنى تۇتسىڭىز سىزنى يىمەكچى بولىدىكەن. چىشىغا تېگىۋەرسىڭىز غەزەپلىنىپمۇ قويىدىكەن. ئەگەر سىلىسىڭىز راھەت ھېس قىلامدىكى، خوش بوپ كېتىدىكەن.
بىرقانچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
ياسىغان شىركەت: Outfit7
ئويۇن ئىسمى: Talking Rex the Dinosaur
ئويۇن تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش
قوللايدىغان سۇپا: Facebook, YouTube
چوڭلۇقى: 17.1 MB
چۈشۈرۈش ئادرىسى: (ئايپەدكە چۈشۈرىدىغانلار بۇيەرنى بېسىڭ)
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
چۈشۈرىۋالدىڭىزما؟ ئىنكاس يازسا پۇل ئالمىغاندىكىن قورقماي يازىلى دەيمە!









































مەن بۇنى 91手机助手 for iPhone دىن چۈشۈرۋالغان ئىدىم . بۇنىڭغا ئوغلۇم بەك ئامراق .
قۇيرىقىنى تۇتقاندا قولۇمنى چىشلىۋالىدىغان ئاۋۇ ھەرىكىتى بەك ئىسىلكەن. تۇنجى قېتىم راسلا قورقتۇم مەن.
تازا ئوخشىتىپ دوراپ بالامغا كۆرسىتىپ قويغان بولسام كۈلۈپ ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ قالاتتىكەن. مۇشۇنداق نەرسىلەرگە بەك ئامراق ئۇ.
تەۋسىيە، ئىلاج بار 91 تېلفۇن ياردەمچىسىغا ئوخشاش pxl قۇيرۇقنامدىكى ئويۇنلارنى قاچىلىماڭ. ئۇ قولايدەك بولغىنى بىلەن IPA دەك بېخەتەر ئەمەس. سېستىما مۇقۇملىقىغا بەلگىلىك تەسىرى بار. يەنىلا ئەسلى نەشىردىكىسىنى قانۇنلۇق چۈشۈرۈڭ. پەقەت بولمىغاندا توردا IPA نىڭ يېشىۋىتىلگەن نۇسخىلىرى بولىدۇ. ئاشۇلارنى iTunes ئارقىلىق قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
مەن iTunes تىن ئايفۇنۇم غا چۈشۈرۈشنى بىلەلمەيۋاتىمەن ! شۇ توغرۇلۇق مەخسۇس بىر تىما يوللانسا بولاتتى !
ئاللا خالىسا بۈگۈن يوللايمىز.
iTunesتىن ئايفونغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن 同步 قىلىدىغان مەزمۇنلاردىن同步应用程序 نى تاللايسىز. ئاندىن ئاستى تەرەپتە كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈلگەن ئايفون پروگراممىلىرى كۆرىنىدۇ. ئارىسىدىن قاچىلايدىغانلىرىنى تاللاپ同步 قىلىۋەتسىڭىزلا ئايفونىڭىزغا قاچىلايدۇ
مەن چۈشۈرەي دىسەم ھەقلىق بولۇپ كىتىپتۇ. ئايپەد نۇسقىسى كىرەك ئىدى ماڭغا