ئايفونىڭىزغا دورامچۇقلار ئائىلىسىدىن ھېچ بولمىسا بىرەر دانە بولسىمۇ قاچىلانغانغۇ دەيمەن؟ بۈگۈن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان بۇ خانقىزمۇ ناھايىتى ئوماق دورامچۇقنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە مەن بىلىدىغان دورامچۇقلار ئىچىدە ئەڭ ئوماق قىز جىنسىدىكى دورامچۇق ھېساپلىنىدۇ.
ئەڭ دەسلەپ مەن بۇنى باشقىلارنىڭ تېلىفۇنىدا كۆرگىنىمدە بۇ خانقىزنىڭ پۇتىنى باسقاندا ئۇيغۇرچە «ۋوي» ، «ۋوي» دېيىشى مېنى بەكلا قىزىقتۇرغان ئىدى. بۇ بەكلا كۈلكىلىك، كىشىنىڭ تولىمۇ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى.
ھەيران بولغىنىم، بىزدىن باشقا يەنە قايسى مىللەت «ۋوي!» دەيدىغانلىقى بولدى. بۇ خانقىز قىزچاقلىقىغا تولىمۇ ماس كەلگەن ئوماقلىقى، تاتلىق ئاۋازى بىلەن سىزنى چوقۇم مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. تام مۈشۈككە ئوخشاش يىگىتلەرنىڭ دوراشلىرىدىن زېرىككەن بولسىڭىز بۇنى چوقۇم قاچىلاپ قويۇڭ.
كىچىك ئۇكىلىرىڭىز ياكى بالىلىرىڭىز بولسا چوقۇم خوش بوپقالىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇممۇ شۇنداق ئامراق. بۇنىڭمۇ ئوخشاشلا پۇت-قوللىرىنى، چىشىنى باسسىڭىز ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بېشىدىن ئاستىغىچە سىلىسىڭىز كۈلىدۇ. ئەسلى نەشىرىنى چۈشۈرسىڭىز باشقا ھەرىكەتلىرى پۇللۇق. ئاستىدا مەن تەمىنلىگەن ئادرىستىن چۈشۈرسىڭىز يېشىۋەتكەن نۇسقىسى بولۇپ، تولۇق ھەرىكەتلىرى بار. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرغان بولىشڭىز ۋە Cydia دىن مۇناسىۋەتلىك ياماقنى قاچىلىۋەتكەن بولىشڭىز كېرەك.
خوش، قالدى گەپنى ئۆزىڭىز چۈشۈرۈپ سىناپ باققاندىن كېيىن سىزدىن ئاڭلايلى.
ئويۇن ئىسمى : Talking Lady Bug
ياسىغان شىركەت : Hu Yaqiong
ئويۇن تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش
چوڭلۇقى : 44.0 MB
App Store دىن چۈشۈرۈش ئادرىسى :
يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ : (115 تور دېسكىسى)
يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ : (DBank تور دېسكىسى)
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































ۋاي نىمدا چىرايلىق … بولامدۇ نىمە … بىر تۇرمىدىن قاچۇسام بولتىى مەن … قايسى تىمىلىرىڭىزنى كۆسەم تۇرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇپ چاتاق چىقىپ قاسا سىستىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۇرالايمەن شۇنى بىر دەپ بەسەڭلار …
ئابدۇراخمىناجىم بۈگۈن كېلىپ 1 نى بولسىمۇ ھىڭگىيىپلا! يېڭىلىققا ئوتان بولسا ئوشتىۋېتىدىغان ئىشتى… يېنىمدا ئوتان يوق…
3 ئەۋلاد قوتوسىغا ئىشلەمدۇ؟
1-ئەۋلادقىمۇ بولىدۇ. ئالمىدا ئاساسەن سېستىما نەشىر تەلىپى بولىدۇ. شۇنىڭدىن يۇقىرى بولسىلا نەچچىنچى ئەۋلاد بولسا بولىۋېرىدۇ.
ماۋۇ ئويۇن ماڭا ماس كېلىدىغان چىراي
بۇ قىز چاقنىڭ سۈر ئىتى بەك تىزكەن.. گەپنىڭ بىشىنى چىقىرىپ توختىتىپ بوغىچە.. ئاخىرىنىلا دورايدىكەن تەڭشەيدىغان يىرى بامۇ يا…
مۆمكىن بولسا بۇرۇنقى دورامچۇقلارنىڭ يىشىۋىتىلگەن نۇخسىنى تاپساق بولاتتى….
مىنىڭ تەكلىۋىم پاسىبان ئەپەندىم دىن باشقا ئالمىچىلارمۇ ئۆزىمىز ياختۇرغان ياكى ئىشلىتىۋاتقان ئىسىل، ھەقسىز ئۇيۇن، ئەپلەرنى تەمىنلەپ، تۇنۇشتۇرۇپ ئايفونىمىزنى تىخىمۇ قوللىنىشچان قورالغا ئايلاندۇرساق بولاتتى….
مۇشۇ تەكلىۋىمنىڭ دەلىلى ئۈچۈن ئۆسۈملۈك ۋە مۇردا ئويۇنىنىڭ ئايفون ھەقسىز نەشرى كىرەك بوغانلار غا ئەۋەتىپ بىرەي
ئوتان بولمىسا ياغاچ چوكا بولسىمۇ بولاۋىردا.
ئۆيدە ئاليۇمىن چوكا ئىشلىتىۋېتىپتىكەنمىز