دورامچۇق مۈشۈك تام – دورامچۇقلار ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن چىققان ۋە ئەڭ يۈز تاپقان ئەرمەك ھايۋان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ مۈشۈكنى Outfit7 شىركىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مۈشۈك خەلقئارادا چوڭ يۈز تېىپىپ كوچىدىكى سەرگەردان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەشەمەت ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇدەك…

بىچارە بوزەك تام ئەسلىدىنلا قورقۇنچاق بولغاچ بىزدىن تولا مۇش-پەشۋا يېسىمۇ گەپ قىلماي تۇراتتى. كېلىپ-كېلىپ قوشنا-خۇلۇملىرىمۇ بۇنى بوزەك قىلىپ قورقىتىدىكەن.

قوشنىلىرى كىم بولماقچىدى، يەنە شۇ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تونۇشتۇرغان كەپسىز كۈچۈك بەن بولمامدۇ؟ كەينىگە ئۆتىۋېلىپ خالتىنى  پارتىلاتسا بىچارە تامنىڭ بولىشى مۇشۇ!

يەنە خېلى كۆپ يېڭىلىقلار بار. بۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن؟ كۆپچىلىك تام بىلەن خېلى كونا بۇرادەر.

قالغان يېڭىلىقلارنى ئۆزىڭىز چۈشۈرۈپ بىر كۆرىۋەتمەمسىز؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ تامنى قارشى ئالايلى!

ئويۇن ئىسمى : Talking Tom 2

ياسىغان شىركەت : OutFit7

ئويۇن تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش

چوڭلۇقى : 35.8 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

دورامچۇق تام 2  نىڭ يېشىش ئۇسۇلى

بۇنى App Store  دىن چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز يېشىۋەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىپ appSettings.plist ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ يېشىڭ. ئاندىن iTools  ئارقىلىق قاچىلانغان بۇ ھۆججەتنى قاپلىۋەتسەك ئىش تامام. iTools قا ئۇلىغاندىن كىيىن سول تەرەپتىن 文件管理 نى تاللاڭ، ئاندىن 程序(用户) نى تاللاڭ. ئوڭ تەرەپتە سىز قاچىلىغان ئەپلەرنىڭ ھەممىسى كۆرىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سىز قاچىلىغان Talking Tom 2  نى تېپىڭ. ئاندىن ئىچىدىن Documents دېگەن بىر ھۆججەت قىسقۇچ بار. شۇنىڭ ئىچىنى ئاچسىڭىز بايىقى چۈشۈرۈش تەمىنلىگەن appSettings.plist نامدىكى ھۆججەتنى كۆرىسىز. چۈشۈرگەن بۇ ھۆججەتنى قاپلىۋەتسىڭىز ئىش تامام!


无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



35 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. .ئەسسالام پاسىبان ئەپەندى؟ ياخشى تۇرىۋاتقانسىز؟ مەن يەنىلا شۇ تېلىفۇنۇمنىڭ pushiئىقتىدارىنى ئوڭشىيالماي ئاۋارە. خەنزۇچە تور بەتلەدىن مۇشۇنداق ئەھۋاللانى كۈرۈپ باقسام بەزىلىرى قۇلپىسى با تېلىفۇنلادا ئىشلىمەيدۇ دىگەندەك يەنە بەزىلىرىدە push doctorدىگەننىcidyaدىن قاچىلىسا ئوڭشىلىدۇ دىگەندەك پاراڭلانى قىپتۇ(لىكىن cdyaدىن ئۇنداقpush doctorدەيدىغان نەرسىنى تاپالمىدىم).قانداق قىلسام ئوڭشىلا دەپ قىلمىغىنىم قالمىدى(سەۋىيەم ھەم چەكلىك بولغاچقا)يەنىلا ئوڭشىيالماي بەك ئاۋارە بوپ كەتتىم.بۇ ئالمىنى ئەڭ ياخشىسى ئالمىسا بۇلىدىكەن ئالسىلا ئىچىدە با بولغان ھەممە يىڭىلىقلادىن ھۇزۇرلانساملا دەپ ئويلايدىغان گەپكەن.‹ئايلىنىپ ئايلىنىپ ئوز ئۇقۇرىنى تاپا›دەپ يەنىلا سىزگە دەدىمنى توككىلى كەلدىم.ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز.زادى نىمە سەۋەپتىن مىنىڭ تېلىفۇنۇمنىڭ pushئىقتىدارى ئىشلىمەيدىغاندۇ؟؟ مەن مۇشۇ ئىقـتىدارىنى دەپ 2-ئەۋلاتنى3-گە ئالماشتۇرغانتىم.قېيىشقاننىڭ ئانىسىنى ئال دىگەندەك ئىش بولدى دىسە….

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىزنىڭ مەسىلىڭىزنى سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم. بىرەيلەن مۇشۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققان ئىكەن. سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ، ئاكتىپلىغاندا AT&T نىڭ كارتىسى بىلەن ئاكتىپلاش كېرەك ئوخشايدۇ. بىر ئازدىن كىيىن شۇ كىشى سىزگە ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ.

  2. ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى … مىنىڭ ئايپون تىلفۇنىمدا يىڭى ئالغاندا قاچىلىغان نۇرغۇن ئويۇن ھەم ئىقتىدارلار بارتى …ئۇنى تىلفۇن ئالغان يەردىن قاچىلىغان . يىڭى نەرسە قاچىلاي دىسەم ئىتۇنىس ھەمبەبىرلەشتۇرىۋەتسە ئىچىدىكى نەسىلەرنىڭ يوق بوپ كىتىشىدىن قوقتۇم …بۇنىڭغا بىرەر ئۇسۇل بامىدۇ . تەپسىلىرەك چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز …

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇنىڭ بىردىن بىر ئۇسۇلى سىز ئاشۇ ئويۇنلارنىڭ IPA ھالىتىدىكى ئەسلى ھۆججىتىنى تېلىفۇن ساتقان جايغا بېرىپ كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ، كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ iTunes ئامبىرىغا قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. iTunes ئامبىرىدىكى قاچىلاش ھۆججەتلىرى ئادەتتە ھۆججەتلىرى مۇندەرىجىسى ئاستىدا بولىدۇ. My Documents\My Music\iTunes\Mobile Applications ئادەتتە مۇشۇ مۇندەرىجىدە بولىدۇ. كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ مۇشۇ يەرگە قوشىۋېتىڭ. ئەگەر بۇ نەرسىلەر ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ھېساۋات نومۇرى بىلەن چۈشۈرگەن ئويۇنلار بولسا ئۇنىڭ ھېساۋات نومۇرىنىڭ مەخپى نومۇرىنىمۇ بىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر يېشىۋەتكەن ئەپ بوپقالسا مەخپى نومۇر ھاجەتسىز. خالىغانچە قاچىلايسىز

  3. قاچۇرمىغان بولسا قاچىلىغىلى بولمامدا ئۇنى ….

  4. ۋاي، يېڭى گەپكەنغۇ بۇ ،
    پۇش ئىقتىدارى دىگەن قانداق ئىقتىدار ئۇ ، ياخشى نەرسىدىن بىزمۇ قۇرۇق قالمايلى ،

    • PUSH دېگەن ئالمىنىڭ خاس تەتقىق قىلىپ قوللانغان پاتېنتلىق تېخنىكىسى بولۇپ، ئايفون Wireless ياكى 3G ۋە ياكى باشقا خىلدىكى ھالەتتە تورغا ئۇلانغان شارائىتتا ئالمىنىڭ مۇشۇ PUSH مۇلازىمېرىغا ئاپتۇماتىك ئۇلىنىدۇ. PUSH مۇلازىمىتېرى بولسا ئەپ ياسىغان شىركەت بىلەن ئايفونڭىز ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مۇلازىمېتىر. ئەپ ياسىغۇچى شىركەت مۇشۇ مۇلازىمېتىر ئارقىلىق سىزنىڭ ئايفونىڭىزغا قىسقا ئۇچۇرغا ئوخشاش ئەسكەرتمە ھالەتتە ئۇچۇر يوللىيالايدۇ. مىسالغا ئالساق، تېڭشۈن شىركىتى QQ نى مۇشۇ PUSH ئىقتىدارىنى قوللايدىغان قىلىپ ياسىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايفونىڭىز تورغا (ئېنىقىنى قىلغاندا PUSH مۇلازىمېتىرىغا) ئۇلانغان ھالەتتە QQ دا بىرەر دوستىڭىز سىزگە گەپ قىلغان بولسا، دەل شۇ پەيتتە تېڭشۈننىڭ مۇلازىمېتىرى PUSH مۇلازىمېتىرىغا ئۇچۇر يوللايدۇ-دە، PUSH ئارقىلىق ئايفونىڭىزدا QQ دا خەت تاپشۇرىۋالغانلىق توغرىسىدا ئەسكەرتمە بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئايفوندا QQ نى ئېچىپ قويىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. QQ نىڭ PUSH تورىدا تۇرۇش ئۈنۈملىك ۋاقتى 48 سائەت. يەنى سىز ئايفونىڭىزدا QQ نى ئېچىپ 48 سائەتكىچە مۇشۇ PUSH ئىقتىدارىدىن بەھرىمەن بولالايسىز. مۇشۇ 48 سائەت ئىچىدە ئايفونىڭىز تورغا ئۇلانغان شارائىتتا QQ رىڭىز ئوچۇق بولسۇن بولمىسۇن ئەسكەرتىۋېرىدۇ. لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، PUSH مۇلازىمىتىرىغا ئۇلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرلىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئايفونىڭىزدا تور شارائىتى ھازىرلانغان بولىشى كېرەك. چۈشۈنىشلىك بولدىمېكىن؟

  5. @TUMAN
    (Push(推送 ئىقتىدارى ھەرقانداق iPhone ئۈچۈن ، ھەرقانداق iOS نەشىرىدە(مەسىلەن Multitasking خەنزۇچىسى 多任务处理 نى قوللىمىغان بۇرۇنقى نەشىرلىرىدىمۇ) نورمال ئىشلەيدۇ. بىرىنجى ئەۋلات iPhone دىمۇ ئىشلەيدۇ. ئوخشاشلا ئامېرىكا نۇسقىسى(美版) دىمۇ يەنى قۇلۇپىنى ئىچىش(解锁) ئارقىلىق ئىشلىتىۋاتقان تىلىفوندىمۇ ئىشلەۋىرىدۇ. مەسىلەن مېنىڭ iPhone ىممۇ ئامېرىكا نۇسقىسى Push ناھايىتى نورمال، مەن بۇنى ئېلخەت پروگراممىسى(Mail) دە ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتىمەن.
    ئەمدى سىزنىڭ بۇ Push ئىشلىمىگەن بولسا كۆپۈنچە ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكا نۇسقىسى(美版)دە iPhone غا يېىڭى سىستىما قاچىلاپ بولۇپ 激活 قىلىدىغان چاغدا چوقۇم ئامېرىكىنىڭ AT&T نىڭ SIM كارتىسىنى(ياكى توردىن ئۆزى ياسىۋالغان 通用激活卡 نى سىتىۋىلىپ) ئىشلىتىپ 激活 قىلىشىمىز كىرەك. ئەگەر سىز ئۇنداق قىلماي باشقا ئۇسۇلدا 激活 قىلغان ، ياكى بەزى قۇراللارنى ئىشلىتىپ 激活 قىلىشتىن ئۈتۈپ كەتكەن بولسىىڭىز، ياكى 自制固件 نى ئىشلىتىپ 激活 قىلمىغان بولسىڭىز ئەلۋەتتە ئىشلىمەيدۇ. چۈنكى بۇ بىۋاستە Push ئىقتىدارىنىڭ قوزغالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئەگەر سىز نورمال سىستىما قاچىلاپ ھەم، قائىدىلىك 激活 قىلغان بولسىڭىزمۇ يەنە ئىشلىمىگەن بولسا Cydia دىن Push Doctor نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بېقىڭ. Push Doctor نى iPhone中文网 نىڭ Cydia دىكى 源 سىدىن تاپالايسىز، ئادىرىسى: http://iphone.tgbus.com/cydia/
    سىز يەنەApp store دىن iPush Test دىگەن App نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تېلېفونىڭىزنىڭ Push ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىڭ ، بۇ App مەخسۇس شۇ Push نى ھەرخىل جەھەتلەردىن سىناپ كۆرەلەيدۇ. بەلكىم سىزنىڭ تېلېفۇنىڭىزنىڭ Push ئىقتىدارى نورمال، پەقەت مەلۇم پروگراممىلاردا ئىشلىمەي قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

    Q:为什么我收不到Push?如何解决?
    A:有如下几种可能性:
    1,手机的通知功能已关闭。请到“设置-通知”中查看通知是否已经打开,是否允许该程序使用通知服务。
    2,本身机器Push功能就不正常,可以下载iPush Test这个免费的应用来检测一下你本机的Push功能是否正常。
    3,如果一切正常就是收不到Push,可以在先关闭该程序Push(通知)开关再打开,或删除该程序后重装一次试试

    ئەگەر يەنە بولمىسا تېلېفۇنىڭىزنىڭ سىستىمىسىنى قايتا قاچىلاپ، بولسا ئەڭ يېڭى نەشرى(4.3.3)گە يېڭىلاپ سىناپ بېقىڭ.

  6. ئەجرىڭىزگە كوپ رەخمەت!! سىزنى ئاۋارە قىپ قويدۇم!!قانداق 激活قىلغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن چۈنكى سىستىما قاچىلاش ياكى يەشىرىنى يىڭىلاش دىگەندەك جەريانلانى تۇلۇق قىلالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ ئادەتتە شۇ ئايفون رىمۇنۇتچىلىرىغا تايىنىمەن(لىكىن شۇنداق ھىس قىلىمەن:ئۇ رىمۇنۇتچى باكلا ئىپتىداى ئۇسۇلدالا سىستىما يىڭىلايدۇ،) ئۇزۇم قىلالمىغاندىكىن ئۇنىڭ قىلىپ بەرگىنىدىن خوش بۇلۇپ يۇرىدىغان گەپكەن. ئۇستىلانى تېپىپ قايتا سىستىما قاچىلاپ سىز دىگەندەك سىناپ باقسام بولغۇدەك!!! كوپـۆپتىن كۆپ رەخمەت سىزگە!!!!!!!!!!

  7. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،

    پاسىبان ئەپەندى، بۇرۇن نوكىيا ئىشلەتكەندە سەل چاتاق چىقسا قاتتىق فورماتلاپلا قۇتۇلاتتىۇق ،
    ئايفۇندا شۇنداق ئىقتىدار يوقمۇ ؟ يەنى ئايتۇنىسقا چېتىپ يۈرمەيلا يانفۇننىڭ ئۆزىىدە تۇرۇپ ، يانفۇننىڭ سېستىمىسىنى نۆلگە ئېپكلىدىغان ئۇسۇل بارمۇ ؟

  8. ئەسسالامۇ ئەلەييكۇم،

    نەچچە كۈندىن بۇيان iphone 3Gs 8GB نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ، سىز تېمىدا قالدۇرغان ياماقلارنى قاچىلاپ كۆرگەنلەرنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك قىلىۋالدىم،
    رەھمەت … بولسا يەنە مۇشۇنداق ئېسىل نەرسىلەردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغايسىز .

    مەن سىز تورخۇمار بېتىدە كۆرۈپ ئىنكاس قالدۇرغان ئايفۇن ئېكرانىدا 3D ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان ياماقنى قاچىلىغان ئىدىم،
    مەنبەنى توغرا قوشۇپ ئاندىن كىرىپ كۆرسىتىلگەن ياماقنى قاچىلىغان، قاچىلىنىپ تەڭشەككە قوشۇلۇپتۇ، ئەمما مەن 3D ئۈنۈمنى ھاسىل قىلالمىدىم ، ئايفون ئېلىشتىن بۇرۇن كۆرۈپ قىزىققىنىمنىڭ بىرى مۇشۇ ئىدى ، بولسا مۇشۇ ھەقتە سۈرەتلىك قىلپ بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز .

    يەنە بىر ئەڭ موھىمى ، ئايفونغا بىز قاچىلىغان ئەپ لەرنىڭ ئايكونلىرىنى ئۆزىمىز خالىغانچە يۆشۈرۈپ قويغىلى بولىدىغان ئىقتىدارنى ئۈگىتىپ قويسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى مۇشۇ تور بېتىڭىزدىكى بىر تېمىدا بىر توردىشىمىز سىزگە ئەسكەرتىپتىكەن،
    ئەمما مەن شۇ ئىنكاسقا ئاساسەن خېلى ئۇرۇنۇپمۇ قىلالمىدىم،
    بۇ ئىقتىدار بەك بەك موھىم ئىدى .
    ياردەم قىلسىڭىز .

    • ماقۇل. مەن ئايرىم چۈشەندۈرەي

    • ئىلھام راسلام ئاياون سارىڭى بوپتۇ مانا :o))): مېنىڭ گېپىم راسمىكەن بۇ ئورەككە بىر چۈشتىڭىزمۇ چىقالمايسىز ئەمدى :lol:
      لېكىن مىستىر پاسىبان چوقۇم سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاپ بېرەلەيدۇ ياخشى يېرى.

      ئايفوننىڭ ئۇيغۇرچە خەتلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىدىغان مەسىلىنى ھەل قىلالىدىڭىزمۇ راس.

  9. لەۋلىرىمنى تامشىتىپ ئۆتۈپ كەتتىم، ھەي…

  10. ھە راس، كىم whatsapp ئىشلىتىدۇ؟

    • نېمىكەن بۇ؟ ئىشلەتكەنلەر سۆزلەپ باقىلى

    • بۇ نەرسىنى چۈشەرگەندىن كېيىن تېل نومۇرنى كىرگۈزۈپ ئاندىن بىر ئىسىم بىلەن تىزىملاتسىڭىز سىزگە شۇ ھامان ئالاقە تىزىملىكىڭىزدە كىمنىڭ بۇ ئەپنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى دەپ بېرىدىكەن، مەن تۇنجى ئورناتقاندا گۈللۈگتىكى پاڭك بىرەيلەنلا باكەن دەڭە(مېنىڭ جىق دوسلىرىم مەتۇچۇ، بۇنداق نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمەيدۇ مەندەك :o))): ) ئاندىن سىناپ خەت يېزىپ باقسام شۇ ھامان قايتادى سىلە كىم دەپ چۈنكى مەن غەلىتىلا بىر ئىسىمنى قويۇۋالغان ئۆزەمگە شۇنداق قويۇۋالسا بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ،خەقنىڭ تېلېفونىغا شۇ ئىسىمدىن بارىدىكەن.anyways بۇ نەرسىنىڭ ئوبدانلىقىدا بىكارلىق رەسىم،ئودىيو، ۋىدىيولارنى قوبۇل قىلغىلى ۋە ئەۋەتكىلى بولىدىكەن دوسلارغا لېكىن ip4
      نۇسخىسى بولۇش كېرەككەن ofcourse. يەنە ھەممىسى بىكالىق دەڭە فرانسىيە بىلەن كۈندە پاراڭلاشسىڭىزمۇ دۆلەت ئىچى سىرتى دەپ ئايرىلمايدىكەن،ئويلاپ بېقىڭ چەتكە ئۇچۇر قىلسا ئامېرىكا ئەڭ ئەزان دەپمۇ خېلى پۇل كېتىدۇ، ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرغۇ بەك قورقۇنۇچلۇقكەن تېخى.شەرت شۇكى قارشى تەرەپ چوقۇم ئايفون ياكى ئايپود بولۇش كېرەككەن،ئايپەدنى سىناپ باقماپتىمەن جۇمۇ راس. يەنە كرېدىت كارد بانكا نومۇرى دىگەنلەرنىڭ ھاجىتى يوق،خاتىرجەم بىكالىق يېيييي :kungfu: لوگىن،لوگاۋۇت كەتمەيدىكەن،بىر تەڭشەپ قويسىڭىز ئۆزى notify قىلىدىكەن ئۇچۇر كەلسە.يەنە دوس قوشۇش دىگەندەك ئىشمۇ يوق، دوستىڭىزنىڭ ئايفونىدا قاچىلىغان بولسىلا بۇ ئەپنى بولىۋېرىدىكەن.يەنە چىقىش ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولىدىكەن، مەسىلەن مەن ھازىر ئۇخلاۋاتىمەن، چېنىقىۋاتىمەن،خىزمەتتە دىگەندەك…يەنە نىمە قالدى.پاراڭلىشىۋاتقاندا ئېكراننى ھەر خىل تەڭشىگىلى بولىدىكەن، مەن ھازىرغىچە 100 خىل قەغەز ئالماشتۇرۇپ بولدۇم، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ھىچقانداق غەلىتە رەڭ ئىشلەتمەسلىككەن.ھەممىدىن ياخشى يېرى پاراڭ خاتىرسىنى ساقلىۋالىدىكەن دەڭا، خالىسىڭىز ئۇنى ئىمېيول قىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدىكەن ئۆزىڭىزگە :cool: مەن بىزە غەلىتىمۇ قانداق، پاراڭ خاتىرسىنى ساقلاپ نىمە قىلىدۇ ھە؟يەنە بىر ياخشى يېرى facebook قا ئۇلاپ قويغىلى بولىدىكەن سىڭك قىلىپ، يەنە دوسلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن مەسىلەن ھازىر تۇرۇۋاتقان ئادرىسىم ئەلەي بەلەي دىگەندەك. :-| يامان جىق گەپ قىپ كەتتىمغۇ، ئىشقىلىپ چۈشۈرۈپ بېقىڭە،ئويناشقا ئەپلىك نەرسىكەن بۇ :kungfu:

    • 微信 مۇشۇنى دوراپتىكەندە… يوووو، تېڭشۈن ما نەرسىنى بىر ئۆزى ياساپتۇ ما خەق دېسەم مانىڭمۇ ئانىسى چىقىپ قالدى ئەمدى. ۋېيشىن دېگەننىمۇ ئىشلىتىپ بېقىڭ. كىيۇ-كىيۇدىكى دوسلىرىڭىزنى قوشۇۋالىدۇ. خېلى يامان ئەمەس.

    • لول تېڭ شۈننىڭمۇ بۇنداق نەرسىسى بار دەڭ،توۋا، ئىنستول قىلىۋاتىمەن، ھازىرلام ىناپ باقايچۇ بۇ بىكاچىلىقتا :kungfu:

      ئۈستىدىكى گەپنى يېزىپ بولغىچە ئىنستول قىپ بولۇپ قارىام بىر دەمدە جىق نەرسىلە پەيدا بوپ بوپتۇ، ئاستا ھازىر تەتقىق قىلىپ باقايچۇ، ئىشقىلىپ social networkقا ئائىت نەرسىلىرىم جىقلاپ كەتتى دىسە :o))):

    • لول qq دىكى دوسلىرىمنىڭ ھەممىسى مەتۇكەن، ھىچكىم ئۇ نەرسىنى قاچىلىماپتۇ :o))): ئاساسلىق ۋېيبونى ئېلان قىلىۋېتىپتۇ دەپ ئويلىدىم تېڭشۈن، شۇنداقمۇ؟ سوۋخۇ بىلەن تېڭ شۈن ئەمدى سىناغا يېتىشەلمەمدىكىن دەيمەن يېرىم يىل ئارقىدا قالغاننىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدىغۇ دەيمەن ھى ھى…

    • whatsapp نى قاچىلاپ قارىسام مېنىڭ ئالاقە تىزىملىكىمدە 2 ئادەمنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىغى كۆرۈندى ،

      بىرسىگە خەت يازسام ئۇچۇر يوللاندى ، ئايفونغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانغان بولغاچقا ، ئۇيغۇرچە يېزىپ يوللاپ باقساممۇ يوللاندى ،
      ئەمما قارشى تەرەپ ئۇچۇر قايتۇرمىدى .

      قالغان ئىقتىدارلىرىنى بىلىپ بولالمىدىم .

      مېنى قوشىۋالسىڭىز ، ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلىشىپ سىناپ باقاتتۇق،

      قوشۇلسسىڭىز گۈللۈگدە ئۇچۇر قالدۇرۇڭ .

  11. ياق تېخى ھەل قىلالمىدىم،

    ھازىرمۇ ئايفوندا كىيۇ كىيۇ ئىشلەتكەندە ئېنگىلىزچە ھەرىپلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە يازسام ئايفون ماڭا « ياردەملىشىپ » ئىملايىمنى « تۈزۈتۈشۈپ » بېرىدۇ .

    دادامدىن تىل ئىشتىپ كەتتىم مەن …

    كومپيوتىرنىڭ ،، ئايفوننىڭ ئالدىدىن قوپماي ئولتۇرىۋېلىپ ….

  12. مەن قايتىدىن تۈرمىدىن قاچۇراي دەپ ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە redsn0w نى ئىشلىتىپ تۈرمىدىن قاچۇرسام خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى ،
    بۇرۇن بۇ redsn0w بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرغاندا ئۇنداق خاتالىق ئۇچۇرى چىقمىغان .

    شۇڭا تېخى بىر قېتىم تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسا ئىككىنچى قېتىم قايتا قاچۇرغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ،

    قايتا سىناپ باقتىم ، يەنىلا ئوخشاش .

    تىلىفۇننىڭ ئۆزىدە تۇرۇپلا خۇددى نوكىيا يانفۇنلىرىنى قاتتىق فورماتلىغاندەك بۇ ئايفوننىمۇ زاۋۇتتىن چىققان ، تۈرمىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ ؟

    • ئۇ redsn0w دىگەن نەرسە ئاااااا بىر چاغلاردىكى يېشىش نۇسخىسىغۇ دەيمەن ھە؟ ھازىر جىق يېڭى يوللىرى چىقىپ كەتتىغۇ .مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇرۇنقى ئايفونۇمغا ئىشلەتكىنى قارا يامغۇرتىغۇ دەيمەن، 18 ياشلىق بىر بالا ئىجاد قىلغان، بەك تېزكەنتۇق سۈرئىتى، ئىشخانىدىكى بىر ياش بالىدىن ئاڭلىسام ھەتتا ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى بىر كىچىك نەرسىدىن پايدىلىنىپلا كومپىيۇتېرغا ئۇلىمايمۇ يەشكىلى بولىدۇ دەيدۇ.مەنغۇ ئۇنى بىلمىدىم لېكىن مۇشۇ پاسىبان بۇرۇن تونۇشتۇرغان يېشىش يوللىرى جىقتى بىر يەدە.

    • ئىشقىلىپ مەن مۇشۇ قىزىل قار ئارقىلىق باياتىن مۇۋەپپىقىيەتلىك قاچتىم .
      مەن تېخى يېڭى بولغاچ كۆپ ئىشلارنى بىلمەيمەن .

    • ماقۇل ،مە ن گۈللۈگكە ئۇچۇر قالدۇرۇپ قوياي.

  13. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،

    سېيدىيا نىڭ نورمال ئىشلىمەسلىك سەۋەبىى ئاخىر ئۆزەم تاپقاندەك قىلىمەن .
    مەن باياتىندىن بېرى قايتىدىن سېستىما يېڭىلاپ ، ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ Cydia نى سىنىسام نورمال ئىشلىگەن ،
    ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىى قاچىلاپ ، تىل موھىتىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ئاندىن Cydia نى قوزغاتسام ، بۇرۇنقىدەك قوزغىلالماسلىق كۆرۈلدى،
    شۇنىڭ بىلەن تىل موھىتىدىن گۇمانلىنىپ ، تىل موھىتىنى قايتىدىن خەنزۇچىغا تەڭشەپ ئاندىن Cydia نى قوزغاتسام شۇنداق نورمال ئىشلىدى ، قارىغاندا Cydia ئۇيغۇرچە تىل موھىتىدا نورمال ئىشلىمەيدىكەن .

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى نورمال ئەمەس دېگەن ئىدۇق. مەن تېمىدىمۇ تىل بولىقىنى قاچىلاپ مۇنداق ئىشلىتىڭ دەپ ئېيتمىغان ۋە تەۋسىيە قىلمىغان. پەقەت كۆرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى بۇنى بىخلان ئەپەندى ئايفون 1 گە ئاتاپ ياسىغان. باشقا ئايفونغا ماس كەپقالغىنى نەزەرىيە جەھەتتىن بىزنىڭ تەلىيىمىز. شۇڭا سىز سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن تىلنى تاللاپ ئىشلىتىۋېرىڭ. بەرىبىر باشقا تىل تاللىۋالسىڭىزمۇ ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللىغاندىن كىيىن…

  14. شۇنداق قىلسام بولغىدەك، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چىرايلىق، كۆركەم فونتىدىن پايدىلانساق بولىدىكەن . بۇ ئىنكاس تۇنجى بولوپ ئايفوندا يېزىپ بېقىلدى . :rose: :rose: :rose: ئۇيغۇرچە فونىت ۋە كىرگۈزگۈچ ياسىغان تورداشلارغا رەھمەتلەر بولسۇن .  

  15. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.تورداشلار،پاسىبان ئەپەندى.مەن بىردانە ipod touch4سېتىۋېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى توردىن ئىشلىتىش جەريانلىرىنى بىرەر قاتار كۆرۈپ چىقتىم ئەمما كىتاپ ئوقۇيدىغان يېرىنى تاپالمىدىم.ئايفون بىلەن ئوخشاش كىتاپ ئوقۇغىلى بولامدۇ؟
    ipod touch4نى قانداق ئۇسۇلدا سېتىۋېلىشنى بىلەلمىدىم .خوتەندىن تاپقىلى بولارمۇ؟سېتىش ئورنىنى بىلىدىغانلار بولساڭلار ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن

  16. مىنىڭ ئاياونىمدا باشقا كومپىيوتىردىن قاچىلىغان بىر مۇنچە ياخشى يۇمتال ۋە ئۇيۇنلار بار ئىدى . ئۈزۈمنىڭ كومپىيوتىرىكىiTunes تا ئۇلار يوق مەن توردىن باشقا ئۇيۇنلارنى چۈشۈرۈپ قاچىلاي دىسەم ئاۋۇ ئۇيۇنلارنىڭ يوقاپ كىتىشىدىن قورقتۇم . بۇلارنى يوقاتماي تۇرۇپ قاچىلىغىلى بۇلىدىغان ياخشى ئامال بارمۇ ؟

    • شۇ ئويۇنلارنى بۇرۇن قايسى كومپىيۇتېردىن قاچىلىغان بولسىڭىز ئاشۇ يەردىن كۆچۈرۈپ سىزنىڭ iTunes ئامبىرىڭىزغا قوشىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش