Windows Me دىن باشلاپ سېستىمىنىڭ ئۆزىگە قوشۇۋەتكەن بىر ئويۇن بولىدىغان . ئىسمى Space Pinball 3D ئىدىغۇ دەيمەن. بۈگۈنكى تەۋسىيە ئويۇن Deep Pinball مۇ  شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. لېكىن ۋىندوۋستىكىسىگە قارىغاندا كۆرۈنۈشى گۈزەل، ھەرىكەتلىرى ئېنىق، ئاۋازى پەچەت سۈزۈككەن.  دەسلەپ دوللارغا ساتقان ۋاقىتلاردا پىنبال خۇمارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن ئەڭ كلاسسىك 3D لىك پىنبال بولۇپ قالغان. بۈگۈندىن باشلاپ قىسقا مۇددەتلىك ھەقسىز تارقىتىپتۇ.

سوقۇلۇشلىرىنىڭ تەبىئىيلىكى سىزنى چوقۇم رازى قىلىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، ۋىندوۋستىكىگە ئوخشاش ئاستى تەرەپتە 2 تال پالاق بار. ئىكراننىڭ ئىككى تەرىپىنى بېسىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەرىكەتلەندۈرىسىز. توپ ئارىلىقتىن ئۆتۈك كېتىپ پەسكە چۈشۈپ كەتسە ئويۇن ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

ئوينىغانسىرى ئىچىگە ھەرخىل مەخپىي نەرسىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقايسىز. نومۇرىڭىزنى شۇلارنىڭ مۇلازىمىتىرى ئارقىلىق دۇنيا بويىچە قاتارغا تىزالايدىكەنسىز. ھەق ئېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ساقلىۋېلىش لازىم بولغان ئويۇنلارنىڭ بىرى.

ئويۇن ئىسمى : Deep Pinball

ياسىغان شىركەت : OOO Gameprom

ئويۇن تۈرى : توپ

قوللايدىغان سۇپا : شۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرى

چوڭلۇقى : 20.2 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. رەخمەت چۇشۇرۋالدىم .
    iTunesتىكى ھەقلىق دىتاللارنى ،ئېچىۋىتىشنىڭ ئامالى بارمۇدۇ ؟

  2. تېلىفونۇم يوق،تۇرۇپ قالىدىغان بولدۇمدە… :cry2:

  3. يەنە چەكسەم ئېچىلمىدىغۇ يەنە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتىمۇ نېمە :oh,no:

  4. بالدۇراق كىرمەي نەلەردە لاغايلاپ يۈرگەن؟ بۇدا بوسوغىدىراق بولىلى جىما.. :o))):

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش