ئالما شىركىتى بۈگۈن iPhone ، iPad ۋە iPod touch نىڭ 4.3.5 نەشىرىنى ئېلان قىلدى. تېخى ئېلان قىلغىنى ھەپتە بولمىغان 4.3.4 نەشىرىنى بىخەتەرلىك يوچۇقى سەۋەپلىك قىسقىغىچە نەچچە كۈن ئىچىدىلا يېڭىلاپ 4.3.5 نەشىرى دەپ ئېلان قىلدى. بۇ ھازىرغىچە ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە سېستىما يېڭىلاش ھېسابلىنىدۇ.
ئالما تەرەپ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قېتىمقى يېڭىلاش ئاساسلىقى ئۇلار ئۆزى بايقىغان بىخەتەرلىك يوچۇقى سەۋەبلىك بولۇپ، قىسقا مۇددەت بولسىمۇ بۇ يوچۇقنى ئېتىپ يېڭى نەشىر قىلىپ ئېلان قىلغانكەن.
بۇ يوچۇق ئارقىلىق خاككىرلار iOS تە ئالاھىدە ھوقۇققا ئېگە بولۇپ، SSL/TLS بىخەتەرلىك تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئابونتلارنىڭ ئالاقە ئۇچۇرلىنى ئوغۇرلىغىلى ۋە ئۆزگەرتىۋەتكىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ يېڭى نەشىردە قايسى تەرەپلەردە كونكىرتنى يېڭىلاشلار بولۇندى بۇنىسى ئېنىق ئەمەسكەن.
يېڭى سېستىمىنىڭ ئېلان قىلىنىشى راستىنلا بەك تىز بولدى. لېكىن خاككىرلىرىمىزنىڭ سۈرئىتى ئۇلارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تىزلىشىپ كېتىپتۇ. نۆۋەتتە iPhone Dev-Team نىڭ غوللۇق ئەزاسى MuscleNerd نىڭ ئىسپاتلىشىچە iOS4.3.4 نىڭ نامۇكەممەل (مۇكەممەل بولمىغان) تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى بولغان قىزىل يامغۇر RedSn0w نىڭ 0.9.8b3 نەشىرى iPad 2 دىن باشقا iOS ئۈسكۈنىلىرىنىڭ iOS 4.3.5 سېستىمىسىنى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرالايدىكەن.
بۇ قېتىمقى يېڭىلاش پەقەت ئالما تەرەپ بايقىغان بىخەتەرلىك يوچۇقىنى ئېتىشقا ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچ، 4.3.4 تە بايقالغان بەزى يوچۇقلارنى توسمىغانكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن 4.3.4 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى بۇ نەشىرىنىمۇ مۇكەممەل بولمىغان ھالەتتە تۈرمىدىن قاچۇرالايدىكەن. MuscleNerd نى بىلدۈرىشىچە 4.3.4 تە سېستىما نېگىزىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن كونا سېستىما ئابونتلىرى 4.3.4 ۋە 4.3.5 كە ئېھتىيات بىلەن يېڭىلىشى، مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىققۇچە تاقەت قىلىپ تۇرىشى كېرەككەن.
نېمىلا بولمىسۇن، ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى قۇلۇپى بار ئايفونداشلار ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرگەيسىلەر! نۆۋەتتە 4.3.4 نىڭ ۋە 4.3.5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى يوق. بۇ چاغقىچە قۇلۇپى بار ئالمىداشلار باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ سەۋرىچان بولغىنى ياخشى. مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىققان تەقدىردىمۇ ئېھتىيات بىلەن يېڭىلماق لازىمدۇر. چۈنكى يېڭىلىغاندىمۇ مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قېلىپ يېڭىلاش لازىم. ھازىرچە SHSH نى زاپاسلىغاچ تۇرغايسىلەر. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يازمىنى كۆرۈڭ.
iOS 4.3.5 نەشىرىنىڭ سېستىما بولىقىنى چۈشۈرۈڭ:
نامۇكەممەل يېشىش قورالى قىزىل يامغۇرنى چۈشۈرۈش









































ئوھو….يېڭى نەشىرىنى چىقىپتۇ دەپ ئاڭلا-ئاڭلىمايلا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بوپتۇدە.
تۈرمىدىن قاچۇرۇش تېخنىكىسى مۇشۇ بويىچە تەرەققىي قىلىۋېرىپ كېيىنچە «كىلەر قېتىملىق سېستىمىنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش تېخنىكىسى ئېلان قىلىندى » دەپمۇ يازمىلار چىققىلى تۇرىدىغان بولدىدە…
قاملاشقان چاقچاق بوپتۇ ماۋۇ
قانداق يىڭىلىنىشلا بولدى بىلىۋىلىپ ئاندىن يىڭىلاشنى ئويلاشساق بولغىدەك.. 5.0 رەسمى تار قىتىلغىچە 3 3 4 نى ئىشلىتىشكە مەن رازى..
مەن تېخى 4.2.1 دا
پاسىبان نېمىشقا كىيىمىنى يەڭگۈشلىدىكى دېسەم ئەسلى ئايفوندا كىرگۈچىلەرنى ئايرىم «ئۇسلۇپ» دا كۈتىۋالماقچىكەنتۇقدە…..
ئەمما يەنە كىچىك خاتالىقلار باردەك قىلىدۇ.
PHP ۋە CSS تىللىرىنى بىلمگەچكە يامان قىيىنغا توختىدى. بىلىشىمچە ئۆزلەشتۈرىۋاتىمەن. قانداق خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى دەپ بېرەلەمسىز؟