WWDC 2011 دا مەك سېستىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسقىسى بولمىش Mac OS X Lion 10.7 نۇسقىسى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن ئېدى. بۇ يېڭىچە «شىر» بۈگۈن ئالمىنىڭ مەك ئەپ دۇكىنىدا سېتىلىشقا باشلىدى. ئەڭ يېڭى نەشىردىكى مەك سېستىمىسىغا 250 دىن ئارتۇق يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىشلەر قوشۇلغان . باھاسى 29.99 دوللار.

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئالما نۆۋەتتە دۇنيادا بارماق سەزگۈسى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئۈسكىنىلەردە ئەڭ ئىلغار ئورۇندا تۇرىدۇ. مەكنىڭ لەپتوپلىرىدا ھېچقانداق كومپىيۇتېرلارغا ئوخشىمايدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق كۆپ نوقتىنى سېزىدىغان مۇكەممەل سەزگۈچ تاختىسى بار. يېڭى سېستىمىدا بۇ تاختا ئارقىلىق يەنىلا ناھايىتى يىنىك سىلاش، بېسىش، يۇقىرى تۆۋەن يۆتكەش ئارقىلىقلا كۆپ خىل مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدىكەنمىز. پۈتۈن ئېكرانلىق ئىشلەيدىغان ئەپلەر سىزگە بۆلەكچە يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىشى مۇمكىن.  يېڭى سېستىمىنىڭ بۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ رەسىم كۆرۈش، PDF شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇش دېگەندەك ئورۇنلاردا بۇ ئىقتىدارى تولىمۇ ياخشى ئىشىلىسە كېرەك.

يېڭى سېستىمىنىڭ بىرقانچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى

يېڭى سېستىمىدىكى ئاساسلىق يېڭىلىقلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار ئىكەن.

يېڭىچە كۆپ ئىقتىدارلىق بارماق سەزگۈچ تاختىسى.

ھەرخىل قول ئىشارىتىنى پەرقلەندۈرىدىغان يېڭىچە لايىھە بولۇپ تۆۋەندىكى رەسىمدىن قول ئىشارىتى ۋە ماس ئۈنۈمنى كۆرەلەيسىز.

ئېچىلىدىغان ئەپ:

ئاكتىپ ھالەتتىكى پۈتۈن ئېكرانلىق ئەپلەرنى ئالماشتۇرۇش

بەتنى ئۈستى – تۆۋەن ئالماشتۇرۇش

2 بارماق بىلەن يېنىك چەكسەك بەتنى ياكى PDF نى چوڭايتىدۇ

رەسىم چوڭايتىش، كىچىكلىتىش

بەت ئۆرۈش. خۇددى كىتاپ كۆرگەندە بەت ئۆرۈگەندەكلا …

پۈتۈن ئېكرانلىق ئەپ

خۇددى بۇلاردەك، بەزى ئەپلەرنى پۈتۈن ئېكران ھالەتتە ئىشلەيدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن. بۇ ئىقتىدارى ئارقىلىق تور بەت ۋە رەسىم كۆرگەندە ئەلۋەتتە پەچەت بولىدۇ

ۋەزىپە كونتروللىغۇچ

بۇ ئارقىلىق DASHBOARD قاتارلىق ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىۋاتقان بارلىق ئەپلەرنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىپ ئۇلارنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ياكى تاقاپ مەشغۇلات ئېلىشقا قولايلىق ياراتقان.

Mac App Store

بۇ خۇددى ئايفوندىكى App Store غا ئوخشاشلا مەك ئۈچۈن ئەپ ئىزدەيدىغان سېتىۋالىدىغان دۇككان. مەك مۇھىتىدا خىزمەت قىلىدىغان ھەممە نەرسىنى مۇشۇ جايدىن تاپىمىز. مەك ئەپ دۇكىنى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنغا ئېرىشى ئۈچۈن ئورگان تەرەپنىڭ بۇ بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.

Launchpad

Launchpad ئارقىلىق بىز مەكتىكى بارلىق ئەپلەرنى تېز سۈرئەتتە كۆرەلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت Dock تىكى Launchpad نىڭ ئايكونىنى باسساقلا كۇپايە

Lion Server

بۇ ئىقتىدارى ئارقىلىق ھەرقانداق بىر مەك كومپىيۇتېرىنى مۇلازىمىتىرغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىز يىراقتا تۇرۇپ مەك ئارقىلىق ئايفون، ئايپەد قاتارلىق iOS ئۈسكۈنىلىرىڭىزنى باشقۇرالايسىز. Push Notifications ئارقىلىق يىراقتىن يېڭىلاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ Lion Server ئۈچۈن iPad كە ھەمبەھرلىنىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، Wiki Server ،iCal Server ۋە Mail Server ئارىسىدا ھەمبەھرلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. Lion Server ئۈچۈن تېخى كۆپ مەزمۇننى بىلەي دېسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.

2011-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن كىيىن سېتىۋالغان مەك كومپىيۇتېرلىرىغا ئەڭ يېڭى سېستىما ھەقسىز يېڭىلىسا بولىدىكەن. بۈگۈندىن باشلاپ ئالمىنىڭ بەلگىلىگەن سېتىش نوقتىسىدىن سېتىۋالغان ھەرقانداق مەك كومپىيوتېرلىرىغا ئەڭ يېڭى سېستىما قاچىلانغان بولىدىكەن. بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بۇ جايدىن كۆرۈڭ.

http://www.apple.com.cn/macosx/uptodate/

يېڭى مەكتە 250 خىلدىن ئارتۇق يېڭىلىقلار بار ئىكەن. بۇلارنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز ئالمىنىڭ ئورگان توربىتىدىن كۆرۈۋالغايسىز.

ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Mac OS X Lion 10.7 نى مەك كومپىيۇتېرى ئارقىلىق Mac App Store غا كىرىپ سېتىۋالالايسىز. ئۇنىڭ ئۈچۈن Mac كومپىيۇتېرىدا تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرىۋالالايسىز.

ئەپ ئىسمى : Mac OS X Lion 10.7

ساتقۇچى : Apple Inc

تۈرى : Mac

چوڭلۇقى : GB 3.49

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



11 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بۇ يىڭى ئۇسلۇپ ئالماشقاندىن بىرى مەن ئىنكاس يازاي دىسەم بىۋاستە كونا يىزىق ئۇرالمايۋاتىمەن…
    تىمىغا مۇناسىۋەتسىز يەنە بىر سۇئال سوراي..بىر خىزمەتدىشىم3-ئەۋلات ئالما تىلفۇندىن بىرنى ئالماقچى ئۇ تىلفۇن نىمكەش مال1500كويغا دىيىشىپتۇ مىنى كۆرەپ باقسىڭىز دىگەنتى مەن پاسىبان ئەپەندىم دىن سوراپ دەپ بىرەي دىدىم… :lol: نىمكەش 3-ئەۋلات ئالما تىلفۇننى سىتىۋىلىشتا قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىمىز..3- ئەۋلات تىلفۇننى ئالغاندىن كىيىن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئايفوننى زايا قىلمايدىغان ئەپلەرنى قاچىلىماقچى….مۇشۇ ھەقتە بىر تەلىم بەسىڭىز

    • 2- ئەۋلاد بىلەن 3-ئەۋلادنىڭ سىرتقى كۆرىنىشى ئوپمۇ-ئوخشاش. 3-ئەۋلادنى ئەڭ ئاددى ئۇسۇلدا پەرق قىلىش ئۈچۈن كومپاسنىڭ بار يوقلىقىغا قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ. 2-ئەۋلادتا كومپاس يوق. 2-ئەۋلادنى 3-ئەۋلاد دەپ ساتسا بىلەلمەي قالماڭ يەنە. سىزمۇ ئايفون ئىشلىتىسىز، باشقا يەرلىرىنى بىللە كۆرۈپ ئالساڭلار بولىدۇ. «زاپەر» چىقىپ قالمىسۇن دەيمەن. سىرتى ۋە ئىچى ئوپمۇ-ئوخشاش زاپەر تېلىفونلار بار. ئىلاج بار ئامېرىكا نۇسقىسى بولمىسۇن. شاڭگاڭ ياكى جۇڭگو مېلى بولسا ياخشىراق. ئامېرىكا نۇسقىسىنىڭ قۇلۇپى بولىدۇ، تۈرمىدىن قاچۇرمىسا تېلىفون ئۇرغىلى بولمايدۇ، دېگەندەك…
      2-قول تېلفۇن ئالغاندا يەنىلا ئۆزىڭىز دەڭسەپ ئالغىنىڭىز ياخشى. باشقىلارنىڭ دېگىنى پەقەت بىر تەكلىپ، ئۆزىڭىزگە ياقسا، ساتقۇچىغا ئىشەنچ قىلالىسىڭىز بولىدۇ.

    • تور كۆرگۈچنىڭ ئىلغارراقىنى ئىشلىتىڭ. IE دا كۆرسىڭىز باشقىچە، Fire Fox ياكى Chrome دېگەندەك ئىلغار كۆرگۈچلەردە باشقىچە كۆرىنىدىكەن. زاماننىڭ تەلىپى بويىچە IE نى، بولۇپمۇ IE 6 نى چەكلەۋاتقان :lol:

  2. 10.7Mac OS X Lion سىستىمىسى ناھايىتى ياخشىكەن ھەم ئىلغار ئىكەن.

    • ئېلان قىلىنغان تۇنجى كۈنىلا سېتىۋالغۇچىلار مىليوندىن ئېشىپتۇ. بۇ ھازىرغىچە ئەڭ ياخشى سېتىلغان سېستىما ئىكەن. چۈنكى ھەقىقەتەن ئەرزاندە؟

  3. شۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ بىرنى سىتىۋالدىم.پاسىبان ئەپەندىم سىزچۇ؟

    • مەن تېخى سېتىۋالمىدىم. ھازىرچە تۇرۇپ تۇرسۇنمىكىن دېدىم. مەكنى بەك كۆپ ئىشلىتىپ كەتمەيدىكەنمەن. ۋاقتى كەلگەندە يېڭىلامەن، ئىنشا ئاللاھ!

  4. بۇ مەك نى ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپىيوتىر چوقوم ئالما بولىشى شەرتمىدۇ. بولمىسا مەنمۇ ئامىنىڭ خىيالىنى سۈرۈپ باقاتتىم .سىستىمىسى ئىغىرمىدۇ؟

    • PC گىمۇ قاچىلىغىلى بولىدىكەن، بۇنى قارا مەك دەيدىكەن. 黑Mac دەپ ئىزىسىڭىز قاچىلاش ئۇسۇلىنى تاپقىلى بولامدىكىن. سېستىمىنىڭ يۈرۈشىشى بەك تىزكەن. ئەڭ ياقتۇرغىنىم، ئۆچۈرۈش دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ 2 سېكونت ئىچىدە تولۇق ئۆچۈپ بولغىنى. بۇنىڭغا بەك ھەيران قالدىم.

  5. ئامرىكا مىلى ياكى جوڭگو مىلى ئىكەنلىگىنى قانداق ئايرىيمىز…. ئۇ تىلفۇننىغا3Gكا سالساق تۇنىدى…ئايتۇنىسقا چاتساممۇ تۇنىدى زاپەر ئەمەستۇ دەيمەن…

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش