ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان فۇشىكاڭنىڭ چىڭدۇدىكى زاۋۇتىدا 20-ماي كەچ سائەت 7 ئەتراپىدا پارتىلاش يۈز بەردى. پارتىلاشتا 2 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 3 يارىدارنىڭ يارىسى ئېغىر. پارتىلاش يۈز بەرگەن ئورۇن دەل iPad 2 نىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئىكەن.

پارتىلاش سەۋەبى دەسلەپكى قەدەمدە مەركىزى ھاۋا تەڭشىگۈچ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. iPad 2 نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى تەلەپكە يېتىشىپ بولالمىغانلىقتىن 富士康 زاۋۇتى چىڭدۇدا زاۋۇت كۆلىمىنى كېڭەيتكەن ئېدى. پارتىلاش يۈز بەرگەن ئورۇن دەل iPad 2 نىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى بولۇپ، پارتىلاش يۈز بەرگەندە نەچچە يۈز ئىشچى ئىشلەۋاتقان ئىكەن.

21-ماي سۇمرۇغ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئالما شىركىتىدە بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى شىركەتكە بەلگىلىك تەسىر ئېلىپ كېلىدىكەن. RBC ئانالىزچىسى مايك . ئابرامسكاي  Mike Abramsky بۈگۈن مەخسۇس بۇ قېتىمقى پارتىلاشنىڭ ئالما شىركىتىگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان.

پايچەك ئەھۋالىدا داۋالغۇش بولۇپ، ئالمىنىڭ پايچەك ئەھۋالىدا 0.5% تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. مايك يەنە بۇ قېتىمقى پارتىلاشنىڭ ئالما شىركىتىگە بولغان تەسىرىنى تۆۋەندىكى 2 خىل ھالەتتە تەھلىل قىلغان.

1. ئەگەر بۇ پارتىلاش ئېغىر بوپقالسا ئىشلەپچىقىرىش ئاستىلاپ ئالما شىركىتىنىڭ 3-پەسىللىك سېتىلىش ئەھۋالىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئالما شىركىتى ھازىر دۇنيادا مۇشۇ 2 زاۋۇتتا قوراشتۇرىلىۋاتىدۇ. بىرى شىنجىندا، يەنە بىرى چىڭدۇدا. ئەگەر بۇ يەردە پارتىلاش يۈز بەرسە ئەزەلدىنلا ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتقان ئايپەد تېخىمۇ قىس ھالەتكە ئۆتۈپ قېلىشى مۇمكىن. تەھلىلچىلەر ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سېتىلىش مىقدارىغا ئاساسەن ئالمىنىڭ سېتىلىش سوممىسىدا 1 مىليارد 100 مىليون دوللاردىن 1 مىليارد 700 مىليون دوللارغىچە كىمىيىشى مۇمكىنلىقىنى پەرەز قىلىشقان. بۇ ئومومى سوممىنىڭ 4% ~ 7% نى ئېگەللەيدىكەن.

2. ئەگەر پارتىلاش ئۇنچە ئېغىر بولمىغان بولسا شىنجىندىكى زاۋۇتىدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىشلەپچىقىرىشنى تىزلىتىپ، چىڭدۇدىكى زاۋۇتنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلالىسا، بۇ كاشىلىلارنى 1 ئاي ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ رەتكە سالالىسا، زىيان تەخمىنەن 8 يۈز مىليون دوللار ئىچىدە بولىدىكەن.

تۆۋەندىكىسى شۇ چاغدىكى كۆرۈنۈش

مەنبە : tgbus.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



6 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بىر قېتىملىق پارتىلاشتا پارتىلاشتىكى زىيان بىلەن ھېساپلاشمىغاندا ئالمىغا مۇشۇنچىلىك زىيان سالالايدىكەن ھە!

  2. يېقىندىن بۇيان ئايفۇننىڭ بازار باھاسىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىگە قاراپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بوپقالغان.. :oh,no: لېكىن ماۋۇ سىننى كۆرۈپ ئازراق خوش بولدۇم….ئاز تۇلا ئۆسىدىغان بولدى…. :o))):

  3. ماۋۇ Foxcon نى خەلقئارادىن بىر قاتلاپ كېتەمدىكىنلا دەيمەن. ئۆتكەندە بىر مۇنچە ئادەم ئۆزىنى ئېتىۋېلىپ 2-قەۋەتتىن باشلاپ تور ئورنىتىۋېتىپتىكەن، ئەمدى پارتىلاش يۈز بېرىپتۇ. قانداق كارخانىدۇ بۇ زادى؟

  4. Foxcon قاچانلا قارىسا ئىش تېپىپ يۈرگەن

  5. بىر ۋاقىتلاردا بىرسىدىن مۇشۇ ئالما زاۋۇتىدا ئىشلىگەنلەر كىيىنچە ساراڭ بولۇپ قالىدۇ دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان :o))):

    ماۋۇ سىن فىلىمنى كىم سۈرەتكە تارتقان بولغۇيتى ، قورقۇپ تۇرۇپ تارتقان ئوخشايدۇ ساقچىلاردىن ، بەك ئىچىمنى سىقىۋەتتى .

  6. بۇ خەقنىڭ ئىشىمۇ تولىكەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلىشتۇرۇپ

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش