بىر نەچچە كۈن بۇرۇن i0n1c ئىسىملىك خاككىر بىر خۇشخەۋەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ تورغا بىر سىن يوللىغان بولۇپ، بۇ سىن iPod touch 4G iOS 4.3.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى ئىدى. بۇ سىن (i0n1c (Stefan Esser نىڭ ئىلگىرى ئېيتقان iOS 4.3.1 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىش ۋەدىسىنىڭ ئورۇندىلىۋاتقىنىنى ئىسپاتلىدى.

i0n1c نىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئۆزىنىڭ نامىدا iOS 4.3.1 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەخسۇس قورالىنى ئېلان قىلمايدىكەن. ھازىرقىسى پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنى SSH ۋە ياكى Cydia ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدىكەن. يەنى بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، ئابونتلار ئاۋال PwnageTool ، Redsn0w ۋەياكى Sn0wbreeze ئارقىلىق نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولۇپ، Cydia ئارقىلىق i0n1c نىڭ يامىقىنى قاچىلىۋەتسىلا مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىغا ئېرىشىدىكەن.

خاككىرنىڭ ئېيتىشىچە Sn0wbreeze دە بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، iPad ۋە iPad2 دە بۇ قورالنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. i0n1c بولسا redsn0w نىڭ تىزراق يېڭىلىنىپ بۇ كەمچىللىكنى تۈزىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

تۆۋەندىكىسى خاككىر i0n1c نىڭ iPod touch 4G ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان iOS 4.3.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى.

i0n1c بۇ ئۇسۇلنى Dev Team غا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن


بۇ سىن توردا پەيدا بولغاندىن كىيىن iOS 4.3.1 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلار ئارىسىدا خېلى غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. Twitter دا  2 كۈن بۇرۇن i0n1c بۇ تېخنىكىسىنى iPhone Dev Team غا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ يامىقىنى يېڭى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىغا قوشىۋېتىش ئارقىلىق مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھازىر باشقىلارنىڭ iPhone Dev Team گە كاشىلا قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئەگەر iPhone Dev Team دىكىلەر ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇسۇلنى مۇۋەپپىقىيەتلىك سىناقتىن ئۆتكۈزسە بۇنى ئۇلارنىڭ قورالىغا چوقۇم قوشۇپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لېكىن ھەممىسى iPad ۋە iPad2 گە ماس كەلمەيدۇ. ھېلىمۇ ياخشى Comex تەتقىقات گورۇپپىسىدىكىلەر مەخسۇس مۇشۇنىڭ ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتىدۇ. ئاللاھ نىسىپ قىلسا پات ئارىدا بۇنىڭدىنمۇ خۇشخەۋەر ئاڭلارمىز…

بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن



4 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. يا ئاللا …پاسىبانىم …… سىننى ئوڭ قىلىپ يوللىغان بولسىلىرى بولماسمىدى ، سول تەرەپكە سىڭاياڭ قاراپ ئولتۇرۇپ بوينۇممۇ ئاغرىم كەتتى :oh,no:
    سىزدىن سورايدىغان بىر ئىش بار ئىدى ، مەن مۇشۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىگەن ئىشنى ئانچە بەك ئۇقۇپ كەتمەيمەن ،مۇمكىن بولسا ئازراق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن :cute:

    • راستىنى ئېيتسام مېنىڭمۇ شۇنداق ئىچىم پۇشۇپ كەتتى. :o))): يوللىغان خاككىر پروگراممىغا يامان بولغىنى بىلەن بۇنى ئويلاپ يېتەلمىگەن چېغى.
      تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەننى ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، سېستىمىسىنىڭ توساق تېمىنى بۇزۇپ ئۆتۈپ كېتىش دەپ ئېيتساق بولىدۇ. ئالما شىركىتى مەھسۇلاتلىرىغا ئۆزىنىڭ تور دۇككىنى App Store دىكى ھەق تۆلەپ سېتىۋېلىنغان دېتاللارنىلا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن. شۇڭا پەقەت مۇشۇ ھەقلىق دېتاللارنى قاچىلايدىغان بولغاچقا باشقىلار بۇنى «تۈرمە» دەپ ئاتىۋالغان. پەقەت مۇشۇ تۈرمىدىن قاچۇرغاندىلا يېشىۋېتىلگەن دېتاللارنى ۋە Cydia غا ئوخشاش 3-تەرەپ دېتاللىرىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ. مانا بۇ جەرياننى تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى دەيمىز.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
    ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن، خالىغان فورماتتىكى كىنو-فىلىملەرنى قاچىلاپ، شۇخىل فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى ئۇقۇيالايدىغان قويغۇچ ئارقىلىق كۆرگىلى بۇلامدۇ ؟
    مەسىلەن RMVB فورماتىدىكى سىننى MP4 فورماتىغا ئايلاندۇرمىساقمۇ بىۋاستە قاچىلاپ كۆرگىلى بۇلامدۇ ؟
    ھەم شۇخىل فورماتتىكى سىننى ئۇقۇيالايدىغان قويغۇچنى تېپىپ قاچىلىغىلى بۇلامدۇ ؟

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)
© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش

无觅相关文章插件,快速提升流量