ئالدىنقى بىر يازمىدا بۇ نادىر كارتوننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىم بىلەن قوشۇپ بىر يازما يوللىغان ئىدىم. شۇ يازمىنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن كونا كېسىلىم قوزغىلىپ، بۇنى قانداقلا بولمىسۇن بىر تەرجىمە قىلىش نىيىتىگە كەپقالدىم. شۇنىڭ بىلەن 3 كۈن ھەپىلىشىپ تەرجىمىسىنى پۈتتۈرۈپ كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئىشلەشكە تاپشۇردۇم.
بۇ نادىر كارتون برازىلىيەنىڭ چوڭ شەھىرى رىيودى ژانىيرونىڭ ئىسمى بىلەن ناملانغان بولۇپ، فىلىم باشتىن ئاخىر چىرايلىق كۆرۈنۈش، يۇمۇرىستىك ۋە رەڭگارەڭ گۈزەل قۇشلار، قىزغىن قايناق ھېسيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مۇزىكا بىلەن داۋام ئېتىدىغان بولۇپ، كىشىگە ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ. بۇ يىلقى ئەڭ نادىر كارتون دېيىشكە بولىدۇ (ئەلۋەتتە بەزىلەر جانباز مۈشۈكئېيىق تەرەپدارى بولىشىمۇ مۇمكىن).
بۇ فىلىمنىڭ باش رولچىسى بلۇغا ئىجتىمائى ئالاقە تورى Social Network دېگەن فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى مارك زاكىربۇرگنىڭ رولىغا چىققان جېسىي ئېيسىنبۇرگ Jesse Eisenberg ئاۋاز بەرگەن.
بلۇنىڭ «لايىقى» جۇۋلغا ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى ئەننى ھەزىۋەي Anne Hathaway ئاۋاز بەرگەن.
فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقتىكىسى ئاللاھ خالىسا مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە تورغا يوللىنىدۇ. ئۇ چاغقىچە فىلىمگە ئاۋاز بېرىش، مۇزىكا ئىشلەش قاتارلىق بىر قاتار قىسقا فىلىملەرنى كۆرگەچ تۇرايلى.
بۇ فىلىمنىڭ تەشۋىق فىلىمى 1
ئاۋاز بېرىش كۆرۈنۈشلىرى
بۇ فىلىمنىڭ ۋەكىللىك مۇزىكىلىرىدىن I Wanna Party
فىلىم ئاخىرىدىكى يەنە بىر پەچەت ناخشا Telling The World
فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى شاھ بلوگىدا ئېلان قىلماقچى. ئاللاھ خالىسا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن 1-ۋاقىتتا كۇلۇپتىمۇ ئېلان قىلىمەن ھەم سۈزۈك نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويىمەن. ياقتۇرغانلار ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر فىلىم. دىققىتىڭىز كۇلۇبىمىزدا بولسۇن.









































divan bikarrr bolsila oltirdigan ga adam barrr
سىز قايسى كۆرگۈچنى ئىشلىتىسىز؟ نېمىشقا ئۇيغۇرچە يېزىلمايدۇ؟ ئايفوندىكى 搜狗拼音输入法 دا يازمىغانسىز؟
مەنمۇ ئۆتكەندە« غەزەپلەنگەن قۇشقاچ » نىڭ « رىيو » نۇسخىسىنىڭ تەسىرى بىلەن كۆرۈپ چىققانتىم… زادى بولىدىغان كىنوكەن… ماۋۇ تەرجىمسى چىقسا ئۆيدىكى باللاغا قايتا بىر قۇيۇپ بىرەي…
ياقەي! ۋاڭبانىڭ لاجى كومپىيوتىرىدا چىققانتىم.شۇڭىلاشقا……
سىزنى ئۇيغۇر دىسە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ..توۋۋا…ئانا تىلىنى قەدىرلىمەيدىغان مۇشۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەم زادى چىداپ تۇرالماي قالىمەن.!!!!
بولسا پاسىبان بىلوگىدىنمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى كۆرەلىسەك گۈل ئۈستىگە گۈل قونغاندەك ئىش بولاتتى….بولوپمۇ ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرىلىشى، سىتىۋجوبىسنىڭ نۇتۇقلىرىنى دىگەندەك…