كومپىيۇتېردا بەزى تېكىست ھۆججەتلىرىنى ئايفوندا كۆرۈشكە ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ. بۇنى مۇرەككەپ جەريانلار ئارقىلىق PDF كە ئايلاندۇرۇپ iBooks ئارقىلىق ئېلكىتاب شەكلىدە كۆرۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. تۆۋەندە TXT فورماتىدىكى ھۆججەتنى ئايفوندا مۇكەممەل كۆرەلەيدىغان ھەقسىز ئەپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

AppStore دا iReader دەيدىغان بىر ئەپ بار. بۇ بىر خەن ياسىغان ھېكايە ئوقۇغۇچ بولۇپ، TXT فورماتىنى مۇكەممەل قوللايدىكەن. ئاۋال بۇنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.


ئۇيغۇرچە يېزىلغان تېكىست ھۆججىتىنى چوقۇم Unicode شەكلىدە ساقلاش كېرەك. قانداق قىلىپ بۇ ھالەتتە ساقلاش ئۈچۈن سىنغا دىققەت قىلسىڭىز بىلەلەيسىز.


ئەگەر ئايفونغا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغان بولسىڭىز تېكىست ھۆججىتىمۇ ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن. بۇ ئەپتە خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى، تەگلىك رەسىمىنى دېگەندەك بىر قىسىم لازىملىق تەڭشەكلەرنى ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن.


مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن كومپىيۇتېردىكى تېكىست ھۆججەتلىرىنى ناھايىتى قولاي ئۇسۇلدا كۆرەلەيدىكەنمىز.

بۇ ئەپ ئارقىلىق كومپىيۇتېردىكى تېكىست ھۆججىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن قانداق ئاددى مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈڭ.

بۇ ئەپنىڭ iTunes تىكى ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي.

ئەپ ئىسمى : iReader

ساتقۇچى : Cheng XiangJun

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 2.8 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 

تۆۋەندە تورداشلار ئېيتىپ ئۆتكەن Good Reader توغرىسىدا يەنە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتەي.

GoodReader for iPhone

Good Reader نىڭ ئىقتىدارى 5 دوللارغا لايىق. خالىغانلار App Store دىن ئىزدەپ تېپىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ. PDF، TXT، رەسىم، مۇزىكا ھەممىنى ئوقۇيالايدىكەن. قۇربىتىڭىز يەتسە سېتىۋېلىپ ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلىتىڭ. بۇنىڭغا ھېچنىمە يەتمەيدۇ. سېتىۋېلىش ئادرىسى:
http://goo.gl/GEZHu


نۆۋەتتىكى 3.8.1 نەشىرىنىڭ يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي. تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز مۇشۇ جايدىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
http://dl.dbank.com/c0l5sh51lz
ئايرىم يازما قىلىپ يوللاپ يۈرمەي مۇشۇ يەردە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتەي:
1. ئۇيغۇرچە تېكىست كۆرۈش ئۈچۈن ئۈستىدىكى دەرسلىكتە سۆزلەنگەندەك Unicode قىلىپ ساقلىساق نورمال كۆرۈنمەيدىكەن. كومپىيۇتېردا ساقلىغاندا UTF-8 قىلىپ ساقلاپ ئاندىن چىقارساڭلار بولىدۇ.
2. ئوڭدىن سولغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەپ باش بېتىدىكى Settings دىن TXT Files نى تاللاپ تەڭشەك قىسمىنى ئاچىمىز (ياكى تېكىست كۆرۈدىغان بەتتىكى چىشلىق چاقنى بېسىپ بىۋاستە تېكىست ھۆججىتى تەڭشەك بېتىنى ئاچالايسىز) ئاستىدىكى Right text alignment نى ئېچىپ قويساڭلار تېكىست ئوڭدىن سولغا بولىدۇ.
3. كومپىيۇتېردىن سىمسىز ھۆججەت ئۇزۇتۇش ئۈچۈن كومپىيۇتېرىڭىز بىلەن ئايفونىڭىز ئوخشاش دائىرىلىك تور ئىچىدە بولىشى كېرەك. ئەپ ئاساسى بېتىدە سول تەرەپ ئاستىدىكى WiFi نىڭ بەلگىسىنى بېسىڭ. ئاستىغا قارىسىڭىز IP Address نىڭ ئارقىسىدا 192.168 دېگەن ئادرىسنى كۆرىمىز. شۇنى تور كۆرگۈچكە يېزىپ ھۆججەت ئۇزۇتۇش بېتىنى ئېچىڭ.
تاللايدىغان ھۆججەتنى Select نى بېسىپ تاللاپ بولغاندىن كىيىن Upload Selected File نى بېسىپ ئايفونغا يوللايسىز. يوللاش جەريانىدا ئايفونغا ۋە يوللاش بېتىگە چىقىلماڭ. يوللاپ بولغاندىن كىيىن ئايفوندا ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى Stop نى باسسىڭىز يوللاش سۇپىسىدىن چېكىنىدۇ.
ئايفوندا چېكىنگەندىن كىيىن كومپىيۇتېردىكى يوللاش بېتىمۇ خىزمەتتىن توختايدۇ. قايتا باشقا ھۆججەت يوللاش ئۈچۈن ئايفوندىن ھېلىقى WiFi نىڭ بەلگىسى بار جاينى يەنە قايتىدىن ئېچىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز.
ئەلۋەتتە، بۇ ئەپكىمۇ ئۈستىدىكى فىلىمدە كۆرسىتىلگەندەك iTunes ئارقىلىقمۇ ھۆججەت يوللىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا تېخىمۇ تېز بولىدۇ. بۇ ئەپ خېلى مۇرەككەپ، كۆپ ئىقتىدارلىق. تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلىرىنى باش بېتىدىكى ؟ بەلگىسىنى بېسىپ كۆرىۋالغايسىز. ياردەم مەزمۇنىنىڭ تەرجىمىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن گوگل تەرجىمانىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.
http://translate.google.cn/?hl=en

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

    سزگە كۆپ رەھمەت جۇمۇ پاسىبان ئەپەندىم. كۆپ قىيىنچىلىقلىرىمىز تور بېتىڭىزدە ھەل بولىۋاتىدۇ …

  2. مەنمۇ بۈ ئەپنى قاچىلاپ سىناپ باققان ئىدىم ، لېكىن ئۇيغۇرچە تېكىست ھۆججىتىنىڭ يۆلىنىشىنى توغىرلاشتا تازا كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىدى ، ئۇيغۇرچە txt فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆرۈشتە يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەپ گوگىلنىڭGoodreder دېگەن ئوقۇغۇچ ئىكەن ، بۇ ئوقۇغۇچتا  txt/word/PDF قاتارلىق خىلى كۆپ فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇغىلى بولۇپلا قالماستىن ، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرچىغا ئوخشاش ئوڭدىن سولغا يۆلىنىشتە يېزىلىدىغان يېزىقلارنى خىلى ياخشى كۆرسىتىپ بىرىدىكەن . . مەن مۇشۇ txt فورماتدىكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى يۆلىنىشىنى توغرا كۆرسىتىپ ئوقۇغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ئەپلەرنى قاچىلاپ كۆرۈپ باقتىم ، يەنىلا ئەڭ يارىغىنى گوگىلنىڭGoodReader .ھەركىمنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ ، قېنى باشقىلارمۇ ئۆزەڭلارنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى دەپ بېقىڭلار . 

    • شۇنداق. بۇ ئەپ ئارقىلىق ئوڭدىن سولغا تەڭشىگىلى بولمايدىكەن. سىز دېگەن Good Reader گوگلنىڭ ئەمەس. بۇ ئەپ ھەقلىق، يەنە كېلىىپ 5 دوللار بولغانلىقى ئۈچۈن ئاۋال بۇ ھەقسىزىنى تونۇشتۇرغان ئىدىم. كىيىنكى قېتىم نۆۋەت Good Reader دا، ئاللاھ خالىسا…

  3. قېنى مەن گوگىلنىڭ ئۇ ئوقۇغۇچىسىنىمۇ قاچىلاپ كۆرۈپ باقاي، بۇ ئەپنىڭ پەقەت شۇ ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئوڭدىن سولغا يۆنىلىشتە كۆرسىتەلمەيدىغاندىن باشقا تەرەپلىرى ياخشىكەن، ئاددى لايىھە، بەت ئۆرۈش ئۈنۈمى، تىزلىكى بولىدىكەن ،
    ئارتۇقچە ئىقتىدارلاردىن خالى، بىزگە ئەڭ كېرەك بولىدىغان ئىقتىدارلىرى ئاساسەن تولۇق ئىكەن .

  4. شۇنداقكەن ، GoodReader گوگىلنىڭ ئەمەسكەن ، كەمىنە بۇ ئەپنىڭ قايسى شىركەتنىڭ ئىكەنلىكىگە تازا دىققەت قىلماپتىمەن ، لېكىن ئۇيغۇرچەtxt/word/PDF فورماتىدكى ھۆججەتلەرنى ،يەنە سۈرەت ، ئاۋاز ، ۋېدىئو قاتارلىق ھۆججەتلەرنى خىلى ئوبدانلا ئوقۇۇيالايدىغانلىقىدا گەپ يوق . بۇ ئەپ  app store دا ھەقلىق ، لېكىن تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئۈسكۈنىلەر بولسا 91 چوماقچىسىنىڭ ئەپ ماگزىنىدا يېشىۋىتىلگەن ھەقسىز نەشىرىمۇ باركەن (باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ھەقسىز نەشىرىنى ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ ) .

  5. مەن ھازىر GoodReade نى قاچىلاپ كۆرۈپ باقتىم، دىگەندەك بۇ ئەپ ئۇيغۇرچە يېزىقلارنى ئوڭدىن سولغا يۆنىلىشتە كۆرسىتەلەيدىكەن، ئۇندىن باشقا مايور دىگەندەك نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى باركەن، يەنە تېخى Tplayer غا ئوخشاش ، كېرەكلىك دوكومېنتلارنى WiFi ئارقىلىق كومپىيوتىردىن سىمىسىز يوللاشقا بولىدىكەن، سىم بىلەن چېتىپ ، ئايتۇنىس نى قوزغىتىپ يۈرۈش ھاجەتسىز ئىكەن،

    ئۇندىن باشقا تەڭشەپ قويساق ، ئاپتۇماتىك سۈرۈپ كۆرسىتىش، ….. قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى باركەن،

  6. دەرسلىرىڭىزگە رەھمەت ! ھارمىغايسىز !

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش