ئىلگىرى سىز مۇسابىقە ئويۇنلىرىنى كۆپ قېتىم ئويناپ باققانغۇ دەيمەن. نەچچە خىلىنى ئويناپ باققانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. لېكىن بۇ ئويۇن ئىلگىرىكىلەرگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن «يېڭى ئويۇن» . بۇنى ئىنتايىن ئىسىل مۇسابىقە ماشىنا ئويۇنى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئويناش ئۇسلۇبى پەقەت باشقىچىلا.
سىز مۇسابىقە ماشىنىسىنى باشقۇرۇپ ھەيدىمەيسىز. پەقەت خەرىتىگە قولىڭىز بىلەن سىزىش ئارقىلىقلا ماشىنىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىيەلەيسىز. سىزغان چاغدىكى سۈرئېتىڭىز ماشىنىڭىزنىڭ شۇ جايدىكى سۈرئېتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنى بىرلا ۋاقىتتا 3 ئادەم ئوينىغىلى بولىدۇ. تورلاشتۇرۇپمۇ ئوينىغىلى بولىدۇ. بەلكى مەنمۇ سىز بىلەن مۇشۇ ئويۇننى بىللە ئويناپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
ئۆگەنمەك ناھايىتى ئاسان. ئاۋال قانچە ئادەم ئوينايدىغانلىقىنى ياكى توردا ئوينايدىغانلىقىمىزنى تاللاپ بېرىمىز. ئاندىن 1-ئويۇنچى ماشىنىسىغا يۆنىلىش سىزىپ بېرىدۇ. سىزغاندىكى سۈرئەت، ماشىنىنىڭ سۈرئېتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاندىن 2-ئويۇنچى، ئاندىن 3-ئويۇنچى سىزىدۇ. باشلاشنى باسقاندىن كېيىن ئۈچىڭلارنىڭ ماشىنىسى بايا سىلەر سىزىپ بەرگەن يول بويىچە مۇسابىقىنى باشلىۋېتىدۇ.
بۇ ناھايىتى ئوماق بىر ئويۇن. ئاۋازنىڭ يېقىملىقلىغى، ماشىنىنىڭ سىيرىلىشىنىڭ تەبىئىيلىكى كىشىگە ئۆزگىچە زوق بېرىدۇ. خوش، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەي دەرھال چۈشۈرىۋېلىڭ.
ئويۇن ئىسمى : DrawRace
ياسىغان شىركەت : RedLynx Ltd
ئويۇن تۈرى : مۇسابىقە
قوللايدىغان سۇپا : ئاشۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرى
چوڭلۇقى: 14.5MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
ئەگەر سىزدە iTunes ھېساۋاتى بولمىسا بۇ يەرنى كۆرۈپ دەرھال تىزىملىتىۋېلىڭ. كۇلۇبىمىز ۋاقىت بەلگىلەپ ھەقسىز ئىسىل App لەرنى سىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار