تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ - Orient

iPhone نىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىدىن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بۇ ئەپ ئۆزىنىڭ سىغىمىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، ناھايىتىمۇ قوللىنىشچان ئىكەن. قوللىنىشچانلىقىغا باقماي، بۈگۈن يەنە ھەقسىز ئىكەن! لېكىن بۇ پۇرسەتنى كەتكۈزىۋەتسىڭىز دوللار خەجلىسىڭىزمۇ ئەرزىگۈدەك ئەپ ئىكەن.

بۇ شەرق-غەربنى كۆرسىتىدىغان كومپاس ئەمەس. بەلكى ئۆزىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئورنىمىزغا ئاساسەن قەشقەر بىلەن ئاتۇشنى، خوتەن بىلەن ئاقسۇنى، ئالتاي بىلەن ئىلىنى، تۇرپان بىلەن قۇمۇلنى؛ مەككە بىلەن مەدىنىنى، پارىژ بىلەن ئىستانبۇلنى، لوندون بىلەن نىيۇ-يوركنى، بېرلىن بىلەن رىيونى … كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن.

كۆرسىتىش ئۈچۈن تور موھىتى بولىشى كېرەك ئەمەس. خەرىدىتىن كۆرسىتىشكە بەلكى تورغا ئۇلىنىشى شەرت بولىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇنىڭ ئىش پرىنسىپى ئاساسەن ئالدىن كىرگۈزۈپ قويۇلغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ ئورنىمىزغا ئاساسەن ئەپ ئىچىدىلا ھېساپلاپ كۆرۈپ چىقىرىپ بېرىدۇ.

بەلگىلەنگەن شەھەرلەرنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندىن سىرت بىزنىڭ ھازىرقى ئورنىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن. بۇ ئەلۋەتتە شۇ شەھەر بىلەن تۈز سىزىق بويىچە تۇتاشقان سىزىقنىڭ ئۇزۇنلىقى، ماشىنا بىلەن ماڭىدىغان تاشيولنىڭ ئۇزۇنلىقى ئەمەس. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئايرۇپىلان بىلەن تۈپتۈز ئۇچساق شۇنچىلىك ئارىلىق ئۇچقاندىن كىيىن دېگەن جايغا بارىمىز.

ئەسلىدە بولمىغا بىرەر شەھەرنى، ئېنىقراق ئېيتساق ھەتتا بىرەر جاينى ئۆزىمىز خالىغانچە قوشۇپ قويالايدىكەنمىز. مەسىلەن، iPhone نىڭ ئورۇن بەلگىلىشى ھەممىمىزگە ئايان، ناھايىتىمۇ ئىنچىكە. بىز بىرەر دوستىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بەلگىلەپ قويغاندىن كىيىن، كېلەر قېتىم بېرىشقا توغرا كېلىپ، ئۆينى بىۋاستە تاپالمىغان ۋاقتىمىزدا، ئاشۇ ئەتراپقا بىرىپ مۇشۇ ئەپنىڭ ياردىمىدە ئارىلىقنى ۋە تەرەپنى بەلگىلەپ تۇرۇپ ناھايىتى ئاسانلا تاپالايمىز.

بىز بۇ ئەپ ئارقىلىق مەككە مۇكەررەمەدىكى مەسجىدىل ھەرەمنىڭ ئورنىنى قوشۇپ قويۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر جايىدىن قىبلىنىڭ 100% توپتوغرا ئورنىنى بىمالال تاپالايمىز. ھېچقانداق قوشۇمچە ئەپ ياكى ئۈسكۈنىنىڭ ھاجىتى يوق، قولىمىزدىكى iPhone غا مۇشۇ ئەپنى قاچىلاپلا قىبلىنى تېپىش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالىغۇدەكمىز.

يات شەھەرلەردە بولغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ قويۇپ، مۇساپىرچىلىق ھېجرانىدا پىغان تۇتقاندا، ئاشۇ تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ ئاتا-ئانمىزغا تېلىفون قىلىپ ئەھۋال سورىساق … بۇنىڭدا بۆلەكچە بىر تۇيغۇ پەيدا بولىدىغۇ دەيمەن…

بۇ ئەپ ئۇنىۋېرسال ئەپ بولۇپ، iPhone ۋە iPad كە تەڭلا ماس كېلىدۇ. مۇشۇ دەرىجىدە قولاي، گۈزەل بىر ئەپنى قاچىلاپ قويماسلىققا يەنە قانداق باھانىڭىز بار؟ يەنە كېلىپ بۈگۈن بۇ ئەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز! قېنى ئەمىسە!

ئەپ ئىسمى : Orient

ساتقۇچى : Sonic Vision Create Inc.

تۈرى :قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 1.2 MB

باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى :

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



19 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ما ئەپ بىزدەك بىر يەردە تۇرالمايدىغانلارغا بەك پەيزىكەن . يۇرتتا تېخىمۇ مول ھوسۇللۇق بوپ كەتلىغۇ.ئادەتتە بىز يۇرتقا باساق كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرغىلى ۋاقىتمۇ كۆپ چىقمايدىغان.ئاللاھ قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن.

  2. لاتىنچەم پەقەت ياخشى ئەمەس، تازا ياخشى قوللىنالمايدىغاندەك قىلامدىم نېمە

  3. ئايتۇنېسنىڭ ئەپ چۇشۇرۇپ ساقلايدىغان ئورنىنى س دىسكىدىن باشقا دىسكىغا ساقلايدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولامدۇ؟پاسىبان ئەپەندىم شۇنى بىر دەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن؟ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.س دېسكام توشۇپ كەتتى.

  4. ياخشىمۇ سىز . بەزى يازغان ئىنكاسلارغا جاۋاب يېزىلماي قىلۋاتىدۇ ، شۇڭا بۇيەرگىلا يازدىم ، ئايفۇن يۈتۈپ كەتسە تاپقىلى بۇلدىغان قولايلىق ياخشى بولغان ئەپ تىن بىرنى تەۋسىيە قىلۋەتسىڭىز بوپتىكەن ، ئاۋۇ يۈرەك سۇقۇشنى ئۆلچەيدىغان ئەپ نى قاچىلاپ ئىشلىتىپ ، قان بېسىمنى ئۆلچەيدىغان ، قىزىتمىنى ئۆلچەيدىغان ، پۇلنىڭ راس يالغانلىقىنى بىلگىلى بۇلدىغان دىگەندەك ئەپ بارمىدۇ :lol: دەپ ئويلاپ قالدىم ، شۇڭا مۇشۇ يەردىلا سورىشىم .. بۇ ئايفۇندا ئادەم خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئەپ لەر تېپىلدىكەن شۇڭا مەنمۇ ئاجايىپ – غارايىپ خىياللارنى قىلۋاتىمەن . :razz:

  5. iTunes نىڭ كومپىيۇتېرغا چۈشۈرگەن ئويۇنلىرىنى ئەسلىدىن C دېسكىغا چۈشۈرىدىغان بولغاچ C دېسكا ئاسانلا توشۇپ كېتىدۇ. بۇنى ناھايىتى ئاسانلا بىر مەشغۇلات بىلەن D دېسكىغا، ياكى خالىغان بىر جايغا يۆتكىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق:
    iTunes نى ئېچىپ 编辑 دىن 偏好设置 نى ئېچىڭ. ئۈستىدىكى تاللاش كارتىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى 高级 نى بېسىپ قارىسىڭىز ئۈستى تەرەپتە ئۇنىڭ چۈشۈرگەن ئەپلەرنى ساقلايدىغان ئورنى كۆرسىتىلگەن. 更改 نى بېسىپ D دېسكىنىڭ مەلۇم ئادرىسىنى كۆرسىتىپبەرسىڭىز بولىدۇ. ئىش تامام.دەپ يىزىپـىكەنسىز شۇ بويىچە قىلساممۇ يەنىلا 我的文档\My Music\ iTunes\ Mobile Appilication مۇشۇ جايغا چۇشىۋاتىدۇ.تەجرىبىڭىزنى سوزلەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن پاسىبان ئەپەندىم.ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

    • مەن دېگەندەك قىلسىڭىز چوقۇم ئوڭشىلىدۇ. قىلالماپسىز. بۇنىڭغا تەجرىبە سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئوڭشاشنىڭ ئامالىنى ئېنىق قىلىپ دەپ بەردىم. شۇ بۇيىچە قىلسىڭىز بۇ جايغا چۈشۈرمەيدۇ.

  6. ئەپسۇس ، ھەقسىز تارقىتىش ۋاقتى ئۈتۈپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ ، ھازىر ھەقلىقكەن ، مۇشۇ ھەقلىق ئەپلەرنى ئاددى ئۇسۇلدا سېتېۋېلىش توغرىسىدا بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولساق دەيمەن ، بىرەرسىنىڭ كارتىسىغا پۇل سېلىپ بەرسەك ، بىز دىگەن شۇ ئەپنى بىزگە ئېلىپ بەرسە ، تۇرمىدىن قاچماي جازا مۇددىتىم توشقىچە تۈرمىدە يۈرەتتىم ، :cool: شۇنداقلا بولسا خەت قالدۇرۇپ قۇيارسىلەر ،

    • بۇ توغۇرلۇق ئاتاماننىڭ (…..ئايفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىشىڭلانى تەۋسىيە قىلىمەن……پۇلنى مىنىڭ كارتامغا سېلىپ بەرساڭلا مەن سىلەگە ئېپبىرىمەن…..) دىگەندەك ئىنكاسى يادىمدا!

      • ئىلگىرى 淘宝 دا مۇشۇنداق بىر دۇكان ئاچقان ئىدىم. شۇ چاغدا مۇشۇنداق دېگەنمىتىمكىن. ھازىر دۇكاننى تاقىۋەتتىم. ئەگەر تەلەپ يۇقىرى بوپقالسا قايتىدىن ئېچىپ قويساممۇ بولىدۇ :lol:

  7. مەن تاۋباۋدىن ھەقلىق ئەپ سىتىۋالدىم، چۈنكى 5.0 تىخى تۈرمىدىن قاچمىغاچقا پاسىبان ئەپەندىم تۇنۇشتۇرغان ئاجايىپ ئەپلەرگە چىداپ تۇراممىدىم…
    مەن ئاددىلا قىلىپ ئۆز مەشخۇلاتىمنى سۆزلەي…باشقىسىنى ئۆزۈڭلا سىناش جەريانىدا بىلىۋالىسىلە…
    1.ھەقلىق ئەپ سىتىۋىلىش ئۈچۈن تاۋباۋ تورىدىن ياكى باشقا توربەتلەردىن مال سىتىۋىلىش شەرتىنى(توربانكا كەسپى ئىچىۋىتىلگەن بانكا كارتىسى ۋە تاۋباۋدىن مال سىتىۋىلىش ھىساۋات نۇمىرى..مۇنداقلا ئىيتساق账号 بولىشى كىرەك) ھازىرلىغان بولىشىڭىز كىرەك…
    2.تاۋباۋنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە app store دەپلا كىر گۈزسىڭىز بۇنداق ھەقلىق ئەپ سەتىدىغانلا جىق..(ھەقلىق ئەپلەر$0.99دەپ تۇرسا 1دوللار كەن بىر دوللار قانچە خەلىق پۇلىغا توغرا كىلە دەپ ھىساپلاپ قىممەت كۆرىۋاتقانسىز ھەئەمەلىيەتتە تاۋبادىن ھەقلىق ئەپ سىتىۋاسىڭىز بىر دوللار بىريۈەنگە باراۋەر) توردا مال سىتىش ئىناۋەت دەرىجىسى يۇقىرىراق ماگزىندىن بىر نى تاللايسىز .
    3.سىتىۋاماقچى بوغان ئەپلەرنىڭ باھاسىنى ھىساپلاپ ئاۋال پۇل تاپشۇرىسىزئاندىن سىتىۋاماقچى بوغان ئەپنى چۈشۈرۈش ھالىتىگە كىرىسىز يەنى iTunes نى تىلفۇن كومپىيۇتىرغا ئۇلانغان ھالەتتە قوزغىتىسىز..iTunesتىكى$0.99购买应用软件دىگەن خەتنىڭ يىنىدا كىچىك بىر ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك چىكىت با شۇنى باسسىڭىز 6تۈر يەنى 6قۇر خەت بابۇنىڭ ئىچىدىكى 4-قۇر نى باسسىڭىز سىز سىتىۋاماقچى بوغان ئەپنىڭ iTunesتىكى ئادرىسى كۆچۈرۈلىدۇ بۇنى سىز تاۋباۋ دىكى مال ساتقۇچىغا يوللاپ بىر ئاز ساقلايسىز بىرئاز ساقلىغاندىن كىيىن مال ساتقۇچى سىزگە رەسىم ھالىتىدە مەخپى نۇمۇر يوللايدۇ بۇ مەخپى نۇمۇر نى iTunes ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە سىزنىڭ iTunes ھىساۋاتىڭىز نىڭ يىنىدا كىچىك ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك چىكىتنى بىسىپ تىزىملىكتىن 2-قۇرنى بىسىپ چىققان كۆزنەككە كىرگۈزىسىز جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن iTunesبۇ ئەپنى تىلفۇنىڭىزغا چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ….
    ئەمدى بۇ ھەقلىق ئەپ سىزنىڭ بولدى
    سىناپ بىقىڭ .. توردىن مال سىتىۋىلىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولسىڭىز مەن سىزگە تاۋباۋدىن ھەقلىق ئەپ سىتىۋىلىشقا ياردەملىشىكە تەييار…ئارتۇق ھەق ئالمايمەن :o))):

    • 1 دوللارنى 1 يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن ئەرزان سېتىۋالىدىغانلار ئەمدى ئۆزىڭىزگە ھۇشيار بولۇڭ. App Store دىن ھەرقانداق نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىناۋەتلىك كارتا ۋە ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىشتىن باشقا يول يوق. بۇنىڭ باشقا بىر ئەرزانلىتىدىغان ئامالمۇ يوق. ئۇنداقكەن نېمىشقا 6.5 يۈەن ئەتراپىدا توغرا كېلىدىغان 1 دوللارلىق ئەپ نېمە ئۈچۈن ئاران 1 يۈەنگە سىلەرگە تېگىدۇ؟ سەۋەبى بۇ يەردە:
      ئۇلارنىڭ كارتىسىنىڭ كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولمىغان قارا يوللاردۇر. يەنى باشقىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا نومۇرىنى ئوغرىلاپ شۇنى كىرگۈزۈپلا App سېتىۋالىدۇ ۋە سىزگە سوۋغا قىلىش يولى بىلەن 淘宝 دا سىزگە ساتىدۇ. ئەمەلىيەتتە «سىزگە سوۋغا قىلغان كىشى» يەنى 淘宝卖家 ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيدۇ. (ياكى ئۇ باشقىلاردىن ئۈستىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق 6 مو ياكى 8 موغا ئالىدۇ، سىزگە 1 يۈەنگە ساتىدۇ). دېمەك بۇ كارتا قاپقارا ئوغرىنىڭ ئوغرىلىۋالغان قاپقارا ھارام كارتىسى. 淘宝 دا مۇشۇنداق سېتىۋاتقان ئالدامچى ئوغرىلارنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ. مۇشۇ سەۋەبلىك پۇللىرى ئىزسىز غايىب بولۇپ كەتكەن ھېلىقى بىچارىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. بۇنداق كارتىنى ئاڭلىسام بىر كۈنلىكىنى 50 ياكى 100 يۈەنگە ئىجارە قويىدىكەن. سىز مال ئالىدىغان ئاشۇ ساتقۇچىلار بىر كۈنلىكىنى ئىجارە ئېلىپ ئۇنىڭدىن 2~3 يۈزنى ياكى 5~6 يۈزنى سېتىپ ئۇ پۇلنى نەچچە ھەسسە قاتلايدىكەن. ئاشۇنداقلاردىن بىر نەرسە ئالغان كىشى نېمە ئۈچۈن بۇنىڭ شۇنچە ئەرزان ئىكەنلىكىنى ئويلىشىشى، ھارامدىن كەلگەنمۇ يوق پەرق قىلىشى لازىمدۇر.
      بۇ قىلمىشنى ئۆزىمىز يۈرەكنى سىلاپ تۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرسەك بىلىمىز، بۇ پەقەتلا راۋا بولىدىغان ئىش ئەمەس. كارتىنىڭ ھەقىقى ئېگىسى پۇللىرىنى بىز خەجلەپ خوش بولۇپ يۈرگىنىمىزدە بۇ ئىشنى بىلمەيدۇ، بىلگەن چاغدا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىدۇ. سىز كارتا ئېگىسىنى مۇشۇنداق قاقشىتىپ ئوغرىلىق قىلىپ ساتقان نەرسىنى پەخرلىنىپ «ھەجەپ ئەرزان ئېلىۋالدىم» دەپ ئۇنىڭغا شېرىك بولۇپ يۈرۈشنى «شەرەپلىك» ھېس قىلامسىز؟
      بىزنىڭ قائىدىمىزدە ھەممەيلەن بىلىمىز، ئوغرىلىق ھارام. ئوغرىنىڭ نەرسىسىنى پۇلغا سېتىۋېلىشمۇ ھارام. مەن سىزگە بۇ نەرسىنىڭ ئوغرىلاپ كېلىنگەن نەرسە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتتىم. ئەمدى ئالامسىز ئالمامسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.

    • Apple مۇشۇ خىلدىكى قىلمىشلارغىمۇ زەربە بېرىپ كېلىدۇ. يۇقارقىدەك قارا يوللار بىلەن سېتىۋېلىنىپ، كىشىنىڭ پۇلىغا «سوۋغا قىلىنغان» ئىشلارنى جازالايدىغان قارارى بار. سوۋغا قىلغۇچى ۋە سوۋغا قىلىنغۇچىنىڭ ھېساۋاتى Apple ID توڭلىتىلىدۇ. بۇندىن كىيىن بۇ ھېساۋاتنى سىز Apple گە ئىسپات بىلەن چۈشەندۈرۈپ بۇ قىلمىشىڭىزنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمىگۈچە ئىشلىتەلمەيسىز.
      ھازىرغىچە مۇشۇ يوللار بىلەن مەنپەئەتلىنىپ كېلىۋاتقانلار «مېنىڭ ھېچنىمە بولمىدىغۇ» دەپ كۆرەڭلىمەڭ. بەلكى بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ئۆگۈن مۇشۇنداق بولىدۇ. مەن كۆرگىنىمنى، بىلىدىغىنىمنى دەۋاتىمەن. چۈنكى مەنمۇ 淘宝 دا سىز دېگەندەك ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىدىغان دۇكاننى ئېچىپ تىجارەت قىلىپ باققان. (مەن ئۆزۈمنىڭ كارتام بىلەن ھەقىقىي يوسۇندا سېتىۋالغان جۇمۇ، مېنىمۇ ئوغرىكەن دەپ قالماڭ يەنە :lol: ) شۇڭا يۇقارقى 2 ئىنكاستا ئېيتقانلىرىمنى مەن ئېنىق بىلىمەن.

    • قارىغاندا ئۆزىمىزنىڭ كارتىسى ئارقىلىق ھەقلىق ئەپلەرنى قانداق سېتىۋېلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان يازمىنى يېزىش «ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان زۆرۈرىيەت» ئوخشايدۇ.

  8. مەسلەن : Apple دىن بىر تال ھەقلىق ئەپ سېتىۋالساق ، باشقا بۇردەلەرگىمۇ شۇ سېتىۋىلغان ئەپلەرنى تور ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرسەك ، ئۇلارمۇ شۇ بىز سېتىۋالغان ئەپلەرنى مەڭگۈ ( يېڭىلاپ ) ئىشلىتەلەمدۇ . يەنى ،بىر تېلفۇندىكى ھەقلىق ئەپلەرنى باشقا ، بىر قانچە تېلفۇنغا(ئەلۋەتتە ، شۇ ھەقلىق ئەپلەرنى) قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئايفۇن ئىشلىتىۋاتقانلار ئۆز -ئارا ھەمكارلىشىپ بىر ئەپنى تەكرار ئېلىشتىن خالى بولاتتۇق ، مەن بىر ئەپ سېتىۋالسام ، سىز باشقا بىر ئەپ سېتىۋلسىڭىز ، ئۇ باشقا يەنە بىر ئەپ سېتىۋالسا ، ئاخىرىدا ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىپلا بىراقلا ھەممىز قاچىلىۋالساق تولىمۇ قولايلىق ھەم پەچەت ئەپلەرنى ( ھەقلىق ئەپلەرنى) ئىشلەتكەن بولاتتۇق . چۈنكى مەن 4s تىن بىرنى زاكاس قىلماقچى ئىدىم ، ھەم ئۇنى ئۆز پېتى ( تۈرمىدىن قاچۇرماي ) ئىشلىتىشنى ئويلاۋاتىمەن . شۇڭا ، يۇقارقى مەن دىگەندەك قىلغىلى بۇلامدۇ ؟

    • ئەقىللىق جوبس بۇنىڭ ئالدىنى ئاۋۋال ئېلىۋالغان. بىر تال Apple ID ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 كومپىيۇتېرغا باغلىنىدۇ. يەنى، سىز ھەقلىق سېتىۋالغان ئاشۇ ئەپنى مەن قاچىلىغاندا شۇ ئەپنى سېتىۋالغان Apple ID نىڭ مەخپى نومۇرىنى سوراپ، مۇشۇ كومپىيۇتېرغا مۇشۇ ID نى ھوقوق بېرىلگەن ئىشلەتكۈچى قىلىپ باغلايدۇ. ئەگەر سىز سېتىۋالغان Apple ID رىڭىزنى ماڭا دەپ بېرىپ مەن قاچىلىۋالغان تەقدىردىمۇ، 6-بىر كىشى قاچىلىيالمايدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى سىزنىڭ Apple ID رىڭىزنىڭ مەخپى نومۇرىنى بىلىگەنلىكتىن، ھېساۋات تەڭشەش قىسمىدىن بەزى جايلارغا ھەپىلىشىپ ھېساۋاتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، مەخپى نومۇرنى ئۆزگەرتىۋېلىپ باشقا كومپىيۇتېردىكى باغلىنىشنى ئۈزىۋېتەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ھېساۋاتىڭىز سىزنىڭ كومپىيۇتېردا ئاقمايدۇ دېگەن گەپ. يەنە كېلىپ ھازىرقى iOS 5.0 دىكى بۇلۇت تېخنىكىسى ئارقىلىق سىز سېتىۋالغان ئەپنىڭ ھەممىسىنى خالىغانچە چۈشۈرىۋالالايدۇ. سىز بولسىڭىز بۇرۇن پۇلغا سېتىۋالغان نەرسىنىڭ يېڭىسى چىقسىمۇ يېڭىلىيالماي قاراپلا تۇرىسىز دېگەن گەپ. شۇڭا بۇ بىر ئاقماس ئامال.

  9. :oh,no2: ھەممىنى بىلگەن ئادەم بۇرۇنراق چۈشەندۈرسىڭىز بىزمۇ بىلىپ تۇرۇپ ھارام يەيدىغانلاردىن ئەمەستۇق بولمىسا….
    ئىنشائاللاھ كىلەر قىتىم ھەقلىق ئەپ تۇنۇشتۇرسىڭىز ھەقىقى دۇرۇس يول بىلەن سىتىۋالىمەن… كىم بىلىدۇ سىز دىگەندەك ئىشلارنى.. تاۋباۋدا ھەممە نەرسە ئەرزان بولغاندىكىن بۇمۇ ئەرزانكەن دەپلا ئويلاپتىمەن تىگى -تەكتىنى ئۈنچە ئويلاپ كەتمەپتىمەن….

    • :o))): مەن سىزنى ھارام يەيدۇ دېگىنىم يوق. سىز مۇشۇ ئىنكاسنى يازغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە جاۋاب شەكلىدە يېزىلىپ قالدى. مۇشۇنداق قىلىۋاتقان، قىلماقچى بولغانلارغا دېيىلگەن گەپ بۇ. ئاللاھ خالىسا 2~3 كۈن ئىچىدە بىر يازما تەييارلاي

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش