ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئالما شىركىتى زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ نامايەندىسى بولمىش «بۇلۇت» تېخنىكىسىنى Google دىن بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرگىدەك. ئالما شىركىتى بۇلۇت مۇزىكا مۇلازىمىتىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ بوپتۇ. پات ئارىدا ئابونتلارغا ئىلىتىشكە تاپشۇرىلىدىكەن. ئەگەر بۇ خىزمەت پلان بويىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە ئالمىنىڭ بۇلۇت تېخنىكىسى Google دىن بالدۇر ئەمەلكە ئاشقان بولىدۇ.

بۇلۇت مۇزىكا مۇلازىمىتىرى بولسا ئابونتلارنىڭ توردىن سېتىۋالغان ناخشا مۇزىكىلىرنى يېنىدا ئېلىپ يۈرمەستىن يىراقتىكى مۇلازىمىتىرغا ساقلاشقا ھاۋالە قىلىپ قويۇپ، خالىغان ۋاقىتتا مۇشۇ مۇلازىمىتىرغا ئۇلىنالايدىغان ھەرقانداق ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان يېڭى تېخنىكا. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئەسلى ئالما شىركىتى بۇلۇت تېخنىكىسىغا قارىتا مەخپىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىكەن. ھازىر ھەممە IT كارخانىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى بۇلۇت تېخنىكىسىغا قاراپ يۈزلەندۈرىۋاتىدۇ. Google بۇ جەھەتتە بىر قەدەر ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى. لېكىن ھازىرچە Google نىڭ بۇ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان مەھسۇلاتلىرى يوق.

ئەڭ دەسلەپ بۇلۇت تېخنىكىسىغا يۈرۈش قىلغان Google شىركىتى بىرقانچە چوڭ ئۈن-سىن مۇلازىمىتى شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىلتىماسى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ھەمكارلىق ئۇتۇقلۇق بولمىغان ئىدى. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە ئالما شىركىتى ھازىرغىچە 4 چوڭ ئۈن-سىن مۇلازىمىتى شىركىتى ئىچىدە 2 سىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە SONY مۇ بار بولىشى مۇمكىنكەن. بۈگۈن (جۈمە) ئالما شىركىتىنىڭ خىزمەتچى ئەمەلدارى Eddy Cue نيۇ-يوركقا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ھەمكارلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەتكەن.

ئۈن-سىن ساھەسىدىكى مەلۇم بىر غوللۇق شىركەتنىڭ ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ئالما شىركىتىنىڭ ئابونتلىرى كەڭ، تەپەككۇرى مول شىركەت. بۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا مۇشۇنداق بىر مۇلازىمەتنى يولغا قويىدىغانلىقى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەن. ئالما شىركىتىنىڭ مۇشۇنداق چوڭ كاتتىباش شىركەتلەر بىلەن  زىچ مۇناسىۋەت قۇرۇشى، بۇلۇت مۇلازىمىتىرى تەمىنلىگەن مۇزىكىلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يۈرگۈزۈشنىڭ راۋان بولىشى ئۈچۈن.


بۇلۇت دېگەن زادى نېمە؟ بۇنى بەلكى تۆۋەندىكى سىندىن بىلىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



بىرتال ئىنكاس بار.

  1. مەندە بەك ياىشى تەكلىپتىن بىرسى با 18609970524china@gmail.comمۇشۇ توغۇرلۇق سىزگە تەكلىپىم باتى !!!خەت يىزىڭ دەپپىرمەن

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش