2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگقا 15 كۈنلۈك نامزات كۆرسىتىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، باھالاش ھەيئەت ئەزالىرى ھەر بىر نامزات بلوگلارغا تەلەپ بويىچە نومۇر قويۇپ تەرتىپكە تىزىپ چىقىپتۇ. ئاخىرىدا 20 بلوگنى ئاۋازغا قويۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە بېلەت سانى كۆپ بولغان ئالدىنقى 10 بلوگنى تاللايدىغان ئىش ئىكەن.
مەنبە : يۈكسەل بلوگى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى›› شۇ تاپتا، ئۇدا يېرىم ئايغا سوزۇلغان نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ۋە كۆرسىتىلگەن بلوگلارنى باھالاپ رەسمىي نامزات بلوگلارنى تۇرۇغۇزۇپ چىقىش باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق يىللىق 10 چوڭ بلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا رەسمىي قەدەم قويدى. نامزات قوبۇل قىلىش ۋە نامزات بېكىتىش باسقۇچى ئارقىلىق 20 بلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. 27-دېكابىردىن يەنى بۈگۈندىن باشلاپ تاكى 31-دېكابىر كەچ سائەت 0 گىچە داۋام قىلىدىغان، 10 چوڭ بلوگنى بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ 20 نامزات بلوگنى بېلەت تاشلاش قاتارىغا تىزىشتا، باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان نومۇرىنىڭ يۇقىرىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ تىزىلدى.
بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
1. بېلەت تاشلاش ۋاقتى : 27-دېكابىردىن 31-دېكابىرغىچە جەمئىي 5 كۈن.
2. بېلەت تاشلاش سورۇنى: ئىزدىنىش مۇنبىرى، مىسرانىم مۇنبىرى، بىلىك مۇنبىرى، نۇرقۇت مۇنبىرى، كروران مۇنبىرى(جەمئىي 5 مۇنبەر)
3. بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىم بېلەت تاشلىسىلا بولىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا جەمئىي 10 بلوگقا بىرلا ۋاقىتتا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
4. ساختا بېلەت تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەت سورۇنى ھېسابلانغان مۇنبەرلەرنىڭ يېڭىدىن ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تاقالدى ياكى بېلەت سىستېمىسىغا 27-دېكابىردىن ئىلگىرى تىزىملانغان ئەزالارلا بېلەت تاشلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
5. بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال ‹‹ ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى›› دىكى ‹‹ 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ نامزاتلىرى ›› دېگەن تۈردىكى بلوگلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نامزات بلوگلار بىلەن تونۇشۇپ، بىر قەدەر ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز!
6. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېلەت تاشلاش تامام بولغان ھامان خۇلاسە قىلىنىپ، يېڭى يىل كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر
شىنجاڭ ئۇيغۇر سوفېت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئالىم ئەھەد ئەپەندى
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىن قىسمەت ئەپەندى
شىنجاڭ مىسرانىم ئۇنىۋېرسال تور بېكىتىدىن مىسرانىم ئەپەندى
شىنجاڭ ئەلداۋا ساغلاملىق تورىدىن ئوسمانجان نوھ بىلىگيار
بىلىك تورى ۋە كۆك كەپتەر بلوگىدىن كۆك كەپتەر ئەپەندى
يەتتە قىزلىرىم تورىدىن جۇلالىق (قىز)
كروران تورى ۋە بلوگىدىن كروران (قىز)
يۈكسەل بلوگىدىن كەمىنە يۈكسەل
ئەمسە تۆۋەندىكى مەنزىللەردىن كىرىپ، بېلەت تاشلاشنى باشلاڭ!
كۇلۇبىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن «پاسىبان بلوگى» غا بېلەت تاشلاپ قوللىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!









































چاچاتا يوق ! كەتتۇق!
مەن ئۈستىدە دىيىلگەن ھىچقايسى مۇنبەرگە ئەزا ئەمەستىم.قانداق قىلسام بولا؟
خېلى كۆپچىلىك كىشىلەر شۇنداقكەن. بۇ قېتىملىق بلوگ باھالاشتا بىز ئازراق زىيات تارتىپتۇق …
پاسىبان كۇلۇبى. شاھ ئۇيغۇر بىلوگى شۇنداقلا تورخۇمارغا بىر دىن بىلەت تاشلىدىم.. بولسا مۇشۇ 3 بىلوگنىڭ ھەممىسىلا 10 بىلوگ ئىچىگە كىرگەي