RATEDRR دېگەن بۇ گۇي ساراڭلا ئەمەس، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھۆ قىلغۇدەك تېپىۋەتكەن پۇلى بار نېمە ئوخشايدۇ. پۇل دېگەننى كۆيدۈرۈپلىۋېتىدىكەن. بىر تال iPhone 4S نى تېشىۋەتسە ئېسىت دەپ كېتىپتۇق. بۇ تەلۋىگە ئۇ ھېچ گەپ ئەمەستەك تۇرىدۇ. مىنۇتلۇق فىلىم ئۈچۈن پۇل دېگەننى خەجلەپ ژىتىۋېتىدىكەن بۇ …
MiniGun دەپ ئاتىلىدىغان مونو قورال 7.62 مىللىمېتىرلىق ئوقتىن مىنۇتىغا 4,000 پاي ئاتالايدىكەن. بۇ ئوقنىڭ بىر پېيىنىڭ باھايى تەخمىنەن 0.75 دوللار بولۇپ، 1 مېنۇتتا 3,000 دوللار سەرپ قىلىدۇ دېگەن گەپكەن. بۇ قورالنى ئادەتتە ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارغا سەپلەيدىكەن. ھەربىيچە HUMMER غىمۇ سالىدىكەن.
بۇ ساراڭ Minigun دەپ ئاتىلىدىغان مۇشۇ قورال بىلەن iPad 2 نىمۇ سىيرىپ تاشلاپتۇ. بۇ گۇي «ئەلئىسراپى مىنەل بۇشىڭ» نى ئاڭلىمىغان بولغىيمىتى؟
بۇ قورالنىڭ ئوت كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈككەن. بۇ ساراڭ ساپلا مۇشۇنداق قوراللار بىلەن ھەپىلىشىدىكەن. راستىنلا جېنىدىن تويغان تەلۋىدەك تۇرىدۇ. تېلىۋېزورنىڭ ۋەيران بولغاندىكى ھالىتىنى ئاستىلىتىپ كۆرسىتىپ بەكلا ھەيۋەت چىقىرىۋېتىپتۇ.
بىر ئوت چاچار بىلەن ساقچى ماشىنىسىنى بىتچىت قىلىش. دېدىمغۇ؟ بىر تال iPhone ئۇنىڭغا ھېچ گەپ ئەمەستەك …
12.7 مىللىمېتىرلىق سنايپىر بىلەن «تاۋۇزنى بوزەك قىلىش»
ئاشۇ سىنايپىر بىلەن كونارەڭ iMac نى …









































ماۋزونى دەھشەت ئوينايدىغان بۇپ كىتىپلا جۇما
ئەلئىسراپى مىنەل بۇشىڭ
ساراڭنىڭ ئالىي دەرىجىلىكى ئىكەن بۇ…
ئالامەت ، تېمىنى شاش ئويناپ قويىدۇ بىزنىڭ باشلىق….!
قارىغاندا بۇئامىركىلىقنىڭ نىرۋىسىنى غىدىقلىغىدەك باشقا ئىش يوق ئوخشايدۇ
ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولماس ، ساراڭمۇ ئەمەستۇ ، مەۋھۇم دۇنيادىكى ئويۇنلارنى بەك كۆپ ئويناپ زېرىكىپ كەتكەنلىكتىن رېئاللىققا يۈزلەنگەندۇ ، بەلكىم