ماۋزۇسىنى كۆرۈپ نېمىدۇ دەۋاتقانسىز؟ ئايفوننىڭ تېلفۇن خاتىرىسىنى بىرتالدىن ئايرىم-ئايرىم ئۆچۈرگىلى بولمامدىغاندۇ؟ سۆزلەشكەندە ھەر بىر مىنۇتتا ئاۋازلىق ئەسكەرتىش ئىقتىدارى يوقمىدۇ؟ قارا تىزىملىك ئىقتىدارىمۇ يوقمىدۇ؟ كەلگەن تېلفۇننىڭ رايون تەۋەلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ياخشىراق پروگرامما يوقمىدۇ؟ تىزلەتمە كونۇپكا ئارقىلىق تېلفۇن ئۇرغىلى بولمامدىغاندۇ؟ … بۇ پروگرامما – مانا مۇشۇنداق سۇئاللارغا جاۋاب تېپىپ بېرىدىغان پروگرامما.
دەسلەپتە نوكىيا ئىشلەتكەندە بايىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى 来电通 دېگەن پەچچەت پروگراممىغا ھاۋالە قىلىپ قويۇپلا قۇتۇلاتتىم. لېكىن ئايفون ئىشلەتكەندىن بۇيان بۇ ئىقتىدارنى تولۇقلايدىغان ياخشىراق بىرەر پروگرامما تاپالماي يۈرگەن ئېدىم. 91 نىڭ 来电秀 نى يوقتىن ياخشى بولغاچقا ئىشلىتىپ يۈرگەن. بۈگۈن مۇشۇنىڭ ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي تارتىپ ئالالايدىغان پەچچەت ئەپ – KuaiDial نى سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
مانا بۇ – ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى كۈچلۈك پروگرامما
- سىز تېلفۇن خاتىرىسىدىن پەقەت 1 تاللا تېلفۇن ئۇرۇش خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈش ئىھتىياجىدا بولغانغۇ دەيمەن. لېكىن بۇنى ئۆچۈرىمەن دەپ 清除 نى باسقىنىمىزدا بارلىق تېلفۇن خاتىرىسى ئۆچۈپ كېتىدۇ. بۇ ئايفوننىڭ تولىمۇ قاملاشمىغان بىر «ئىقتىدارى».
- ئايفوننىڭ تېلفۇن دەپتىرىدىن ئىسىم ئىزدەپ تېپىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا. شۇڭا مەن بۇ ئىقتىداردىن تولا پايدىلىنىپ كەتمەيمەن. Symbian OS كە 来电通 نى قاچىلاپ ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان تېز ئۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى پەچچەت ئىدى. مەسىلەن Abdurehim گە تېلفۇن ئۇرماقچى بولسام نومۇر بېسىش ھالىتىدە 223873446 دەپ باسساملا ئاشۇ ئىسىمنى تېپىپ چىقىپ بېرەتتى. بۇ ئىزدەيدىغان يەرگە كىرىپ Abdurehim دېگەن خەتنى بىرمۇبىر يېزىشتىن كۆپ قولاي. لېكىن ئايفوندا بۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان بىرەر پروگرامما يوق.
- ئادەتتكى تاغتۇرا تېلفۇندا بولىدىغان ھەر مىنۇتنىڭ 50 سېكونت ۋاقتىدا قۇلاققا ئاۋازلىق ئەسكەرتىدىغان بىر ئىقتىدار بار. بەزىدە مۇشۇنىڭغىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. لېكىن ئايفوننىڭ بۇنداق ئىقتىدارى يوق.
- قارا تىزىملىكنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ئىنتايىن پەچچەت ئىقتىدار. بۇنىڭ ياخشىراق بىرەرسىنى كۆپ ئىزدەپ كەتتىم. iBlacklist دەپ بىرى بار ئىكەن. لېكىن ئىقتىدارى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. بۇ چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدار ئىدى.
- بەزىدە كىشىنى ئاۋارە قىلىدىغان ئېلان تېلفۇن نومۇرلىرىغا ئۇچراپ قالىمىز. بىلمەستىن تېلفۇننى قايتۇرۇپ ئۇرىمىزدە پالانى يەردىكى پالانى تېلفۇنغا ئۇلىنىپ كېتىپ، تېلفۇن پۇلىڭىز بوراندا قالغان شاپتۇل دەرىخىدەك قاقسەنەم بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر رايون تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىرەر دېتال بولغان بولسا ئۆزىڭىز بىلمىگەن بىرەر جايدىن كەلگەن ئىكەنلىكىنى بىلىسىزدە ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمايدۇ. رايون تەۋەلىكىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى ناھايىتىمۇ قوللىنىشچان ئىقتىدار. ھازىرچە 来电通 دەك پەچچەت دېگۈدەك بىرەر ئەپ يوق ئىدى.
- ۋە باشقىلار …
ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن مۇشۇ ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى پەقەت 400 نەچچە كېلوبايت كېلىدىغان بىر ئەپتە بولسىچۇ؟ شۇنداق بولسا بۇ ئەپنى چوقۇم قاچىلايسىزغۇ دەيمەن؟ شۇنداق، مۇشۇ پەچچەت ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىسىل ئەپ – KuaiDial
KuaiDial نى قاچىلاش جەريانى
بۇ ئەپ بايا دەپ ئۆتكەن ئايفوندا بولۇشقا تېگىشلىك، لېكىن ئىلگىرى بولمىغان ئىقتىدارلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇ ئىسىل ئەپتىن بەھر ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرغان بولىشىڭىز كېرەك. چۈنكى بۇنى Cydia ئارقىلىق قاچىلايمىز. ئاۋال Cydia نى قوزغىتىڭ.
بۇنىڭدىن Manage (باشقۇرۇش) دېگەن تىزىملىكنى تاللاڭ.
ئوتتۇرىدىكى Soruces (مەنبە) نى بېسىڭ.
ئۈستىدە Entered by User (ئابونت قوشقان مەزمۇنلار) دېگەن جايدا سىز بۇرۇن قوشقان مەنبەلەرنى كۆرىسىز. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى Edit (تەھرىرلەش) نى بېسىڭ. بىز يەنە يېڭى بىر مەنبە قوشىشىمىز كېرەك. باسقاندىن كىيىن تەھرىرلەش ھالىتىگە كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سول تەرەپ ئۈستىدىكى Add (قوشۇش) نى بېسىڭ.
ئاندىن ئادرىس يازىدىغان جايغا http://kuaidial.googlecode.com/svn/deb دەپ تولدۇرۇڭ (رەسىمدىكىدەك) .
لازىملىق تەڭشەش ئۇسۇللىرى ۋە پروگرامما كۆرۈنۈشلىرى









































مەن cydia غا مەنبەنى كىرگۈزۈپ يېڭىلاۋاتقاندا 5قۇر خەت قىزىل كۆرۈندى،خاتالىق بەلگۈسى بىلەن.كېيىن يېڭىدىن قوشۇلغان مەنبەنى بېسىپ ئىچىگە كىرسەم
قۇپقۇرۇق ،ئەپ كۆرۈنمىدى
خاتالىق كۆرۈنگەن بولسا مەنبەنى ئۆچۈرىۋېتىپ قايتا قوشۇپ سىناڭ.
Itunes ئارقىلىق iphone غا يىڭى ئەپ قاچىلىغان ۋاقىتتا ،بۇرۇنقى id ئارقىلىق قاچىلانغان ئەپ لەر يۇيۇلۇپ كېتىدىكەن ،بۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئامال بارمۇ ؟
بىر ئايفونغا 5 نەپەر ھىساۋاتنى باغلاپ قاچىلىغىلى بولىدۇ. يۇيۇلۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزدا ئۇ ئەپلەرنىڭ يوقلىقىدىن. ئۇ چوقۇم ئىلگىرى باشقا كومپىيۇتېردا قاچىلانغان ئەپ. شۇلارنىڭ قاچىلاش بولىقىنى سىزنىڭ ئايتۇنىس ئامبىرىڭىزغا كۆچۈرۈپ قوشىۋەتسىڭىز بولىدۇ. يۇيۇلۇپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ئايتۇنىس ئامبىرىڭىزدا ئاشۇ ئەپلەرنىڭ يوقلىقىدىن. شۇڭا ماسقەدەملىگەندە ئايفوندىنمۇ يوقىتىۋېتىدۇ.
رەخمەت .
cydiaنى قوزغىتاي دىسەم بەك تەستە قوزغىلىدۇ (wifiدا) باشقا پروگىراممىلار ئۇنداق ئەمەس يانفۇن 4-ئەۋلاد ئىدى بۇنىڭ سەۋەبىنى
بىلگىلى بۇلارمۇ؟
بۇنىڭ قوزغىلىشى ئاستىمۇ ياكى بەتلەرنىڭ ئېچىلىشى ئاستىمۇ؟ بۇ تور بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسە. بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە بۇ نورمال ئەھۋال
ئايفوننى ئىشلىتىشكە نىسىپ بولمىغاندا سىن ئىلانلىرىدىن بىر ئالاھىدىلىكى كۆرگەن ئىدىم. سىندا ئايفوننى ئۇياق-بۇياققا چايقىسا ئىچىدىكى سىنبەلگىلەر چايقىلىپ چىچىلىپ ئاستا ئەسلىگە كىلەتتى. بولسا مۇشۇ ئىقتىدارىنى قاچىلايدىغان يۇمشاق دىتال بولسا تونۇشتۇرسىڭىز بوپتىكەن.
بۇنى كۆرمەپتىكەنمەن. ئەگەر تاپالىسام چوقۇم ئېلان قىلىپ قويىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئۇستام.مەن سىلىنىڭ ئايفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىشنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا بەرگەن تەلىملىرى بىلەن شۇپېتى ئىشلىتىۋەرگەن ئىدىم.لىكىن ماۋۇ بەزىبىر ئەپلىك دېتاللارنى ئىشلىتىش ئارزۇيۇم بىلەن بىر تەۋەككەل قىلىپ باقاي دەيمەن. سىلىدىن سورايدىغىنىم :ناۋادا تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالسا يانفۇندا ئەڭ ئېغىر بولغاندا قانداق ئەھۋال يۈزبىرىدۇ؟ …
ئەگەر يانفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن نورمال ئىشلىتەلمەي قالسام(ئېغىر شىۋېلىش،ياكى قېتىۋېلىش،دىگەندەك ئەھۋاللار بىلەن)ھازىر ئۆزىدە بار بولغان4.3.2نەشرىنى قايتا قاچىلىغىلى بولامدۇ؟
بىلىشىمچە سىزنىڭ لىيەنتوڭدىن ئالغان تېلفۇنغۇ دەيمەن. ئۇنىڭ قۇلىپى يوق. خاتىرجەم يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ. مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەننىڭ مەنىسى تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئايفونغا يېقىنلىشىدىغان ئۇسۇل دېگەن گەپ. ئاساسەن چاتاق يوق. تۈرمىدىن قاچۇرىمەن دەپ نىيەتنى بۇزغان ئادەم ئازراق تەۋەككۈل قىلىمىز. كۇلۇبتىكى 4.3.2 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى دېگەن كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولمىسا ئورگان بولىقىنى قايتا قاچىلىۋەتسىڭىز ئىش تامام. ھېچنىمە بولمايدۇ. Cydia دىن ئارتۇقچە بىر نەرسە قاچىلىمىسىڭىز بولدى. 91 نى ئېلاج بار ئىشلەتمەڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز تېلفۇنىڭىز بەلەن ئىشلەيدۇ.
360يىتپ ئاشىدۇ ماڭا
مېنىڭ ماۋۇ قوتو جىزامنىڭ سۈرتىمۇ بەك ئاستا ، بولمىسا بەك تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپتىكەنسىز ، سۈرتىنىڭ ئاستىلىقىدىن بەك ئىچىم سىقىلىپ كەتتى ……..
ئەتىگەن سائەت 4 بولاي دەپتۇ ، ئەمدى ئاستا كىرىپ ئۇخلاي جۇمۇ ، ھېلىمۇ جىق سۆزلەپ قويدۇم .كاللىسىدىن كېتىپتۇ دەپ قالماڭلار ، كىچىدە ئۇيقۇسى كەلمىسە مۇشۇنداق ئۇنىڭ – بۇنىڭ بىلوگىغا چىقىپ جۆيلۈپ قويۇپ كىرىپ ئۇخلايدىغان ئادىتىم بار . ئىنشا ئاللا …بۇ ئادىتىمنىمۇ ئۆزگەرتەمەن
_______________
ھە راست ماۋۇ قوتو جىزىغا تېلىفۇن كەلسە ئۈزىۋەتكىلى بولمايدىكەن ھە ( يەنى ئادەتتىكى باشقا تېلىفۇنلاردا بىزگە قارشى تەرەپتىن تېلىفۇن كەلسە ئالمايلا قىزىل كونۇپكىنى بېسىۋەتسە ئۈزۈلەتتى ، شۇنىڭغا ئوخشاش دېمەكچى ) مەن ئادەتتى ئالمايدىغان تېلىفۇن كەلسە سايراپ توختاپ قالغۇچە ھاڭۋاتىدەك قاراپ ئولتۇرىمەن ، ۋاي ۋاي ۋاي …ھەجەپ ئۇيقۇم كەلدى
كەلگەن تېلفۇننى ئۈزىۋېتىش ئۈچۈن ئۈستى تەرەپتىكى تاقاش كونۇپكىسىنى بىر چەكسىڭىز ئاۋازسىز بولىدۇ، يەنە بىر چەكسىڭىز ئۈزىۋېتىدۇ.
رەھمەت سىزگە
مىنىڭ ئايفونۇم تىخى تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ئىدى.ئەپ ستوردىن ئىزدىسەم بۇ يۇمتال يوقكەن.قانداق قىلسام بولا
بۇنى AppStore دىن ئەمەس Cydia دىن قاچىلايسىز. چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇش لازىم.
ئەگەر بۇ ھەقلىق ئەپ بولۇپ ئالما ئەپ دۇكىنىدا بولغىنىدا ئىدى، مەن قىلچە ئىككىلەنمەي سېتىۋالار ئىدىم. چۈنكى، مۇشۇ بىر دېتال بىزنىڭ نۇرغۇن ئېھتىياجىمىزدىن چىقىدۇ ھەم مۇقىم ئىشلەيدۇ. مەنمۇ بۇ دېتالغا بەك ئامراق. نېمىشقا ئالما تور دۇكىنىغا مۇشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئەپلەرنى سالمايدىغاندۇ؟