Pod 2g نىڭ ئالدىن خەۋەر بەرگىنى بويىچە، greenpois0n گورۇپپىسى(Chronic Dev Team) نىڭ باشلامچىسى p0sixninja  تۈنۈگۈن كەچرەك Twitter دا A5 CPU سەپلەنگەن ئالما ئۈسكۈنىلىرى، يەنى iPhone 4S ۋە iPad 2 لەرنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى Absinthe نى greenpois0n.com دىن چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قۇرال ئارقىلىق iPhone 4S نىڭ iOS 5.0 ۋە 5.0.1 ئىككى خىل نەشىرنىڭ ھەممىسىنى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدىكەن. iPad 2 نىڭ چوقۇم 5.0.1 بولۇشى كىرەك ئىكەن. ھەمدە كومپيۇتېردا iTunes نىڭ 10.5 دىن يۇقىرى نەشىرى بولۇش كىرەك ئىكەن. Twitter دا  ئىيتىلىشىچە بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالىنى ئىشلىتىش ناھايىتى ئاددى بولۇپ، پەقەت بىر كونۇپكىنى بىسىپلا ئىشنى تاماملىغىلى بولىدىكەن.
ھازىرچە Absinthe نىڭ پەقەت Mac OS X نەشىرىلا ئىلان قىلىندى، لىكىن ئېلان قىلغۇچى تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە تىزلا Windows ۋە Linux نەشىرىنى ئېلان قىلىدىكەن.

 

چۈشۈرۈش:

Absinthe نىڭ Windows ئۈچۈن ئىشلەنگەن Absinthe 0.4  نەشىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرىۋالالايسىز:

absinthe-win-0.4.zip

Absinthe نىڭ Mac OS X ئۈچۈن ئىشلەنگەن Absinthe 0.4  نەشىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرىۋالالايسىز:

absinthe-mac-0.4.zip

 

دىققەت!
بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىمىغان پىرىنسىپ بىلەن، يەنى Absinthe نىڭ يېڭى بايقىغان ئۇسۇلى بويىچە تۈرمىدىن قاچۇرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، (ناھايىتى ئاز نىسبەتتە) ماتېرىيال ۋە شەخسى ئۇچۇرلار ئۆچۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنچىلىكى بار.. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئاۋال iTunes ئارقىلىق راۋۇرۇس زاپاسلىۋىلىپ ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ!


تۆۋەندىكىسى موھىم ئىش:
تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كىيىن ئىكرانغا Absinthe نىڭ بەلگىسى قوشۇلىدۇ، لىكىن Cydia قوشۇلمايدۇ .

ئەسلى بىز Absinthe نى ئېچىپ Cydia نى قاچىلىشىمىز كىرەك ئىدى. لېكىن بۇنى بىۋاستە ئاچساق ”Error establishing database connection“ دىگەن ئەسكەرتمە ئۇچۇر چىقىۋالىدىكەن(يەنى greenpois0n.com غا ئۇلىنالمىغانلىقتىن).

شۇڭا بۇ چاغدا Absinthe نى ئاچماي تۇرۇڭ! ئاۋال 设置 غا كىرىپ VPN نى ئىچىۋىتىشىمىز كىرەك(ئەگەر VPN نى ئىچىش ئوڭۇشلۇق بولمىسا قايتا – قايتا ئىچىپ سىناش كىرەك، تاكى ئۈسكۈنە قايتا قوزغالغۇچە)

VPN نى ئاچقاندىن ئۈسكۈنە قايتا قوزغىلىدۇدە، Cydia مۇ كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام 

 

تىخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار ۋە يولۇققان مەسىىلىلەر ئۈچۈن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدىىكى تۆۋەندىكى يازمىلارنى زىيارت قىلىڭ

http://bbs.pasiban.com/forum.php?mod=viewthread&tid=120

http://bbs.pasiban.com/forum.php?mod=viewthread&tid=121

 

(پاسىبان كۇلۇبىدىن Uzboy يازمىسى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



6 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ياخشى بوپتۇ ! :vict:
    ________________
    قاملاشمىغانلار! :oh,no:
    ________________
    دىۋان مىنىڭكەن ! :o))):

  2. قولامدىكىسى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىن ئالغان 4s ئىدى، ۋىندوۋوس نۇسخىسى چىقسا قېچىپ باقايمىكىن دەيمەن. لېكىن بۇلار تۇرمىدىن قاچسا گارانتىنغا(باۋشۇ) ئىگە بولمايدىكەن، قانداق بولا.( لېكىن ئايفون ئىشلەتكەندىن بېرى رىمونتقا ئۇچراپ باقمىغان).

  3. Windows مۇھىتىدىكى دېتالىمۇ ئېلان قىلىنىپ بولدى.

  4. تۈرمىدىنغۇ قاچتۇق، ئەمدى Cydia دىكى ئېسل مەنبەلىرىڭىز ۋە تەۋسىيە ئەپلىرىڭىزنى تونۇشتۇرۇشنى باشلىۋەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. سەپەر ئوڭۇشلۇق بولغاندۇ؟

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش