كىسەللىك سەۋەبىدىن ئارام ئېلىۋاتقان ستىۋ جوبس ئاندى-ساندا پەيدا بولغاندىن باشقا چاغدا كىشىلەر ئۇنى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتىدىغان بوپ كېتىشتى. لېكىن بۇ كىشى يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلمىسا بىر يەرلىرى كامدەك ھېس قىلىدىكەن ئادەم. يېقىندا توردا بىر سىن تارقىلىپ يۈرۈپتۇدەك. بۇ قارىماققا يېڭى مەھسۇلات – ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىغا رەپېتىس قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشتەك قىلاتتى. شۇمۇ ئەمەس ئۆزىڭىز بىر كۆرۈپ باھا بېرىپ باقمامسىز؟

سىن بىر ئاز يىراقتىن ئېلىنغان بولغاچقا جوبسنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىكەن. لېكىن كىيىنگەن تەقى-تۇرقىغا، يەنە ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن بەدىنىگە قاراپ چوقۇم تونىۋالالايسىز. بۇ سىندا «يېڭى ئايفون يۇقىرى پەن تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى، سىز ئۇنىڭدىن بۆلجۈرگەن پۇرىقىنى پۇراپ ئالالايسىز» دېگەن بىر جۈملە بار ئىكەن.

PS : ئالما بۆلجۈرگەن پۇراپ يۈرسە بۇ ناقداق بوپ كەتكىنى؟ بۇ سىنلار ئەسلى خېلى كۆپ بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلانغان ئىكەن. قېپقالغىنى پەقەت مۇشۇ بىر دانىلا. ئارزۇلۇق بۇ سىننى كۆرۈپ ئايفون 5 نىڭ سىماسىنى كۆرەلەمدۇق يوق؟ سىنغا مەرھەمەت.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



10 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەمدى تېخى ئاق ئالما بازارغا سېلىنغان.بۇنى قاچان بازارغا سېلىشقا تەييارلىق كۆردىكىن؟سۈرئەت بەكلا تىز بۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ….

  2. ئايپادنى تولا ھەپىلىشىپ بارمىقىمنى بىرەرە ھۆججەتگە ئەكەلسەم شۇ ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى دەپ بىرىدىغان بولۇپ قالدى ، ئاۋازنى پەقەتلا يوقىتالمىدىم ياردەم قىلسىڭىز؟

    • سىزنىڭ مۇتلەق VoiceOver دېگەن ئىقتىدارى ئېچىلىپ قاپتۇ. 1 چەكسىڭىز ئوقۇپ بېرىدۇ، 2 چەكسىڭىز ئىجرا قىلىدۇ. ئەگەر ئېكران تاقاق ھالەتتە بولسا ئوڭغا سۈرۈپ ئېچىڭ دېگەن جاينى 3 قېتىم تېز چېكىپ قۇلۇپنى ئاچىسىز. ئاندىن 设置 نى بىر چېكىسىز. ئاۋازلىق 设置 دەپ ئوقۇپ بەرگەندىن كىيىن 2 چېكىپ ئىچىگە كىرىسىز. ئاندىن 通用 نى بىر چېكىڭ. ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن 2 چېكىڭ. ئىچىگە كىرىدۇ. ئاندىن 3 قولىڭىز بىلەن ئېكراننى ئاستىغا سۈرىسىز. ھازىر 1 قولدا سۈرگىلى بولمايدۇ. ئاندىن ئاستى تەرەپتە 辅助功能 دېگەن جاينى كۆرگەندىن كىيىن شۇنى بىر چېكىسىز. ئوقۇپ بېرىدۇ. ئاندىن 2 چېكىپ ئىچىگە كىرىسىز. ئەڭ ئۈستىدە VoiceOver دېگەن جاينى كۆرىسىز. بۇنىمۇ ئوخشاشلا 1 بېسىپ ئوقۇتۇپ بولغاندىن كىيىن 2 بېسىپ ئىچىگە كىرىسىز. ئاندىن ئۈستىدە بۇ ئىقتىدارنىڭ ئېچىش ۋە تاقاش ئورنىنى كۆرىسىز. بۇنى يەنە 2 چېكىپ تاقىۋەتسىڭىز ئىش تامام. بۇ ئەمدى تەپسىلىي بولغاندۇ؟
      بۇ ئىقتىدار ئەما كىشىلەرگە پايدىلىنىش ئۈچۈن قوشۇلغان. بۇ جاي بىلەن ئەمدى ھەپىلەشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
      بۇ سۇئالىڭىزغا بۇ جايدا جاۋاب بېرىپ بولغان ئىدىم. تەپسىلىي بولمىغان چېغى
      /201104221564.html#comment-814

  3. كۆپ رەھمەت ئاخىرى قانداق ئوڭشايدىغانلىقنى بىلىۋالدىم… :welcome:

  4. مېنىڭچە بۇ سىن ساختىدەك قىلىدۇ ، ئايىغىنى كەيگەن يېرىدە نېمىشقا بېشىنى كۆرسەتمەيدۇ ، مەن ئىتتىك قارىسام ئۇ ئاداش ستىۋ جوبس ئەمەستەك باشقا بىرسىدەكلا ، يەنى بېشى سەل يوغانراق تۇرىدۇ :o))):
    ستىۋ جوبس نىڭ بىشى ئۇزۇنچاق ، ئورۇق كىلىدىغان ، ماۋۇ ئاداش «زاپەر» ئوخشايدۇ :lol:

  5. مەندە چىقمىدىغۇ ۋىدىيو؟ يوقىتىۋېەتتىڭىزمۇ قانداق؟ :angry:

  6. ستىۋكامنى خۇدايىم بىر ساقلىسۇن جۇمۇ، مەن بەكلا ئامراق بۇ ئادەمگە، ۋاپات بوپ كەتسە راسلا چىدىيالمايمەن خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە.5-ئەۋلات چىقسا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ياكى ئالدىن زاكالەت قىىپ ئالاتتىم، ماۋۇ 3جى ئېس نى 4-ئەۋلاتقا ئالماشتۇرمىغان،ئەمدى قارىسام ھەممەيلەن شۇنى ئىشلىتىپ ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ :right:

    ئايپودنىڭ 2-نەشرىنى ئىشلىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ مېنىڭ بەكلا كۆزۈم چۈشكەن لېكىن بىرىنچىسىنى بىر تەرەپ قىلالمىغاچقا 8-O
    يەنە Samsung Galaxy Tab دەپ بىرنەرسىگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟نەقلا ئايپەدنى دورىغانكەن، ئايپەدتىن سەل كىچىكرەك،بەكلا ئەپلىك ھەم 3جى كاردنىمۇ كېسىش كەتمەيدىكەن،نەقلا چۈشىدىكەن يەنە ئاندىرويىد سېستىما،مۇشۇ نەرسىمۇ بوپ قويىدىكەن كىچىك سومكىلارغا سەپ ئويناشقا :kungfu:

  7. ئايپەد دىمەكچىتتىم، پود بوپ قاپتۇ. :left:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش