نەچچە كۈندىن بۇيان مۇشۇ ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەلدىكى چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ يانفون ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلىگەن يانفون تور بېتىنى كۆرگىنىمدە بىزنىڭ كۇلۇبىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق يانفوننى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئەقلى ئىقتىدارى بولىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئېدىم. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن نەچچە كۈن بوپتۇ، بۇنىمۇ ھەل قىلىۋالدىم.

يانفوندا كىرگەندە باشقىچە ئۇسلۇب كۆرىنىشتىكى ئاساسى مەقسەتنى ئەلۋەتتە بىلىشىڭلار مۇمكىن. يانفون ئۇسلۇبىدا ئوشۇقچە نەرسىلەر بولمايدۇ. ئېقىم مىقدارى تېجىلىدۇ، ئېچىلىش سۈرئىتىمۇ زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.  ئاساسى بەتتە قىستۇرما رەسىملەر كۆرۈنمەيدىغان بولغاچ  GPRS تە چىققاندىمۇ ئېقىم مىقدارىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىچكىرىلەپ ئوقۇماقچى بولساق ئاستى تەرەپتىكى «داۋامىنى ئوقۇش» دېگەن يەرنى بېسىپ يازما تەپسىلاتىنى كۆرىمىز.

بۇ يانفون ئۇسلۇبىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى مەزمۇن ۋە رەسىمنى يانفون ئېكرانىغا ماس ھالدا كىچىكلىتىپ كۆرسىتىدۇ. ئەسلى رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ئۆزگەرگەچ ئېقىم مىقدارى يەنىلا ئاز كېتىدۇ.

ئەگەر سىز تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئۇيغۇرچە فونت (بۇ يەرنى چېكىپ مۇناسىۋەتلىك يازمىغا بېرىڭ) قاچىلىغان بولسىڭىز مەزمۇنلار ئەرەپچىگە مايىل فونتتا ئەمەس، رەسىمدىكىدەك چىرايلىق ئۇيغۇرچە ھالەتتە كۆرىنىدۇ.

بەت ئۈستىگە دىققەت قىلسىڭىز ئىزدەش دېگەن جاينى كۆرىسىز. شۇ يەرنى چېكىپ بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈپ ئىزدىيەلەيسىز. ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئايفوندىكى ئېنگلىزچە كونۇپكا تاختىسىنى ياكى كىيىن سىز ئۆزىڭىز قوشقان ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنى (بۇ يەرنى بېسىپ مۇناسىۋەتلىك يازمىغا بېرىڭ) ئىشلىتىپ يېزىڭ. خەنزۇچە ياكى 搜狗  كىرگۈزگۈچ ئارقىلىق كىرگۈزسىڭىز ئېنگلىزچە ھەرپ چىقىدۇ. قايسىغا ئېھتىياجىڭىز بولسا شۇنى كىرگۈزۈپ ئىزدىيەلەيسىز. كىرگۈزۈپ بولۇپ Go نى بېسىپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.

ئىزدەش دېگەن جاينىڭ ئۈستى تەرىپىگە دىققەت قىلسىڭىز كىچىك بىر ئۈچبۇلۇڭ بار. شۇ يەرنى بېسىپ ھەرقايسىز تىزىملىكلەرنى كۆرەلەيسىز. ئاساسى تىزىملىكتە سۆز قالدۇرۇڭ بېتى، RSS ئوقۇغۇچ ۋە ئېلخەت ئەۋەتىش تىزىملىكلىرى بار. RSS نى ئالما RSS ئوقۇغۇچىسى ئارقىلىق ئوقۇيدىكەنسىز. ئاستىدىكى ئېلخەتنى باسسىڭىز بىۋاستە ئايفونىڭىز ئارقىلىق ماڭا ئېلخەت ئېۋەتەلەيسىز.

خەتكۈچ تىزىملىكىدە بلوگدىكى بارلىق خەتكۈچلەر ئىشىلىتلگەن سانىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك تەرتىۋى بويىچە تىزىلىپ كۆرىنىدۇ. ئارقىدىكى سان شۇ خەتكۈچكە ماس كېلىدىغان يازمىنىڭ سانى.

كاتېگورىيە دېگەن تىزىملىك بىز نورمال كومپىيۇتېرىمىزدا كۆرىدىغان بەت ئۈستىدىكى تىزىملىكلەر شۇ. بۇنىڭدا شۇ كاتېگورىيەگە ماس يازمىلارنى كۆرەلەيسىز.

ئەگەر كۇلۇبىمىزنىڭ تىزىملاتقان ئەزاسى بولسىڭىز ئاخىرقى بۇ تىزىملىك تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن كۆرىنىدۇ. بۇ جايدىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ تىزىملاتقان ئۇچۇرلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلارنى كۆرەلەيسىز.

ئىنكاس يېزىش رايونىغىمۇ ئۇيغۇرچە، ئېنگلىزچە ياكى خەنزۇچە يازالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنگلىزچە كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز.

يانفون ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن پاسىبان كۇلۇبىنىڭ تۇغىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك بۇرۇنقىغا قارىغاندا رەڭگى قويۇقراق، ئوچۇقراق كۆرىنىدىكەن. بۇرۇنقى تىزلەتمىنى ئۆچۈرىۋېتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

نۆۋەتتە بۇ ئۇسلۇب سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى. ئەگەر بايقىغان خاتالىقلار بولسا تەڭ ئوتتۇرىغا قويساڭلار، ئۆزۈم PHP, CSS تىللىرىنى بىلمىسەممۇ مۇشۇنچىلىك قىلىۋالدىم. ئەگەر قىلالىغۇدەك بولسام ئاللاھ خالىسا چوقۇم يەنە سىناپ كۆرىمەن.


* ئىنكاسلارنى كۆرۈش ئۈچۈن يازمىنىڭ ئاخىرىدىكى «مانچە دانە ئىنكاس بار» دېگەن يەرنى بېسىپ ئىنكاس رايونىنى ئېچىڭ.

* بىرەر يازمىنى ئېچىپ مەزمۇندىن ئاتلاپ بىۋاستە ئىنكاس رايونىغا بېرىش ئۈچۈن يازما ماۋزۇسىدىكى «ئىنكاسلارنى ئوقۇش» دېگەن يەرنى بېسىڭ.

* ئەگەر يانفون ئۇسلۇبىنى ياقتۇرمىسىڭىز ئەسلىدىكى كومپىيۇتېر ئۇسلۇبىغا قايتىپ زىيارەت قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بەت ئايىغىدىكى «يانفوندا كىرىش» دېگەن جاينى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بىۋاستە قايتمىسا بەتنى بىر قانچە يېڭىلاپ باشقا يازمىنى ئېچىپ سىناپ كۆرۈڭ.

كومپىيۇتېر ئۇسلۇبىدىن يانفون ئۇسلۇبىغا كېلىش ئۈچۈن يەنە بەت ئايىغىدىكى يانفوندا كىرىش دېگەن جاينى تېپىپ ئېچىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

* بۇ ئۇسلۇب Google Android قىمۇ ئىشلەيدۇ.


无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



17 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. سالام پاسىبان ئەپەندىم تىلپۇنىمنىڭ قولاق ئاۋازى تۆۋەنلەپ كەتتى بۇ نىمىنىڭ ئىشىدۇ ؟سىسىتىمىنى قايتايازسام ئوڭشىلارمۇ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەرقانچە بولسا ياندىكى ئاۋاز تۆۋەنلىتىدىغان جايدىن تۆۋەنلىتىپ قويۇپ بىلەلمەي قالمىغانسىز؟ توپا-چاڭغا توشۇپ كەتمىگەندۇ ھە؟ ئاۋال شۇنى بىر تازىلاپ كۆرۈڭ. مېنىڭچە بۇ يۇمشاق دېتال بىلەن مۇناسىۋەتسىزغۇ دەيمەن

  2. bak yahxi qikiptu ….. yigi yazmilar bolsa yollap tursila

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، موبارەك بولسۇن !

    بۇ يانفۇن ئۇسلۇبى بەك كۆركەم چىقىپتۇ ، ياقتۇردۇق ، سافارىنى ئۇيان بۇيان تاتىپ يۈرۈپ يازما كۆرۈشتىن خوشلىشىپتىمىز ھە نيم بولسا

    پاسىبان ئەپەندىم ، بولسا ۋاقت چىقىرىپ ئايتۇنىس ني ئىشلىتىش ھەققىدە بىر تەپسىلى ، بولسا سۈرەتلىك قىلىپ بىر تېما يوللىسىڭىزمۇ بوپتىكەن .
    ئازىراق خاتا مەشغۇلات ياكى بىخەستەلىكىمىز تۈپەيلى ئايتۇنىس نىڭ « غەمخورلۇق » قىلىشى بىلەن ئايفونىمىز زاۋۇتتىن يېڭى چىققاندىكىدەك « پاك – پاكىز » بولوپ قالىدىغان ئەھۋالغا ئىككى ئاي ئىچىدە ئۈچ قېتىم دۈچ كەلدىم .
    بوپمۇ كومپىيوتىرغا قايتا سېستىما قاچىلىغاندا ، بأشقا ئاككۇنتتىكى دېتاللارنى قاچىلاپ ماسقەدەملىگەندە ، ئايفۇندا تۇرۇپ Wifi ئارقىلىق دېتاللارنى قاچىلاپ ماسقەدەملىگەندە ، ئايفۇندا بىز ئاخىرىدا قاچىلىغان دېتاللا قېلىپ ، بۇرۇن قاچىلىغان ھەممە نەرسە يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋالغا ئالمىچىلار دۈچ كېپباققان بولىشى مومكىن .

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. يېقىندىن بۇيان زۇكامداپ قاپتىكەنمەن، گېلىم ئاغرىپ قاملاشمىغىلى تۇردى. سەل ساقايغاندا ئىنشا ئاللاھ فىلىملىك دەرسلىكنى داۋاملاشتۇرىمەن

  4. ئايفۇندا زىيارەت قىلىنىپ ، ئىنكاسلارمۇ ئايفۇندا يېزىلدى . ئۇيغۇرچە فونت قاچىلانغاچقا ئاجايىپ كۆركەم كۆرۈندى

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    مۇبارەك بولسۇن دوستۇم سىنى تەبرىكلەيمەن…… سەن بۇ تور بەتنى قۇرغاندىن تارتىپ بىزلەرنى نۇرغۇنلىغان ئالما مەھسۇلاتلىرى توغىرسىدىكى ۋە ھەر خىل يىڭىلىقلار بىلەن تەمىن ئىتىپ بىزنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن تونۇشىمىزنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ بەردىڭ. ئاللا ئەجىر ئاتا قىلسۇن ۋە قولۇڭغا دەت بەرمىسۇن.

  6. ئىلھام ئەپەندىم يولۇققان ئىشقا مەنمۇ يولوقتۇم.. ئالدىنقى ھەپتە تاۋباۋ دىن بىر نەچچە ھەقلىق ئەپ سىتىۋالغانتىم.. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن كوم پىيۇتىر سىستىمىسىنى قايتا قاچىلىسام ھىچنەرسە كۈرۈنمەيدۇ…ئەپ ساتقان ئاداشتىن سورىسام قايتا قاچىلىساڭ بولىدۇ دەيدۇ.. ئۇنىغۇ قايتا قاچىلىۋالدىم…. ئەمدى ئۈزۈم ئامرىكا بازىرىغا تىزىملاتقان ھىساباتتا ھەقسىز ئەپ قاچىلاپ تاۋباۋدىكى خەنزۇ بەرگەن ھىساباتتا ھەقلىق ئەپ قاچىلاپ بۇ ئىككى ھىساۋات ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇش كۆرۈلدى…

    • توقۇنۇش كۆرۈنمەيدۇ. مېنىڭمۇ 3 دانە ھېساۋاتتىن ئالغان ئەپلىرىم بار، ھەممىسى نورمال قاچىلىنىۋېرىدۇ. بەلكى مەشغۇلاتتىكى ئۇقۇشماسلىق بولسا كېرەك. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يولۇققان مەسىلە بولسا ئوتتۇرىغا قويغاچ تۇرۇڭلار، دەرسلىك تەييارلىغاندا ئايرىم توختىلامەن. يەنە قانداق مەسىلىلەر بار؟

  7. قايسى كۈنى پاسىبان ئەپەندىمدىن مەسلەھەت سورىغان ئايفون 2-ئەۋلات تىلفۇن كەن…كومپاس يوقكەن ھازىر ھەقسىز ئەپلەرنى قاچىلاۋاتىمەن….مەن ھەل قىلاممايدىغان بىر مەسىلە.. خىزمەتدىشىم بۇرۇن ئىشلەتكەن كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسىغا ساقلانغان تىلفۇن نۇمۇرلارنى قانداق قىلىپ ئايفون تىلفۇن دەپتىرىگە كۆچۈرۈپ نورمال ئىشلىتىش ھەققىدە بىلىدىغانلار يول كۆرسەتسەڭلار

    • بۇنىڭ ئۈچۈن ئايفونغا شۇ كارتىنى سېلىپ 设置 دىن 邮件 通讯录 日历 دەيدىغان بىر تىزىملىك بار. شۇنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز ئاستى تەرەپتە 导入 SIM 卡通讯录 دەيدىغان جاي بار. مۇشۇ جايدىن بىۋاستە كۆچۈرەلەيسىز

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

    ئايتۇنىس تا يولۇققان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس، مەسىلەن :

    1 . ئايفۇنىمىز ۋە كومپىيوتىردىكى ئايتۇنىستىكى ئاككونت ھېساۋىمىزنى ئىشلەتمەيلا 91 ، ياكى install0us قاتارلىق دېتاللار ئارقىلىق چۈشۈرۈپ قاچىلىغان دېتاللار، ئايتۇنىستا ماسقەدەملىگەندە ئۆچۈپ كېتىشى … ( ئەمما كومپىيوتىرغا قاچىلانغان ئايتۇنسىتىكى ئاككونت بىلەن بىردەك بولغان ئاككونت ئارقىلىق ئايفۇندا تۇرۇپلا WiFi ئارقىلىق قاچىلانغان دېتاللار ئۆچۈپ كەتمەيدۇ )

    2 . ئايتۇنىس داۋاملىق ئايفۇنىمىزنى زاپاسلىۋالىدۇ ، ئادەتتە بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە شۇ زاپاسلىغاننى قايتۇرىمىز، ئەمما مەن بەزىدە قايتۇرالىدىم، بەزىدە زاپاسلىغاننى قانداق قايتۇرۇشنى بىلەلمەي قالدىم، ئايتۇنىس زاپاسلىۋالغاندىن كىين كومپىيوتىردىن چاتاق چىقىپ ، قايتا سېستىما قاچىلىساق، ۋە ئايتۇنىسنى قايتا قاچىلىساق ، ئايتۇنىس بۇرۇن زاپاسلىۋالغان نەرسىلەرنى قايتۇرۇشقا بولامدۇ يوق ؟

    ئايتۇنىس قاچىلىغان نەرسىلەرنى C دىسكىدىن باشقا رايۇنغا قاچىلاپ ۋە زاپاسلاپ ، ئاندىن ھەر قېتىم كومپىيوتىرغا سېستىما قاچىلىغاندا ، ئايتۇنىسنى قاچىلاپلا ( ئەگەر ئايتۇنىسنىمۇ C رايۇندىن باشقا رايۇنغا قاچىلاپ شۇ يەردىن قاچىلاپ يۈرمەيلا تارتىپ چىقىرىپ ئىشلەتكىلى بولسا ئالامەت بولىتى ) بىز بۇرۇن زاپاسلاپ قويغاان نەرسىلەرنى يېڭى قاچىلانغان ئايتۇنس ئارقىلى سۆرەپ چىقىپلا ئايفۇنىمىزغا ياندۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولسا ….

    يەنە ………

    ھازىرچە مۇشۇلار ئېسىمغا كەپتۇ . ئەمما يولۇققان مەسىلىلەر خېلى كۆپ ئىدى ، ئېسىمگە كەلسە ئىنكاس ئارقىلى يەنە يوللايمەن ،

    ئىشقىلىپ پاسىبان ئەپەندىم، ئايتۇنىس خېلى بوزەك ئەتتى جۇمۇ ، شۇڭا سىز ، ئەڭ ئاساسى مەشغۇلىيەتلەرنى ۋە بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىلارنى تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ ، بولسا سۈرەتلىك قىلىپ تىزراق يوللىسىڭىز ….

  9. شۇنداق ياخشى ئىشبوپتۇ

  10. مۇبارەك بولسۇن پاسىبان ئەپەندى ! :welcome:

  11. مەن پاسىبان كۇلۇبىنى كومپيۇتېردىلا كۆرۈپ ئايفۇندا زىيارەت قىلىپ باقماپتىكەنمەن. ئاخشام يوتقاندا يېتىپ ئۇيقۇم كەلمەي پاسىباننى ئاچسام، ئاللاكارامەت، ھەيران قالدىم. شۇنداق چىرايلىق! مېنىڭمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاشلا بلۇگىم بار. مەنمۇ بلۇگىمىى ئايفۇندا كۆرگىلى بولىدىغان قىلالارمەنمۇ؟ بۇنىڭغا راسىت گەپنى قىلسام كۆزۈم يەتمەيدۇ. كەمىنە ئەدەبىياتنى چۈشەنگەن بىلەن تور بەت، بلۇگ تېخنىكىسىغا ساۋاتسىزمەن. شۇنداق تۇرۇپ مېنىڭ بلۇگىممۇ شۇنداق بولسا دەپ ئارمان قىلىپ قالدىم.
    مەن بۇ تېمىنى ئاچقاندا ئەسلى مۇشۇ تېخنىكا ھەققىدە ئازراق باشلانغۇچ ساۋات بولسىمۇ بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان، بىراق…
    پاسىبان كۇلۇبىنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم. سىزنىڭ ھېلىقى /u بېتىڭىزدىن كۆپ نەپ ئالغانمەن ھەم ئايفۇن ئىشلىتىدىغان يېقىنلىرىمغىمۇ تەشۋىق قىلىپ كەلگەنمەن… (ھازىرغۇ تۈرمىدىن قاچقان ئايفۇنلارغا ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىغا قوشۇۋالساق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسىغۇ ھەل بولىدىكەن، بىراق، ئۇيغۇرچە قاچىلىيالمىغانلار ياكى تۈرمىگە كىرىپ قېلىپ قاچالمىغانلارغا يەنىلا مۇشۇ تور بېتىڭىز ئەسقىتىدىكەن).
    بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر مەسىلىدىن ياردەم سورىغۇم كەلدى. مېنىڭ ئۆيۈمدە سىمسىز تور بولغاچقا مەن ئايفۇندا كۆپ يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ، يارىمىسا ئۆچۈرۈپ ئوينايمەن. ئايتۇنېس، iTools (يانفۇن نۇسخىسى)، 91 نىڭ يانفۇن نۇسخىسى، Cydia قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن دېتال قاچىلايمەن، قاچىلىغانلىرىمنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆچۈرىمەن. مۇشۇنداق قىلىۋەرگەچكىمۇ كاللامدا «ئايفۇنۇمدا قانچە تاغار ئەخلەت يېغىلغاندۇ» دېگەن گۇمانمۇ باش كۆتۈرۈپ قالىدۇ. ئايفۇنۇم 32 گىگابايتلىق چوڭ سىغىملىق ئايفون بولسىمۇ ئەخلەتلەردىن خەۋرپسىرەيمەن. يۇقارقى دېتال مەنبەلىرىدىن ئىزدەپ ئىشەنچلىكرەك ئايفوندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاش قورالى تاپالمىدىم. سىزمۇ مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باققانسىزمۇ؟

    • بىر نەرسە قاچىلىماقچى بولسىڭىز iTunes تىن ياكى ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى App Store دىن قاچىلاپ ئايفوننىڭ ئۆزىدىلا ئۆچۈرىۋېتەلەيسىز. ئەپنىڭ ئايكونى ئۈستىگە بېسىپ تۇرسىڭىز ھەرىكەتچان ھالەتكە كېلىدۇ. ئۈستىدىكى كۆپەيتىش بەلگىسىنى بېسىپ ئۆچۈرىسىز. بۇنىڭدا ھېچقانداق ئەخلەتمۇ قېلىپ يۈرمەيدۇ. 91 دىن قاچىلىغاندىن كىيىن ئەخلەت قالىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇنى كومپىيۇتېردا iTools قا ئۇلاپ تۇرۇپ شۇنىڭدىكى 清理垃圾 دەپ بىر جايى تۇراتتى، شۇ يەرنى بېسىپ تازىلامدىكىن، ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. بۇنىڭغا ئۆزۈممۇ كۆپ يېقىن كەلمىگەچكە ئىزدىنىپ باقمىغان ئىكەنمەن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى App Store دىن قاچىلاڭ. يېشىۋەتكەن ئويۇننى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىزمۇ 91 دىن باشقا توردىن ئىزدىسىڭىز IPA فورماتىدىكى ھەقسىز ئويۇنلار دېگەن ساماندەك. شۇلار تامامەن يېتىپ ئاشىدۇ. شۇڭا ئىللاكى 91 غا تايىنىۋالمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش