ئۇلۇغ رامىزان ئېيى يىتىپ كەلدى. ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن. مۇشۇ ئايلارغا يېتىشتۈرگەن ئاللاھنى مەدھىيلىمەي تۇرالمايمىز. بۇرۇن ئىزدىنىش مۇنبىرىدە مۇشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك بىر تېما يوللانغان ئىدى. بۈگۈن رامىزاننىڭ 1-كۈنىدە كۆپچىلىك بىلەن بۇ ياخشى نەرسىدىن بەھرلىنىش ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. خوش، سىزنىڭ بۇ گۈزەل ئايدا قىلماقچى بولغان قانداق پلانلىرىڭىز بار؟
تۆۋەندىكى مەزمۇنلار تورداش تور بېكىتىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئەسلى يازمىنى بۇ يەردىن كۆۈڭ!
سۇئال: رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىمىز ؟ بۇ ئېسىل ئايدا قلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەر قايسىلار ؟ بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىلگەن بولسا ؟
جاۋاپ :بارلىقى گۈزەل ماختاشلار ئاللاھ ئۈچۈندۇر .
بىرىنچى:مۆھتەرەم قېرىندىشىم! سىز رامىزان ئېيىغا قانداق تەييارلىق قىلىش توغرىسىدىكى بۇ سۇئالنى سوراپ ياخشى قىلدىڭىز ،رامىزان روزىسىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشتىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئۆزگىرىپ كەتكەن بۇلۇپ ،خۇددى شەرئى ئىبادەت ئەمەستەك، بەلكى ئۆرىپ-ئادەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە بۇلىۋاتىدۇ،ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان ئېيى كىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى ،بەزەن يېمەكلىكنىڭ تېپىلماسلىقى،ياكى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ يېمەكلىك سېتىۋالدى،ھەقىقەتتە ئۇلار رامىزان ئېيىدا تۇتىدىغان روزىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىدى،ئۇلارنىڭ قەلبى ئىبادەت بىلەن تەقۋالىقتىن خالى قالدى ،رامىزان ئېيىنى قورساقلىرىنى تويغۇزىدىغان ۋە كۆزلىرىنى ئارام ئالدۇرىدىغان ئاي قىلىۋالدى ،قىسقىسى رامىزاننى قانداق باياشات ،قورسىقى ئېچىپ قالمىغان ھالدا ئۆتكۈزۈشنى خېلى بۇرۇنلا پىلانلىدىيۇ ،ئەمما رامىزان ئايدىكى ئىبادەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ،رامىزان ئېيىنىڭ روھانى تەربىيە خارەكتىرلىك قىممىتىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۆتكۈزۈش، ئائىلىدە قانداق تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە سەل قارىلىپ كىلىندى ۋە كىلىنىۋاتىدۇ.
ئىككىنچى:يەنە بىر قىسىم كىشىلەر رامىزان ئېيىنىىڭ روزىسىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىپ شەئىبان ئېيىدىن باشلاپ دىققەت بىلەن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى،بەلكى بەزىلەر بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى ،رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلساق ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيەلەرنى قىلىمىز:
1_سەمىمىيەت بىلەن تەۋبە قىلىش.
ھەرۋاقىت تەۋبە قىلىش پەرىز، لىكىن بەركەتلىك كاتتا ئايغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۈزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ۋە ئۈزى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۇلارنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان گۇناھلارغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىراش ئەڭ لايىق بولغان ئىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر،چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ قەلب تىنىچ، دىلى سالامەت تائەت ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتتا بەركەتلىك رامىزان ئېيى يىتىپ كېلىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:<ئى مۆمىنلەر !بەخىتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلەر >.(نۇر سۈرىسى 31-ئايەت ).
ئەغەر ئىبنى يەسار مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:< ئى خالايىقلار !ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار ۋە ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار ،ھەقىقەتەن مەن كۈندە يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەن>.
2-دۇئا قىلىش.
بەزەن سەلەپلەرنىڭ رامىزان ئېيى كىلىشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن ئاللاھغا دۇئا قىلىپ ،ئۆزلىرىنى رامىزانغا يەتكۈزۈشنى تەلىپ قىلغانلىقى، رامىزاندىن كىيىن يەنە بەش ئاي ئاللاھدىن ئۆزلىرىنىڭ رامىزاندا قىلغان ئىبادەتلىرىنى قۇبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان .
مۇسۇلمان پەرۋەردىگارىدىن رامىزانغا دىندا مۇستەھكەم ،تەن سالامەتلىكى ياخشى ھالەتتە يەتكۈزىشىنى،رامىزاندا ئاللاھغا ئىتائەت قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ياردەم بىرىشىنى ۋە ئىبادەتلىرىنى قۇبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىش كېرەك .
3-مۇشۇ كاتتا ئاينىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن خۇرسەن بۇلۇش .
ھەقىقەتەن رامىزان ئېيىنىڭ يىتىپ كىلىشى ئاللاھنىڭ مۇسۇلمان بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا نېمەتلىرىنىڭ بىرى ،چۈنكى رامىزان ئېيى جەننەتنىڭ ئېشىكى ئېچىلىدىغان ،دوزاخنىڭ ئېشكى تاقىلىدىغان ،ياخشىلىق كۆپ بولىدىغان پەسىلنىڭ بىرى ،بۇ ئاي قۇرئان چۈشكەن ۋە كۆپ تىلاۋەت قىلىنىدىغان ۋە بىزنىڭ دىنىمىزدا تۇنجى قېتىم ھەقىقەت ئۈچۈن كۆەش قىلىنغان ئايدىن ئىبارەت .
ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:<ئېيىتقىنكى،<ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خوشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان(دۇنيا مالللىرىدىن)ياخشىدۇر>. يۇنىس سۈرىسى58-ئايەت .
4-پەرىزقىلىنغان روزىنى تۇتۇش بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش .
ئەبى سەلەمە مۇنداق دىدى: مەن ئائىشە ئانىمىزنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان :<مەن ئۆزۈمنىڭ رامىزاندىن تۇتالماي قالغان روزىلىرىمنى پەقەت شەئىبان ئېيىدا تۇتاتتىم > .(بۇخارى \1849،مۇسلىم\1146).
ھاپىز ئىبنى ھەجەر (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دىدى:بۇنىڭ ئائىشە ئانىمىزنىڭ شەئىبان ئېيىدا روزا تۇتۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ ،شۇنداقلا رامىزاندا تۇتالماي قالغان روزىلارنى يەنە بىر رامىزانغىچە كېچىكتۇرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى بىلىنىدۇ . ( پەتھۇل بارىي\4\191) .
5- رامىزاننىڭ پەزىلىتىنى بىلىش ۋە روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملارنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم .( دىنىمىزدا ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ ئەمەل قىلىشىمىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ .-م-)
6-رامىزاندا مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىبادەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنى تېزلىكتە ھەل قىلىش كېرەك .
7-ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئايالى ۋە بالىلىرىغا رامىزاننىڭ ئەھكاملىرىدىن خەۋەر بىرىش ،ۋە كىچىك پەرزەنىتلەرنى روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش .
8-ئۆيدە ئۇقۇش مۇمكىن بولىدىغان بەزەن كىتاپلارنى تەييار قىلىش ياكى بۇ كىتاپلارنى جامائەتكە ئۇقۇپ بىرىش ئۈچۈن مەسچىدنىڭ ئىمامىغا سوۋغا قىلىش .
9- رامىزان روزىسىغا تەيييارلىق قىلىش ئۈچۈن شەئىبېن ئېيىدىمۇ روزا تۇتۇش ، ئائشە ئانىمىز مۇنداق دىگەن :< پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىر قانچە كۈن روزا تۇتاتتى ،بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى ئىپتار قىلمايدىكەن دەيىتتۇق ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىر قانچە كۈن ئىپتار قىلاتتى ،بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى روزا تۇتماپتۇ دەپ قالاتتۇق ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام رامىزاندىن باشقا ۋاقىتتا بىر ئاي تۇلۇق روزا تۇتمايتى ،شەئىبان ئېيىدا كۆپ روزا تۇتاتتى > .( بۇخارى\1868، مۇسلىم\1156).
ئۇسامە ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ :مەن يا رەسۇلىللاھ ! سىلىنىڭ باشقا ئايلاردا شەئىبان ئېيىدا روزا تۇتقاندەك كۆپ روزا تۇتقانلىرىنى كۆرمىدىمغۇ؟ دىسەم ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىدى :< رەجەب بىلەن رامىزاننىڭ ئارىلىقىدىكى بۇ ئايدىن نۇرغۇن كىشىلەر غاپىل قالىدۇ ، بۇ ئايدا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ تەرىپىگە كۆتىرىلىدۇ ، مەن ئەمىلىمنىڭ روزا تۇتقان ھالىتىمدە كۆتۈرلىشىنى ياخشى كۆرىمەن > .( نەسائىي \2357،ئەلبانىي ھەسەن دىگەن) .
ھەدىستە شەئىبان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى بايان قىلىنىپ ،بۇ ئەمەللەر كۆتىرىلىدىغان ئاي دىيىلگن ،ھەقىقەتەن بەزەن ئالىملار يەنە بىر ھېمەتنى بايان قىلغان بۇلۇپ ،بۇ روزا پەرىز نامازدىن ئىلگىرى ئۇقۇلىدىغان سۈننەت نامازغا ئوخشاش ، چۈنكى ئۇ پەرىز ئىبادەتنى جۇشقۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىشقا نەپسىنى تەييارلايدۇ ، رامىزاندىن ئىلگىرى شەئىباندا تۇتقان روزىدىمۇ شۇنداق دىيىلىدۇ.
10- قۇرئان ئۇقۇش .
سەلەمە ئىبنى كۇھەيىل مۇنداق دىگەن :شەئىبان ئېيى قارىلار ئېيى دىيىلەتتى ، ئەمرى ئىبنى قەيىس شەئىبان ئېيى كىرگەن ۋاقتىدا ،دۇكانلىرىنى تاقاپ ،قۇرئان ئۇقۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلاتتى .
ئەبۇ بەكرى ئەل بەلخى مۇنداق دىگەن : رەجەب ئېيى زىرائەت تىرىش ئېيى ،شەئىبان ئېيى زىرائەتنى سۇغۇرۇش ئېيى ،رامىزان ئېيى زىرائەتتىن ھۇسۇل ئېلىش ئېيى .
يەنە مۇنداق دىدى: رەجەب ئېيى شامالغا ئوخشاش ،شەئىبان ئېيى بۇلۇتقا ئوخشاش ،رامىزان ئېيى يامغۇرغا ئوخشاش ،كىمكى رەجەبتە زىرائەت تېىرىپ ،كۆچەت تىكمىسە ،شەئىباندا سۇغارمىسا ،رامىزاندا قايسى زىرائەتنى ئورايدۇ ؟ ھازىر رەجەب ئېيى تۈگىدى،سىز رامىزاندا ھۇسۇل ئېلىشنى ئىستىسىڭىز ،ھازىر شەئىباندا ھەركەت قىلىڭ ،يۇقىرىدىكىلەر سىز بىلەن سەلەپلەرنىڭ بۇ بەرىكەتلىك ئايدىكى ئەھۋالى ،مۇشۇ ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئالى دەرىجىلەرگە ئىرىشىشىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز قانداق؟
تۆۋەندىكىسى نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى دوستىمىزنىڭ پلانلىرى ئىكەن. بۇ پلاننى كۆرۈپ قانداق تەسىراتتا بولدىڭىز؟ قانچىلىك ھەرىكەتكە كەلدىڭىز؟









































ۋەز نەسىھەت مۇئمىننىڭ يۈتتىرىپ قويغان نەرسىسى. سەل كېچىكىپ كۆرۈپ قاپتىمەن.
بۇ رامىزاندا ھەممىمىزگە گۈزەل ئەمەللەر نىسىپ بولغاي.