Siri

iPhone 4S ئېلان قىلىنغاندا Siri دەپ ئاتىلىدىغان مۇشۇنداق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئېلان قىلىش سىنىنى كۆرگەنلەر بولسا بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغۇ دەيمەن. بۇ بىز فىلىملاردا كۆرىدىغان ئاۋاز ئارقىلىق باشقۇرىدىغان ماشىنا ئادەمگىلا ئوخشايدىغان بىر نەرسە.

 

يەنى بىز Siri دىن نېمىنى سورىساق، ئۇنىڭغا قانداق بۇيرۇق قىلساق ئۇ شۇنى قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزى قىلالايدىغان دائىرە ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئىجرا قىلىدىغان مەشغۇلاتلىرى، بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق ئايفوندا قىلىدىغان مەشغۇلاتنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دەرىجىدە كەڭرى ئىكەن. بۇ ئادەمنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.

siri-02

سىرى Siri بولسا ئالما شىركىتى نەچچە يۈز مىليون دوللار خەجلەپ سېتىۋالغان كوزۇر مەھسۇلات بولۇپ، ئىلگىرى مۇشۇ ئىسىم بىلەن ناملانغان شىركەتكە تەۋە پاتېنتلىق مەھسۇلات ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھېدىلىكى شۇكى – ئۇ بىزنىڭ iPhone  ىمىزنى بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلاپ بۇيرۇقىمىزنى ئېجرا قىلىدىغان بىر ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرالايدۇ.

بۇ ئالاھېدىلىك iOS 5 كە قوشۇلغان ئىقتىدار بولۇپ، iPhone 4S تىلا ئىشلەيدۇ. iPhone 4 تىكى iOS 5 تە بۇ ئىقتىدار قوشۇلمىغان.  ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، iOS كە ئۇيغۇرچە فونت بىلەن كىرگۈزگۈچ قوشۇلمىغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرچە تىلنى قوللايدىغان سىرىدىن ئۈمىد كۈتەلمەيمىز.

سىرىنى ئالما سېتىۋالغان دەسلەپكى چاغلاردا پەقەت ئېنگلىز تىلىنىلا قوللايتتى. لېكىن ھازىر بولسا 4 خىل تىلنى قوللايدىغان ھالەتتە iOS 5 ئارقىلىق بىز بىلەن ئۇچرىشىۋاتىدۇ. دېمەك بىر مەزگىلدىن كىيىن خەنزۇچىمۇ قوشۇلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئاللاھ نىسىپ قىلىپ بىر مەزگىل ساقلىغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچىسىمۇ چىقىدۇ، ئىنشا ئاللاھ!  ئاللاھ نىسىپ قىلىپ رىسقىمىز بولسا شۇ چاغلارغا بىزمۇ يېتىشەرمىز …

سىرىنىڭ نېمىلىكىنى ئاز-تولا بولسىمۇ بىلدۇق. تۆۋەندىكى سىنغا نەزەر سېلىپ ئۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىر كۆرۈپ باقايلى. ئىشىنىمەنكى سىز بۇ سىننى كۆرگەندە ئاغزىڭىز تەبىئىي ھالدا O شەكلىگە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. (iPhone ۋە iPad تە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ)

 

سىنغا دىققەت قىلغان بولساڭلار بايقايسىلەر. بەدەن چېنىقتۇرىۋاتقان بۇ كىشى ئايفونغا «ئۇچۇرنى ئوقۇ» دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ. ئاندىن iPhone ئۇچۇرنى ئوقۇپ بېرىدۇ. ئاندىن ئۇ كىشى ئۇنىڭغا «جاۋاپ قايتۇرىمەن: …. » دەپ جاۋاب مەزمۇنىنى ئېيتىدۇ.

ماشىنا ھەيدەۋاتقان كىشى iPhone دىن سورايدۇ: ماڭا قاتناش ئەھۋالىنى كۆرسەت دەيدۇ. iPhone خەرىتىدىن شۇ جاينى كۆرسىتىدۇ. ئاندىن ئۇ كىشى «ئايالىمغا 30 مىنۇت كېچىكىپ بارىدىغانلىقىمنى ئۇچۇر قىلىپ يوللا» دەيدۇ. سىرى مۇشۇ بۇيرۇققا بىنائەن ئايالىنىڭ تېلىفونىغا «30 مېنۇت ئەتراپىدا كېچىكىپ بارىمەن» دەپ ئۇچۇر ئېۋەتىدۇ.

كىيىنكى ئايال سورايدۇ:

- ھەپتە ئاخىرىدا سان-فرانسىسكودا سوغۇپ بوپ كېتەمدۇ؟

- ئۇنچە سوغۇق ئەمەس، بەلكى تېمپىراتۇرا 61 گرادۇس (فارىنخېت گرادۇسى) قا چۈشۈشى مۇمكىن.

- ئۇنداقتا ناپو جىلغىسىدىچۇ؟

- ئۇ يەرمۇ ئوخشاشتەك قىلىدۇ.

ئاشخانىدىكى ئايال سورايدۇ:

- 12 ئۇنسىيە قانچە ئىستاكان كېلىدۇ؟

- ئويلىنىپ كۆرەي، بۇ سىزگە لازىملىق ئۇچۇرلار.

- ماڭا 30 مېنۇت ۋاقىت توغرىلاپ قوي.

- بولىدۇ. 30 مېنۇت تەتۈر ساناشقا باشلاندى.

كىتاب كۆرىۋاتقان بىرىگە ئۇچۇر كېلىدۇ.

- سىزگە Sandy Cheng دىن ئۇچۇر كەلدى «بىز كەچتە يەنە بىرگە تاماق يەمدۇق؟»

- جاۋاب قايتۇر «ئەلۋەتتە، مەن بارىمەن.»

- بۇ سىزنىڭ Sandy Cheng گە يوللىماقچى بولغان ئۇچۇرىڭىز …

- تامام. يوللا!

مانا بۇ – ئالما!

تۆۋەندىكىسى Stuff.tv تورىدىكىلەرنىڭ قايسى خىل ئۇسۇلدا كەلتۈرگەن iPhone 4S كىن  بىلمىدۇق. ئىشقىلىپ ئۇلار 5-ئەۋلاد iPhone بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ پەچەت ئىقتىدارى بولغان سىرىنى سىنىغان فىلىمى ئىكەن. بۇنى بىر كۆرۈپ چىقايلى (iPhone ۋە iPad تە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ)

 

بۇلارنىڭ بۇيرۇق قىلغان مەزمۇنلىرى ئاساسەن ئۈستىدىكىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار سىرىنى قىيناپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان شەكىلدە، ناھايىتى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىدۇ. ئەقىللىق سىرى يەنە ئۇنى بوش قويۇۋەتمەي شۇنىڭغا ماس ھالدا جاۋاب بېرىدۇ. مەسىلەن 45 فوندستىرلىڭ قانچە ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ، پالانى يەرنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالى قانداق، پالانى بەتنى ئاچ، پوكونچىغا ماندا ئېلخەت يوللا … دېگەندەك بۇيرۇقلارنى بېرىدۇ. لېكىن سىرى بۇلارنىڭ بىرىنىمۇ خاتالاشماستىن ئورۇنلايدۇ.

ئەگەر سىزنىڭ سورىغان سۇئالىڭىز بەكلا ئەگرى-بۈگرى بولسا «بەلكى بۇلار سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا جاۋاب بولىشى مۇمكىن» دەپ شۇنىڭغا ماس كېلىدىغانراق بىرەر ئۇچۇرنى چىقىرىپ بېرىدىكەن.

ئەگەر سىلەر بەكرەك ئىنچىكە كۈزەتكەن بولساڭلار بايقايسىلەر. سىننىڭ ئاخىرىدىكى ھېلىقى قىزچاق ئەنگىلىيە تەلەپپۇزىدا «ئەتە يامغۇر ياغامدۇ نېمە؟» دېسە، مۇشۇ خىل تەلەپپۇزنى ئانالىز قىلىپ يەتكەن سىرى بۇنىڭغا ماس ھالدا «لوندوننىڭ ھاۋارايىغا قارىساق، ئەتە يامغۇر ياغمايدىغاندەك قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. قاراڭ، بۇنىڭغا سىز يەنە ئادەتتىكىدەك «ھە» دەپلا قويامسىز؟ ئۇنداقتا سىز بۇنىڭ قانچىلىك ئېسىللىقىنى تېخى تولۇق چۈشۈنۈپ يېتەلمەي قاپسىز.

يەنە بىر دىئالوگنى مىسالغا ئالايلى:

مەن : مەن مەس بوپقالدىم

سىرى : يېقىن ئەتراپتا تاكسى ماشىنا بار ئىكەن.

مەن : چاقنىڭ يېلى قالماپتۇ.

سىرى : مەن 14 ماشىنا رېمونت مۇلازىمىتى شىركىتىنى تاپتىم. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 12 سى سىزدىن يىراق ئەمەسكەن.

مەن : شىركەتكە بارغاندا بىر باغلام قەغەز ئېلىۋېلىشىمنى ئەسكەرت.

سىرى : بۇ سىزنىڭ شىركەتكە بارغاندىن كىيىن ئەسكەرتىدىغان ئىشىڭىز : بىر باغلام قەغەز ئېلىۋېلىش. مۇشۇنداق ئەسكەرتەمدىمەن؟

مەن : ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ.

سىرى : مەن 4 دانە نىرۋا كېسەللىكلەر ئورگانلىرىنى تاپتىم. بۇنىڭ 2 سى ئۆيىڭىزدىن يىراق ئەمەسكەن.

مەن : Mission Beach قەھۋاخانىسىدىن بىر ئۈستەل زاكاس قىلىپ قوي.

سىرى: بولىدۇ. Mission Beach Cafe بۇ يەردە ئىكەن. ئۇ سىزگە ئىنتايىن يېقىنكەن.

دىققەت قىلساق، سىرىنىڭ ئەقىللىقلىقى بىز ئۇنىڭغا نېمە دېسەك شۇنىڭ ئۆزىنى خەت شەكلىدە يازماستىن، يەنە شۇ سۆزنىڭ مەنىسىىنى ئانالىز قىلىپ شۇنىڭغا ماس ھالدا سىز بىلەن پاراڭلىشىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. يەنى بۇ ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ئۆلۈك ئەمەس. خۇددى بىزنىڭ شەخسى كاتىپىمىزدەكلا بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. خۇددى iPhone غا جان كىرگەندەك بىر ئىش. بەلكى ماشىنا ئادەم دەۋرى مۇشۇنداق باشلانسا كېرەك.

بۇنى نۆۋەتتىكى ئاددىي پۇقرالار كەڭرى ئىشلىتەلەيدىغان ئەڭ ئەقىللىق ماشىنا ئادەم، شۇنداقلا كۈچلۈكلىكىدىن بىز چۈشەندۈرۈپ بولالمايدىغان ماشىنا ئادەم دېسەك ھېچ ئارتۇق كەتمەس.  چۈنكى بۇنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىمۇ بۇلۇت سۇپىسىدا ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، iPhone سىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا راۋان بولغان تور مۇھىتىدا تۇرىشى كېرەك. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدا iPhone 4S نىڭكىدەك قوش نېگىزلىك A5 CPU بولغاندا ئەلۋەتتە ئۈنىمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

يەنە بىر سىننى كۆرۈپ چىقايلى. (iPhone ۋە iPad تە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ)

بۇ تېخىمۇ قىزىقارلىق. بۇنىڭدا بۇ كىشى سىرىدىن بىرقانچە شەخسى سۇئاللارنىمۇ سورايدۇ. مەسىلەن، نيۇ-يوركتا ھازىر سائەت قانچە بولدى؛ نيۇ-يورك قەيەردە دېگەندەك. يەنە سىرىگە ئۇ «ئىسمىڭ نېمە» دېگەندە سىرى جاۋابەن «مېنىڭ ئىسمىم سىرى، لېكىن سىز بۇنى ئاللىقاچان بىلەتتىڭىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كىيىن ئۇنىڭغا «مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن» دېسە سىرى «مەن سىزنىڭ بۇنى يەنە باشقا تېلىفونلارغا ئېيتماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدۇ ۋە باشقىلار.

ئىشقىلىپ ئاڭلاپ ئادەم ئاغزىنى ئېچىپ قالغۇدەك كۈچلۈك بىر ئىقتىدار ئىكەن. سىز يەنە بۇ قېتىمقى iPhone 4S نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلىنىمەن دەپ ئولتۇرامسىز؟ ئەجەبا iPhone 4S باشقىلار ئويلىغىنىدەك ئەڭ ئاز سېتىلىدىغان iPhone بولۇپمۇ قالارمۇ؟ ئۇنداق ئەمەستەكمۇ تۇرىدۇ. زاكاس قوبۇل قىلىنغان 1-كۈنىلا 1 مىليوندىن ئارتۇق زاكاس قوبۇل قىلىنىپتۇ. يەنە كېلىپ 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش سانى ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. ئىش بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاددىيمۇ ئەمەستەك قىلىدۇ. شۇڭا iPhone 4S نى بوش چاغلىماسلىقىمىزمۇ كېرەككەن. مېنىڭچە سىرى iPhone 4S نىڭ سېتىلىشىغا يەنە چوڭ بىر تۈرتكە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەگەر سىرىنىڭ سۆز ئامبىرىغا ئۇيغۇرچە تىلنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلسا، ھەقىقەتەن مۇكەممەل بىر ئىش بولاتتى. ئۇيغۇرچە قوشۇلۇشقا ۋاقىت بەلكى تېخىمۇ ئۇزۇن كېتىشى مۇمكىن. بىزگە تونۇشراق بولغان خەنزۇچە ئىقتىدارىنىڭ تېزراق قوشۇلۇپ، بىزنىڭمۇ ئۇ ماشىنا ئادەم بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە پات يېقىندا ئېرىشتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



22 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئۇنداقتا ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلا مۇشۇ شىنجاڭ دىيارىدىمۇ سىرى دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالامدۇ؟ مەسىلەن ئۈرۈمچى ، قەشقەر خوتەنلەردىمۇ مۇشۇ يەرنىڭ ئۇچۇر لىرىغا ئىرىشەلەمدۇ ؟

    ئالما چۈشىمىز يەنە داۋاملىشىدىغان بولدى…

    • ئۇنىڭ ھاۋارايى ئۇچۇرىنى ياخو تەمىنلەيدىكەن. ناھىيەگىچە تولۇق چىقىرىپ بېرەلمىسىمۇ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنى مېنىڭچە تولۇق تاپالايدۇ. ھازىرقى iPhone ىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز تۇرغان جاينى ئۆزىدىكى ھاۋارايى كۆرسىتىدىغان ئەپ بىلەن سىناپ بېقىڭ. تاپالامدۇ؟ تاپالىسىلا ئۇنى قوللىنالايسىز.
      ئېنگلىزچە گەپ قىلساقلا قەيەردە بولىشىدىن قەتئىينەزەر سۆزىمىزنى چۈشىنىدۇ. لېكىن شۇ يەرنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى يازمىدا چۈشەندۈرگەنچىلىك ئېنىق بولامدۇ يوق، ئۇنىسى ناتايىن. ئەڭ ئاددىيسى ئامېرىكىدىكى كىچىك-كىچىك بازارلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلىرىمۇ، بىزنىڭ بېيجىڭ شاڭخەينىڭكىگە قارىغاندا يەنە سۈزۈك، GPS ئورنىمۇ توپمۇ-توغرا. ئالما مۇلازىمىتىرىدا جايلىرىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرى بارغانسىرى مۇكەممەللەشسە ئاندىن توپتولۇق ئىشلىتەلىشىمىز مۇمكىن.
      سىرىنىڭ ئىقتىدارى بەكلا كۈچلۈك ئىكەن. ئۇ چاغقىچە باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتسەك تامامەن يېتىدۇ.

  2. ئالۋاستى گىتتار بىردەمدىلا ئالۋاستىدەكلا يوقاپ كەتتىيا!!!

  3. سىرى نىڭ سۆز ئامبىرى سېغىمى سەل چوڭ بوپكىتەمۇ دەپ ئويلىسام ئەسلى مۇلازىمىتىردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىكەندە…ئۇنداقتا ئامبىرىنى يېڭىلاش ھەم كۆپەيتىش ئەپلىك بولغۇدەك.

  4. قايسى تەلەپپۇزدا بۇيرۇق بەرسە شۇ تەلەپپۇزدا سۆزلەمدۇ نېمە؟؟؟
    ئۇنداقتا كېيىچە ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپ قالسا ، قەشقەرلىككە قەشقەرچە تەلەپپۇزدا، خوتەنلىككە خوتەنچە تەلەپپۇزدا جاۋاب بېرەمدىغاندۇ؟؟؟

    • ئۇنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئىشقىلىپ ھازىرچە ئېنگلىزچىنى شۇنداق قىلىدىكەن. ئەنگىلىيە تەلەپپۇزى ۋە ئامېرىكا تەلەپپۇزىنى پەرق قىلىپ شۇنىڭغا ماس جاۋاب بېرەلەيدىكەن.

  5. 4تە يوقما بۇ؟

  6. مەنمۇ بۇ ئىقتىدار iphone4 دە ئىشلەمدىغاندۇ دەپ زور تەمە بىلەن 4.3.3نەشىرنى ios5.0 گە كۆتۈرسەم ، ئەپسۇس سىرىنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمىدى ، قارىغاندا بۇ سىرى ئىقتىدارى پەقەت iphone4S لا خاس ئىقتىدارى بولسا كېرەك ….

  7. englishتىلىنى ئەمدى تۇلۇقلىمىسام بولماپتۇ. لېكىن ئەتىراپىمدا english ئۇچۇر،ئېلخەتلەرنى ئۇقۇپ چۈشۈنەلەيدىغانلار يوق دىيەرلىك.ئۇچۇر كەلگەندىمۇ ئۇقۇپ بەر دىسەم ئۇقۇيالمايدۇ ھەقاچان. ئەبجەش لاتىن يېزىقىدا بولغاندىكىن

  8. سىرىنىڭ بۇ ئىقتىدارى ھەجەپ كۈچلۈككىنا ؟ زامان راستىنلا تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ جۇمۇ :o))):

  9. ما سىرى دىگەن ئاداشنى4تە ئىشلىمەيدۇ دىگىنى راس گەپ بوپ چىقىپتۇيا؟! يەنە نەچچە مىڭ خەجلىگۈدەكمىز ئەمدى.

  10. نەچچە مىڭ خەجلىمەي نەچچە يىل ساقلايلى… قولىمىز دا ئالما 10 بوپ كەتسىمۇ ئۇيغۇرچە ئەمەس خەنزۇچىنىمۇ قوللىمايدۇ ھازىرتىخى

  11. خوش خەۋەر. تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەخسۇس گورۇپپىسىدىكى بىر غوللۇق ئەزانىڭ ئېيتىشىچە ئۇ iPod Touch تا Siri نى قوزغىتالاپتۇ. يەنى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن مەلۇم ياماقنى چۈشۈرسەك iPhone 4 تىمۇ iPhone 4S تىكىگە ئوخشاش سىرىدىن پايدىلىنالايدىكەنمىز. ئۇنداقتا 4S نى ئېلىشنىڭمۇ ئۇنچە بەك ھاجىتى قالمىغۇدەك …
    راس، ئالما ئورگان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە 2012-يىلى خەنچە قوللايمىش.

  12. ۋاي بەك پەيزىكەن ، بەك پەيزىكەن! نىمە پەيزىكەن دىدەڭلىما ؟! 4s بوممامدۇ! بۇگۈن چۈشتىن كىيىن ئۆزقولۇمغا ئېلىپ بىردەم ھەپىلىشىپ قويۇپتىمەن! ھاھاھا …… ئىچىمگە ئوت كىرىۋالدى ، siri خىنىم بىلەن بىرپەدە مۇڭدىشىۋېتىپتىمەن! راسلا بەك پەيزىكەن! :vict: :good: :cute: :cool:
    :appoint: لېكىن 8000يۇەن دەيدۇ ، كاساپەت!

  13. مەن يانفۇنۇمغا cydia دىن بىر ئەپنى قاچىلىسام سىن بەلگىلەر يانفۇننى قانداق ئايلاندۇرساممۇ ئۈستىدىكى داۋاملىق ئۈستىدە ، ئاستىدىكى داۋاملىق ئاستىدا تۇراتتى يەنى ئىكران يۈزىدىكى سىن بەلگىلەرگە ئاساسلىنىپ يانفۇننىڭ ئاستى-ئۈستى ، ئوڭ-سول تەرەپلىرىگە ھۈكۈم قىلغىلى بولمايتتى . تېلېفۇن ئۇرماقچى بۇلغاندا يانچۇقۇمدىن قۇلۇمغا قانداق چىقسا شۇ پىتى ئايلاندۇرۇپ يۇرمەي تېلېفۇن ئۇرىۋىرەتتىم دىمەك بەك قۇلايلىق ئىدى . ios نى قايتا قاچىلاشقا توغرا كىلىپ بۇنداق ھالەت يوق بولدى . بۇ ئەپنىڭ نامىنى ئىسىمدە ساقلىۋالماپتىكەنمەن ئەمدى بۇنداق قىلالمىدىم. دوسلا بۇ ئەپنىڭ نامىنى بىلىدىغانلارنىڭ ماڭا يارىدەم قىلىشىڭلارنى سۇرايمەن
    QQ : 1486492146

  14. مەن ئككىنجى قول ئالما يانفۇننىڭ تۆتىنجى ئەۋلاتتىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم . باشقا خىلدىكى يانفۇنلارنىڭ قانچە ۋاقت ئىشلىتىلگەنلىگىنى بىلگىلى بۇلۇدۇ دەپ ئاڭنىغان ئىدىم .بۇنىمۇ بىلگىلى بۇلامدۇ؟ بولسا قانداق بىلىمىز؟ يارىدەم قىلساڭلا بوپتىكەن.
    QQ : 1486492146

    • ئەلۋەتتە بىلگىلى بولىدۇ. ھەرقانداق iPhone نى بىرىنجى قىتىم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تورغا ئۇلاپ تۇرۇپ، ياكى كومپيۇتېرغا چىتىپ iTunes دا ئاكتىپ(激活)لاش كېرەك، سىز بۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن iTools دىگەن يۇمشاق دىتالغا شۇ يانفۇننى چاتسىڭىزلا سىزگە تۇنجى قىتىم ئاكتىپلانغان ۋاقتىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
      يەنى بۇ يەردىكى 购买日期 دىگىنى تۇنجى قىتىم ئاكتىپلانغان ۋاقتى. 激活日期 دىگىنى ئاخىرقى قىتىم سىستىما قاچىلاپ ئاكتىپلىغان ۋاقتى، 保修到期 دىگىنى ئالما شىركىتى شۇ ۋاقىتقىچە كاپالەتلىك رىمونت مۇلازىمىتى قىلىدۇ دىگەن گەپ(ئادەتتە بۇ كۆپىنچە بىر يىل بولىدۇ).

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5 نىڭ كونا نەشىر ئابونتلىرى 5.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 5.0.1 5.1
iPhone 4 5.0.1 5.1
(iPhone 4 (CDMA 5.0.1 5.1
iPhone 4S 5.0.1 5.1
iTouch 3 5.0.1 5.1
iTouch 4 5.0.1 5.1
iPad 1 5.0.1 5.1
iPad 2 Wifi 5.0.1 5.1
iPad 2 3G 5.0.1 5.1
iPad 2 CDMA 5.0.1 5.1
iPad 3 WiFi - 5.1
iPad 3 4G - 5.1
iPad 3 4G CDMA - 5.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.6 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac].

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0228 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش