ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ تېمىسىدىكى يازمىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بايا بۇ ئەپنى شۇنداقلا چۈشۈرۈپ قويۇپ كارىم بولماپتۇ. بىكارچىلىقتا قاچىلاپ ئويناپ كۆرسەم بۇ «ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ» ئىكەن ئەمەسمۇ؟ دەرھال تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى!
بۇ ئەپ ئادەتتىكىدەك مۇداپىئە ئويۇنى. لېكىن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، جەڭ مەيدانى دەل بىزنىڭ شىرە – ئۈستەللىرىمىز، تاماق شىرەيىمىز، خىزمەت ئۈستىلىمىز، ئىشقىلىپ بىز مۇشۇ پوتەينى قۇرۇشنى خالىغان ھەرقانداق بىر جايىمىز بولىدىكەن! چۈنكى بۇ ئەپنى بىز ھەقىقىي مەنزىرە شەكلىدە كامېراسىدىن پايدىلىنىپ ئوينايدىكەنمىز.
ئەپنىڭ ئۆزىدىلا خەنچە تاللاش تۈرى بار. ئەگەر ئېنگلىزچىدە قىينالساق خەنچە تىلنى تاللاپ ئويۇننى باشلىساق بولىدۇ. ئويۇننى باشلاشتا بۇ ئەپ بىزگە قانداق قىلىپ باشلاشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ بەك ئاسان ئىكەن. بىز قولىمىزدا قۇرۇق قەغەزگە 7 دانە قارا چېكىتنى يوغان ۋە قېنىق قىلىپ سىزىۋالىدىكەنمىز ياكى ئورگان تور بېتىگە كىرىپ 7 تال چېكىتنى قويۇپ تەييارلاپ قويغان بىر پارچە رەسىمنى پرېنتىردا بېسىپ چىقارسىڭىزمۇ بولىدىكەن.. ئاندىن باشلاشنى بېسىپ ئاشۇ قارا چېكىتكە توغرىلىساقلا چېكىتنىڭ جايىدا 1 دانە پوتەي پەيدا بولىدىكەن! ئويۇن باشلاندى!
چۈشەنمىگەن بولسىڭىز تۆۋەندىكى سىنلارنى كۆرۈڭ. يەنە بىلەلمىسىڭىز ئويۇننى چۈشۈرۈپلا ئويناپ بىلىۋېلىڭ.
ئەپ ئىسمى : ARDefender
ساتقۇچى : int13
تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش، مۇداپىئە
چوڭلۇقى : 9.6 MB
باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز









































سەل كىيىن قاپتىمەن. 6كويغا ئالاي ئەمدى
ئەپسۇس ، مەنمۇ كىچىكىپ قاپتىمەن….