نەچچە كۈن ئىلگىرى ئالما شىركىتى جۇڭگو رايونىدىكى ئابونتلارنىڭ ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋېلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇرۇنقى دوللار ئىستىمال قىلىدىغان ھالەتتىن خەلق پۇلى ئىستىمال قىلىدىغان ھالەتكە ئۆتتى (بۇ يازمىدا تەپسىلاتى بار). يەنى بىز جۇڭگو رايونىدىكى ھېساۋاتىمىز ئارقىلىق App Store دىن خەلق پۇلىغا ئەپ سېتىۋالالايمىز. بۈگۈن بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرىلىشىنى رەتلەپ چىقتىم.
ئاۋال كومپىيۇتېردا iTunes نى قوزغىتىمىز. iTunes Store بېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە 充值 دېگەن بۇ جاينى كۆرىمىز.
بۇ جاينى باسقاندىن كىيىن ئەڭ دەسلەپتە بىزنىڭ ھېساۋاتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولۇقلايدىغان بەت كۆرىنىشى مۇمكىن. دېمەكچى بولغىنىم سىز ئىلگىرى ھەقسىز ID ئىلتىماس قىلغانغۇ دەيمەن؟ بۇنىڭ بىلەن ھەقلىق ئەپ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. بىز ئۇچۇر تولدۇرىدىغان جايدىن 银行卡 دېگەن بۇ يەرنى تاللايمىز.
كىيىنكى قەدەمكە كەلگەندىن كىيىن قاچىلايدىغان پۇلنىڭ سوممىسى بىلەن بانكا تۈرىنى تاللايمىز.
سىز تاللىغان بانكا كارتىڭىزنىڭ تور بانكىسى كەسپىنى ئاچقۇزغان بولىشىڭىز كېرەك. بۇنى شۇ بانكىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرىسىز. ئەگەر تور بانكىڭىز بولسا كىيىنكى قەدەمكە ئۆتەيلى. مەن سىناق ئۈچۈن سودا-سانائەت بانكىسىنى تاللاپ كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتتۈم.
يۇقارقى ئۇچۇر كۆرۈنگەندىن كىيىن سىزنىڭ تور كۆرگۈڭىز ئاپتۇماتىك ھالدا پۇل قاچىلاش بېتىنى ئاچىدۇ. ئەگەر سىزمۇ ماڭا ئوخشاش قوتۇر IE نىڭ مۇھاسىرىسىدىن قېچىپ چىققان قاچقۇن بولسىڭىز بۇ چاغدا يەنە شۇنىڭ مۇھاسىرىسىگە قايتماي بولمايدىغان چاغ كەلگەن بولىدۇ. مەسىلەن، مەن Chrome نى ئىشلىتىمەن. بايىقى پۇل قاچىلاش بېتى ئېچىلماي تۆۋەندىكىدەك بەت ئېچىلدى (رەسىمنى چېكىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ).
بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، سىزنىڭ تور كۆرگۈڭىز تور بانكىسىنى قوللىمايدۇ (كىم دەيدۇ؟ بۇ قوتۇر تور بانكىلىرى Chrome نى قوللىمايدۇ. كىم بىزنى جۇڭگودا ياشىسۇن دەپتۇ… تور زىيارەتچىلىرىنىڭ 90% ى يەنىلا بىچارە بايقۇش ھالىتىدە IE ئىشلىتىدۇ. بانكىمۇ شۇلارغا بويسۇنۇپ قالدى ئامالسىز…) ، تۆۋەندىكى ئادرېسنى كۆچۈرۈپ IE غا چاپلاپ زىيارەت قىلىڭ، دەيدۇ. سىز ئوبدان، دەپلا دېگىنىدەك قىلىڭ. ئاپتۇماتىك ھالدا پۇل تۆلەش بېتىگە ئۆرۈلىدۇ.
网银支付 نى تاللاپ ئاستىغا كارتا نومۇرىڭىز بىلەن تەستىق كودىنى كىرگۈزۈپ 提交 نى بېسىڭ. ئاستىدىكى پۇل تۆلەش باسقۇچى. تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرماي.
مۇۋاپپىقىيەتلىك پۇل تۆلىگەندىن كىيىن يۇقارقىدەك ئۇچۇر كۆزنىكى كۆرىنىدۇ. بىز كۆزنەكنى تاقىۋېتىپ iTunes قا قايتىپ بىر ئاز ساقلايمىز. پۇل سىزنىڭ iTunes ھېساۋاتىڭىزغا مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلىغاندىن كىيىن سىزنىڭ ھېساۋاتتىكى ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا پۇلنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلانغانلىق توغرىسىدىكى بىر خەت كېلىدۇ.
دېمەك پۇل سىزنىڭ iTunes ھېساۋاتىڭىزغا كىرىپ كەتتى دېگەن گەپ. ئەمدى iTunes نى ئېچىپ iTunes Store نىڭ باش بېتىنى ئېچىپ بېقىڭ. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى بايىقى پۇل قاچىلايدىغان جايغا قارىسىڭىز سىزنىڭ قالدۇق سوممىڭىزنى كۆرىسىز (بۇ رەسىمنى مەن ئەپتىن بىرنى سېتىۋېلىپ بولغاندىن كىيىن تارتقان ئىدىم. شۇڭا 6 يۈەن كەم).
ئەمدى ئۆزىمىز سېتىۋالماقچى بولغان ئەپنى ئېچىڭ. ئەپنىڭ ئاستىدىكى 购买应用软件 نى باسسىڭىز سېتىۋېلىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىدۇ.
بىر ئازدىن كىيىن بۇ ئەپنى iTunes چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.
App Store دا پۇل خەجلىمەك مانا مۇشۇنداق ئاددىي. ئەمدى Apple ID نىڭ مەخپىي نومۇرىنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇرەككەپ قىلىپ تەڭشەش تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنسىز ھە؟ باشقىلار سىزنىڭ مەخپىي نومۇرىڭىزنى بىلىۋالسا سىز قاچىلاپ قويغان پۇل ئارقىلىق ئۆزىگە ئەپ سوۋغا قىلىپ پۇلىڭىزنى بىردەمدە تۈگىتىۋېتەلەيدۇ. شۇڭا Apple ID دېگەن سىزنىڭ بىردىنبىر قوللىنىدىغان مۈلكىڭىز بولىشى كېرەك. مەخپىي نومۇرىنى ئوبدان ساقلاڭ.
ئاللاھ نىسىپ قىلسا كىيىنكى قېتىمدا iPhone ياكى iPad نىڭ ئۆزىدە پۇل قاچىلاشنى سۆزلەپ ئۆتىمەن، ئىنشا ئاللاھ!









































ئەمدى مەنمۇ بەزى ھەقلىق ھەپلەنى سېتىۋېلىپ ھەقلىق ئەپلەرنىڭ ھۇزۇرىنى بىر سۈرۈپ چىقاي. ھە راست، ئايتۇنېستا بىر دېتال باركەن. ئىسمى مۇشۇ: iBlacklist. بۇ ئەپتە قارا تېزىملىك ۋە ئاق تىزىملىك ئىقتىدارى باردەك قىلىدۇ. ھەقسىز نۇسخىسى بولمىغاچقا ئىشلىتىپ باقمىدىم. جۇڭگو رايونىدا بارمۇ-يوق، بىلمىدىم. سىز بىر سىناپ باقسىڭىزمۇ بوپتىكەن.
مەن بۇ چاغقىچە دوللار قاچىلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان، ئەمدى خەلق پۇلىغا كۆچىدىغان ۋاقىتمۇ كەپتۇ مانا…
قاراپ باقسام دوللارغا ئالغاندىكى ۋاقىتتىن خەلق پۇلىغا ئالسا ئەرزان توختايدىغاندەك قىلىىدىغۇ…..
مەسىلەن ، Appstore دا ئەڭ تۆۋەن APp نىڭ باھاسى 0.99 دوللار، خەلق پۇلىدا ئەڭ تۆۋىنى 6.00 يۈەن… 1 دوللار 6.40 يۈەنغۇ دەيمەن ھازىر… تېخى Gift Card ئارقىلىق قاچىلىساق 10 دوللارنى 68.80 يۈەنگە قاچىلايمىز…
چاتاق چىقتى پاسىبان ئەپەندىم
مەن بۈگۈن سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئاچتۇرۇپ ئايتۇنېسقا پۇل قاچىلاپ خەجلەشنى باشلاي دەپ تۇنجى قېتىمدا 100 سوم قاچىلىدىم. مېنىڭكىدە ئايتۇنېستىكى پۇل قاچىلاش دېگەن تۈرنى باسسام
http://img.pasiban.com/uploads/img/41b8700fa0ad_11BF8/04.jpg
بۇ چىقماي بىۋاستە پۇل سوممىسى ۋە بانكا تۈرىنى تاللاش كۆزنىكى ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن كۆرسەتمە بويىچە پۇل قاچىلىدىم. ئاخىرىدا سودا-سانائەت بانكىسى ئۇتۇقلۇق پۇل چىقىم قىلغانلىقىمنى ئەسكەرتتى. بىراق، ئايتۇنېس ھېساۋىمغا پۇل كىرمىدى. خاتا بولغان ئوخشايدۇ دەپ كېيىنكى قېتىمدا يەنە ئوخشاش مەشغۇلات قىلىپ 100 سوم قاچىلىدىم… يەنىلا ئايتۇنېس ھېساۋىمدا پۇل يوق. مەشغۇلات ئۇتۇقلۇق بولمىغان ئوخشايدۇ، كەچتە ئالدىرىماي سىنارمەن دەپ ئويلىدىم ۋە بانكا ھېساۋىمنى تەكشۈرۈپ باقماقچى بولۇپ تەكشۈرسەم ئىككى قېتىمدا 100 سومدىن 200 سوم چىقىم بوپتۇ! ئالە شەرىڭنى بۇ پۇل نەگە كېتىدۇ؟ پۇل چىقىمبوپتۇ-يۇ، كىرىم بولىدىغان يەرگە كىرىم بولماپتۇ. سەۋەبىنى ئۇقالمدىم. شۇنداق قىلىپ 200 سوم يوق بۇلارمۇ؟ ياكى ئايتۇنېس يىراقتا بولغاچ پۇلۇم يولدا يۈرگەنمىدۇ
ئابدۇرېشىت ئېلى ئەپەندىم ، ھەرگىز سىز دېگەندەك بولمايدۇ ، ئەگەر بانكا ھېساباتىڭىزدىن پۇل ئوڭۇشلۇق چىقىم بولغان بولسىلا ئايتۇنىستىكى ھېساباتىڭىزغا چوقۇم چۈشىدۇ ، مەنمۇ بىرىنچى قېتىم شۇنداق قىلىپ ، كېيىن يەنە قاچىلىسام ھەر ئىككىلىسى كېيىن ھېساباتىمغا كىرگەن ئىدى ، سېستىما بەزى ئالدىراش ، بەزى ئاستا بولۇپ قىلىشى مۇمكىن . شۇڭا تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ .
دېگىنىڭىز ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ. بايا ئايتۇنېستىكى ھېساۋاتىمنى تەكشۈرسەم (كىرىم – چىقىم ئەھۋالى)، سودا-سانائەت بانكىسىدىن ئىككى قېتىمدا 100 سومدىن 200 سوم كەلگەنلىك ئۇچۇرى تۇرىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش كاتىكىدە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ 等处理 دەپ تۇرىدۇ. قارىغاندا پۇل ھېسساۋىمدا ئوڭۇشلۇق كىرىدىغاندەك. بىراق، نىمانچە ئاستا… مەن پۇل خەجلىگىلى ئالدىراۋاتسام ماۋۇلارنىڭ ئىشىنى
ئەڭ ئېسىل دېتاللارنى سېتىۋالالىسامغۇ مەيلى ئىدى. ھازىر كاللامدا ئىككى دېتال بار سېتىۋالىدىغان. ساقلاپ باقاي، ماۋۇ پۇل بىر تىرىلسۇن ئاۋۋال…..
ئەسلى ئۇنداق جىق خەجلىگۈم يوقتى. ئالدىراقسانلىق بىلەن 200 سومنى سۇلىۋەتتىمدە
كېلتۇ، كېلتۇ، ئالدىيماي تىيۇڭ.
پۇل ھېساۋاتىمغا كىردى، ماندا 200 سوم
(خۇددى بۇ پۇلنى خەق بەرگەندەك كۈلۈپ كەتكنىنى ما ئاداشنىڭ) شۇنىڭ بىلەن بىكار تۇرالماي خەجلەشنى باشلىدىم. دەسلەپتە iBlacklist دېگەن دېتالنى 12 يۈۋەنگە سېتىۋالدىم. ئەسلى مەن بۇ دېتالنى قارا تىزىملىك ۋە ئاق تىزىملىك ئىقتىدارى بار دەپ قىزىققان… سېتىۋېلىپ چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم. قوزغاتسام كۆرۈنمە يۈزى ئېنگىلىزچە ئىكەن… ئېنگىلىزچە بولسىمۇ پايدىلانغىلى بولاتتى. ئەپسۇس، بۇنىڭ زادى ھېچبىر يىرى قىمىرلايدىغاندەك ئەمەس. پەقەت دېتال كۆرۈنمە يۈزىنىڭ ئاستىدىكى iBlacklist دېگەن يىرىلا كارغا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىگە كىرسەم
200s Phone Numbers
300s Phone Numbers
400s Phone Numbers
500s Phone Numbers
600s Phone Numbers
…
Spoofed Numbers
ئىشقىلىپ زادىلا كارغا كېلىدىغاندەك ئەمەس. بۇ دېتالنىڭ چۈشەندۈرۈشىمۇ ئىنگىلىزچىكەن. پاسىبان ئەپەندىم بىر قاراپ باقامسىزكىن، قاراپ تۇرۇپ 12 سوم قۇدۇققا چۈشۈپ كېتەرمۇ؟
ھەي، نېمە دېگەن ئالدىراقسان سىز؟ مەن بۇنىڭ يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى ئەتىگەن سىز ئېيتقاندىن كىيىن قاچىلاپ كۆرگەن. ئاقماسلا بىر نېمىكەن. ھازىر تېخى تېلىفون دەپتىرىمگە سىز دېگەندەك ئاشۇ رەقەمنى بېسىشىمغا قالايمىقان تېلىفون نومۇرىدىن جەمئىي 1600 نەچچە دانە قوشىۋېتىپتۇ. ساراڭلا قىلدى. ئۆزىدە ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرسەم چېكىنىپ كەتتى! بىر پاتمان ئاۋارىچىلىق سېلىۋەتتى بۇ ساراڭ ئەپ…
پاسىبان ئەپەندىم. شۇنى سورىۋالاي. lEدىن باشقا قايسى تور كۆرگۈچ ئىشلىتىۋاتىسىز؟ئۇيغۇرچە خەتنى راۋان قوللايدىغان.
Google Chrome نى ئىشلىتىمەن. چاياندەك تېز. ئۇيغۇرچىنى قوللاشقا كەلسەك بەزى تور بېكەتلەر IE غىلا ماسلاشتۇرۇپ لايىھەلەنگەنلىكتىن فونت تونىمىغاندەك چىقىۋالىدۇ. بۇنى Chrome نىڭ IE Tab دېگەن قىستۇرمىسىنى قوشۇش ئارقىلىق ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز.
سېسېتىۋىلىش بوپ قاپتۇ
قەيەر؟
ماۋزۇ رەسىمدە
ماۋۇ ئىشنى… ئوڭشاپ قويدۇم. رەھمەت!
خوشخەۋەر : iphone ئۈچۈن (5.0دىن يۇقىرى نەشىردىكىسىگە) ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى بار (ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرماي بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان )ئەپ بۈگۈن يەنى 22-نويابىر app store غا چىقىرىلدى مەلۇم بىر ئەرەب پروگراممېر لايىھىلەپتۇ ، بايا ئەپ ياسىغۇچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشقۇچىدىن كەلگەن ئېلخەتنى تاپشۇرۋىلىپ ، iphone نىڭ نەشىرىنى دەرھال 5.0.1 گە كۆتۈرۈپ ، سېتىۋىلىپ چۈشۈرۈپ سىناپمۇ بولدۇم ، مۇكەممەل بولمىسىمۇ لېكىن iphone دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولماسلىق (تۈرمىدىن قاچۇرمىغان نەشىرىدە )مۇشۇنىڭ بىلەن تارىخقا ئايلانغۇسى ، مەن ئۆزۈم بايقىغان مەسىلىلەرنى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ (گوگىل تەرجىمانى ئارقىلىق) app store غا يوللاپ قويدۇم ، ئەلۋەتتە بۇ سىناق نۇسخىسى ئوخشايدۇ ، لېكىن سىناق نۇسخىسى بولسىمۇ بۇ ھەقلىق ئەپكەن ، دېمەك ئۇزۇنغا قالماي مەسىلىلەر تۈزىتىلىدۇ دېگەن گەپ ، شۇڭا تاماك چېكىدىغانلار بىر قاپ تاماكىنى ئاز چېكىڭلار ، گېرىمغا ئامراقلار بىر تال لەۋ سۇرۇخنى ئاز ئېلىڭلار ، قورسىقىغا ئامراقلار بىر ۋاخ تاماقنى ئاز يەڭلار ……..بۇ ئەپنىڭ باھاسى ئاران خەلق پۇلىغا 12 يۈەن ئىكەن ، دەرھال چۈشۈرۈپ (ئۇيغۇر تىل -يېزىقىنى قىزغىنسۆيىدىغان) ، ئايفونۇڭلارغا قاچىلاپ ، سىناپ سىناش نەتىجىسىنى app store غا ئىنكاس قىلىپ قالدۇرۇپ قويساڭلار ، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ ، بۇ خىل ئەپنىڭ يەنى ipad گە لايىھىلەنگەن نەشىرىمۇ چىقىرلىپ بولدى ، باھاسى 25 يۈەن ، سىناپ تەكلىپ بىرىڭلار ،پات يېقىندا تېخىمۇ مۇكەممەل نەشىرىنى كۈتىۋالىمىز ، ئەگەر بۇ قېتىم سېتىۋالالىساڭلار بۇ ئەپنىڭ كېيىنكى نەشىرلىرىنى مەڭگۈ ھەقسىز يېڭىلىيالايسىلەر ، باھاسى ئۆسۈپ كەتسىمۇ ئەڭ دەسلەپتە سېتىۋالغانلار مەڭگۈ ھاقسىز ئىشلىتەلەيدۇ ، قېنى ئايفوندا ئۇيغۇرچىنى سۆيىدىغان قېرىنداشلىرىمىز 12 يۈەننى ھېساباتىڭلارغا قاچىلاپ ، app store غا ئالغا ، سېتىۋالىدىغانلار قانچە كۆپ بولسا بۇ ئەپنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە ، شۇنداقلا بۇنى تەتقىقى قىلغان شىركەت كېيىن يېڭى ئەپ تەتقىقى قىلغاندا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قوشۇشقا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن .
★★★★ ئادرسى : http://itunes.apple.com/us/app/persisch-uyghur-urdu-keyboard/id481068121?mt=8
پۇل قاچىلىغانلار بىر سىناپ بېقىڭلار قېنى. مەن جاۋابىڭلارنى كۈتەي. بۇ ئەپ ماڭا تازا بەك يېقىپ كەتمىدى
بۇنى جۇڭگۇ ھىساۋىدىكى ldغائالغىلى بولمامدۇ نىمە؟
مېنىڭ سىناق قىلىپ سۈرەتلىك قىلىپ ئىشلىگىنىم شۇنداق ھېساۋاتقۇ؟
بۇ ئەپ (ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئەپ) ھازىر ھەقسىزكەن، مەنمۇ سېتىۋالاي دەپ كىرسەم ھەقسىز دەپ تۇرىدۇ. چۈشۈرمىگەنلەر دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭلار. ئېنگىلىزچىن خەۋرى بارلار ئاپتۇرغا سىناش نەتىجىسىنى يوللاپ بىز ئادەتلەنگەن كۇنۇپكا تاختىسىنى ئەۋەتىپ شۇ بويىچە ئۆزگەرتىپ يېڭى نەشرىنى ھەقلىق تارقىتىشنى ئېيتىڭلار. بىزمۇ بۇ ئەپنى سېتىۋېلىپ ئاپتورغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرەيلى.
بۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئەپنىڭ ئىسمى نېمە ؟
بولسا پۇلغا سىتىۋىلىپ مىغىزىنى چاقىدىغان ئەپلەربولسا ئۆز ئارا تەۋسىيە قىلىشساق،نەدىكى بىر تايىنى يوق ئەپلەرنى سىتىۋىلىپ پۇشايمان قىلىشتىن ساقلانساق دىگەن ئۈمىدتە مەن.