بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ، بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر جۇڭگۇ رايونىدىكى Apple ID ئارقىلىق، ئەپلەرنى يېڭىلىغاندا ۋە يېڭىدىن ھەقسىز ئەپ چۈشۈرگەندە Apple ID نىڭ ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاشنى ئەسكەرتىپ، كېرىدىت كارتا(信用卡) ئۇچۇرلىرىنى يېزىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ قالغان. ھەتتا كېرىدىت كارتا ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن.
بەزىلەر، ئالما شىركىتى بۇندىن كىين كېرىدىت كارتا ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىمىسە يېڭى Apple ID تىزىملاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇرۇن كېرىدىت كارتا ئۇچۇرلىرىنى يازماي تىزىملاتقان Apple ID لارنىڭ ئىشلىمەي قالىدىغانلىقىنى ئىيتىشىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىش بۇرۇن ئامىرىكا رايونىدىمۇ يۈز بېرىپ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئوڭشىلىپتىكەن. ئىشىنىمىزكى، بەلكىم بۇ قېتىممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر سەۋەنلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بىرەر كۈنگىچە كۈتۈپ تۇرساق، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئىنىق. ھازىرچە جىددى چۈشۈرمىسە بولمايدىغان ئەپ بولۇپ قالسا، ئامېرىكا رايونىدىكى Apple ID ئارقىلىق چۈشۈرسەك بولىدۇ.
ئالما شىركىتى مۇلازىمەتچى خادىملىرى بۈگۈن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئەرز-شىكايەت تېلىفۇنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەن سادىر بولغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا بۇنىڭ پەقەت مۇلازىمىتىرنىڭ سەۋەنلىكى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەرگىزمۇ «بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە كېرىدىت كارتا ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدىغان» بۇنداق ئىشنى قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ مەسىلە بۈگۈن كەچكىچە تۈزىتىلىپ بولىدىكەن.
2011-يىل 17-نويابىر 16:25 دە يېڭىلانغىنى:
بۇ مەسىلە تۈزىتىلدى، ئالما شىركىتى بۇ مەسىلىنىڭ App Store نىڭ ئىقتىدارىنى يېڭىلاش جەريانىدا مۇلازىمىتىردىن كۆرۈلگەن مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ھازىر تۈزىتىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر ھەقسىز ئەپنى بىۋاستە چۈشۈرگىلى بولىدىغان (بۇرۇنقىدەكلا كېرىدىت كارتا ئۇچۇرلىرىنى يېزىشنى تەلەپ قىلمايدىغان) بولدى. توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئەپقاچتى گەپلەر يوققا چىقتى!
—
(پاسىبان كۇلۇبىدىن Uzboy يازمىسى)









































مەنغۇ مەخپى نۇمۇرىنى ئۆزگەرتسەم ئوڭشالغانتى ئۆتكەندە
مە خپى نومۇرىنى قانداق ئوّزگەرتىدۇ