ئېنىقلىما:
iTunes ھىساۋاتى(Apple ID) دىگىنىمىز- ئالما شىركىتىنىڭ iTunes يۇمشاق دىتالىدىكى ۋە iPhone, iPad لەردىكى iTunes Store, App Store, iBook Store (ناخشا مۇزىكا دۇكىنى،يۇمشاق دىتال دۇكىنى، كىتاب دۇكىنى) لاردىن ھەقسىز ۋە ھەقلىق نەرسىلەرنى سىتىۋالغاندا ئىشلىتىدىغان بىرلا كىشىگە تەۋە بولغان ھىساۋات نومۇرىدۇر.
تۆۋەندە بۇنى ھەقسىز(كرىدىت كارتا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا) تىزىملىتىش جەريانىنى چۈشەندۈرىمىز:
كومپيۇتىردا iTunes بولۇشى كىرەك. ئەگەر تېخى بۇ يۇمشاق دىتالنى قاچىلىمىغان بولسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ (ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئالما تور بېتىدىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ):
http://www.duote.com/soft/2799.html
1. ئاۋال كومپيۇتىردا iTunes نى ئاچىمىز، ۋە سول تەرەپتىكى iTunes Store نى باسىمىز:
بەت ئېچىلغاندىن كىيىن بەتنىڭ ئەڭ ئاستىغا قارىساق دۆلەت تاللايدىغان جاينى كۆرىمىز.
بۇنىڭدىن بىز ئامېرىكىنى تاللايمىز. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ دۇكانلىرىدا تۈرلەر ئىنتايىن تولۇق. ھەر بىر دۆلەتنىڭ دۇكىنىدا مەھسۇلاتلار ئوخشاش بولماسلىقى، بۇ يەردە بولسا ئۇ يەردە يوق بولىشى مۇمكىن. شۇڭا تولۇقراق مەنبەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئۇنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن كۆزنەكتە ئامېرىكىنىڭ دۇكان بېتى ئېچىلىدۇ. ئاندىن كېيىنكى قەدەمدە App Store باسىمىز.
سەپ سېلىپ قارىسىڭىز سول تەرىپىڭىزدە Free Apps دېگەن بىر يەرنى كۆرىسىز. بۇ بېكارلىق نەرسە ساتىدىغان جاي. ئۇ يەردىن خالىغان بىر يۇمتالنى تاللاڭ (ياكى ئويۇن) .
بىكارلىق دېسە خوشلۇقىڭىزدا ئىتتىك باستىڭىز ھەقىچان، ئەمدى ئۇ ئويۇن ئېچىلغان بەتكە قارىسىڭىز باھاسى بار ئورۇندا Free ياكى Free App دەپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇنىڭدىن سىز Get App نى بېسىڭ.
بۇ چاغدا سىزگە iTunes Store ، يەنى AppStore ھېساۋاتىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردىن «يېڭى ھېساۋات قۇرۇش» دېگەننى تاللاڭ.
ئاندىن مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇلاتلارنى توشقۇزۇپ بولۇپ، كېلىشىمنامىگە قوشۇلىمەن دېگەن يەرلەرنى تاللاشنى ئۇنۇتماڭ. ئاندىن يەنە داۋاملاشتۇرۇڭ.
پارول (مەخپى نومۇر) سالغاندا مۇرەككەپ سېلىش شەرت ئىكەن. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 8 خانە، ئۇنىڭ ئىچىدە چوقۇم 1 تال چوڭ يېزىلغان ھەرپ، 1 تال كىچىك يېزىلغان ھەرپ ۋە 1 تال رەقەملىك سان بولىشى كېرەك ئىكەن. مەسىلەن Abcd1234 دېگەندەك. شۇڭا مۇشۇ فورمات بويىچە پارول سېلىڭ.
ئاندىن سىزدىن «بانكىنىڭ كارتىسىدا پۇل بامۇيا؟» دەپ سورايدۇ. سىز «ياق، بىكالىق ئويۇن بولسا تەپسىلىي ئويناپ قويىمەن» دەپ «None» دېگەننى تاللايسىز. باشقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى رەسىمدىكى چۈشەندۈرۈشكە قاراپ توشقۇزۇڭ.
تىزىملاش تامام. ئەمدى بايا يازغان ئېلخەت ئادرىسىڭىزغا بېرىپ تەستىق ئۇلانمىسىنى چېكىڭ. ئاندىن كۇلۇبىمىزغا قايتىپ كېلىپ، بىز تەمىنلەۋاتقان مەنبەلەردىكى ئويۇنلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ بەھر ئېلىڭ. بەھر ئېلىۋاتقاندا پاسىباننى ئۇنتۇپ قالماسسىز ھە! باھا يازىدىغان جاي ئاستىدا.:evil:
خېلى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى دەپ ئويلىدىم، لېكىن يەنە چۈشەنمىگەن بولسىڭىز تارتىنماي سوراڭ. ئېرىنمەي جاۋاپ بېرىمەن.









































مەن ئاخىرى سىز دىگەن ئۇسۇل بويىچە تىزىملىتىۋالدىم . رەھمەت سىزگە . ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن !
مۇبارەك بولسۇن
[...] قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ [...]
چۈشۈرگەن ئۇيۇننى كومپىيوتىردىكى قايسى مۇندەرىجىدىن تاپىمىز ؟!
ئۇ نەرسىلەرنى ھۆججەتلىرىم مۇندەرىجىسىدىكى ماۋۇ جايدىن
«\My Documents\My Music\iTunes\Mobile Applications»
تاپىمىز. قۇيرۇقنامى IPA بولىدۇ.
رەھمەت ، سىلەرگە بۇنى ئايغۇنغا قانداق يوللايمىز ؟ مەن تېخى ئايغۇن ئىشلەتكۈدەك بولمۇدۇم ، كىيىن ئىشلەتكەندە لازىم بۇلار دەپ ۋاقىتلىق چۈشۈرۈپ قويغان ھەم باشقا دوسلىرىمنىڭ ئايغۇنىغا قاچىلاپ بىرىمەن . بولسا قانداق قاچىلاش توغىرلىق بىر كۆرسەتمە بەرگەن بولساڭلار ؟!
ماقۇل. بۇ توغرىسىدا ئاللاھ خالىسا مۇشۇ ئىككى-ئۈچ كۈن ئىچىدە تېما يوللايمەن.
[...] سىزدە iTunes ھېساۋاتى بولمىسا بۇ يەرنى كۆرۈپ دەرھال تىزىملىتىۋېلىڭ. كۇلۇبىمىز ۋاقىت [...]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
چۇشۇرگەن يۇمىتاللار (win7دە) بىۋاستە c دىسكىغا چۈشىۋالىدىكەن ئۇنى باشقا دىسكىلارغا چۈشۇرۇشنىڭ ئامالى بارمۇ؟
win7 دە قانداق بولىدىغىنىنى بىلمىدىم. لېكىن چۈشۈرگەن نەرسىلەرنى ھۆججەتلىرىم (我的文档) ئىچىگە ساقلايتتى. بۇ جاينىڭ ئورنىنى ئۈستىدىكى ئۇسۇل بويىچە يۆتكەپ قويسىڭىز ئوڭشالمىدىما؟
رەھمەت سىزگە، بۇ تېمىڭىزدىكى ئۇسۇل بويىچە ئامرېكىنىڭ iTunes ھىساب نومۇرىدىن بىرنى ئېلىۋالدىم.
مۇبارەك بولسۇن. كۇلۇبىمىزنى تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ ھە!
ئۆتكەن قېتىم تىزىملاتقاندا جۇڭگۇنى تاللاپتكەنمەن . بۇگۇن ئامىرىكىغا تىزىملىتىۋالاي دەپ كىرسەم ئادرىس ئىستۇننى ئاق قويدۇڭ دەپلام تۇرىدۇ . يەنە تېخى شەھەر ئىستۇنىمۇ شۇنداق ؟
http://otyurek.net/ipad.jpg ماۋۇ ئۇچۇر چىقىۋىلىپ پەقەتلا تىزىملاتقىلى بولمايۋاتىدۇ؟ ۋاقىتنى ھەرخىل ئۆزگەرتىپمۇ باقتىم يەنىلا بولمىدى…
بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ باقماپتىكەنمەن. ئىزدەپ باقسام بۇ ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى كۆپ مىقداردا يېشىپ ئىشلىتىۋاتقان ئالما مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قوللانغان تەدبىرى ئىكەن. ئالما شىركىتى جۇڭگونىڭ IP سىنى چەكلەۋاتقان ئىش ئىكەن. بەزىلەر ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىپ قالدى دىيىشىپتۇ. تەپسىلى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىلمەيدىكەنمەن.
كۆرۈنگەن ئۇچۇردىكىسى ئايتۇنىس بازىرىغا ئۇلىيالمىغانلىق ئۇچۇرى ئىكەن. مېنىڭچە سىز 360 ئارقىلىق Apple گە مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنى پاك-پاكىز ئۆچۈرىۋېتىپ قايتا قوزغىتىپ، ئەڭ يېڭى iTunes نى قاچىلاڭ. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.1.1.4 ئاندىن قايتا سىناپ بېقىڭ. ئەگەر يەنە ئۇلانمىسا ئوت تېمى دېتاللىرىنى تاقىۋېتىپ تۇرۇپ سىناپ بېقىڭ.
سىزگە يوللاشتىن بۇرۇن تەكشۈرسەم ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى 10.1.1.4 دېگەن ئىدى. نەچچە سېكونتتىن كېيىن يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىنىپتۇ.
ھازىرقى يېڭى نەشىرى 10.1.2.17 ئىكەن.
مۇمكىن بولسا ياردەم قىلىپ ماڭا بىر ئەزالىق نامى تىزىملىتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟ 632985072@qq.com مۇشۇ ئىلخەتكە تىزىملىتىپ مەخپى نۇمۇرىنىمۇ ئىلخەتكە يۇللاپ بەرگەن بولسىڭىز؟
ئۆزۈم يىرىم كۈن ھەپىلىشىپ تىزىملىتالمىدىم…
ماقۇل، مەن بۈگۈن سەل ئالدىراش بوپقالدىم. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە سىزگە خەۋىرىنى بېرەي
ipad دىمۇ يەنە مۇشۇ ئۇچۇر چىقىۋىلىپ تىزىملاتقىلى بولمايۋاتىدۇ!
سائىتىگە ئىلخەتكە بىر قىتىم قاراۋاتىمەن لىكىن ………………
ئوتكەندە تىزىملاتقاندا چىققان ئۇچۇر كىرگەندىمۇ چىقىۋىلىپ ماتىريال چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن زادى نىمە قىلغۇلۇق ئەمدى؟؟؟؟
تىزىملىتالمىدىم دېۋىدىڭىز ھېساۋات نومۇرۇدىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ بەردىم. يەنە چىقىۋالغان بولسا مەن ئۈستىدە دەپ ئۆتكەن ئۇسۇللارنى قوللىنىپ سىناپ بېقىڭ. ئەگەر يەنە قاملاشمىسا باشقا كومپىيۇتېردا سىناپ بېقىڭ. نېمىنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئۆزىڭىز قاراپ ھۆكۈم قىلىڭ. ئاندىن شۇنىڭغا كۆرە چارە قوللىنىڭ. ئىزدەنگۈلۈك …
ماڭا ئۆتكەندە بىرسى ياردەم قىلىپ تىزىملتىپ بەرگەن ئىدى ، لېكىن ھازىر ئۇ قىشىمدا بولمىغاچ يانفۇنۇمغا ئويۇن قاچىلىيالمىدىم ، يانفۇندىكى ئويۇنلارمۇ كونىراپ قالغان ئىدى ………
مۇمكىن بولسا بىر ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماڭىمۇ ياردەم قىلىپ تىزىملىتىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن .بېكىتىڭىزدىكى ئويۇنلارنى كۆرۈپ ئىچى بەك قىززىپ كېتىدىكەن …..
چ چ نۇمۇرۇم : 807021621
رەسىملىك شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ. ئۆزىڭىز قول تىقىپ چوقۇم قىلالايسىز. ئۆزىڭىزنى قىلالمايدىغان چاغلىماڭ. ھەر بىر كىچىك نوقتىلارنىمۇ تەپسىلىي رەسىملىك چىقىرىپ قويدۇم. چوقۇم تىزىملىتالايسىز.
itunesتا ھىساپ ئاچقاندادولەت تاللىغاندا جوڭگۇنى تاللىسا چۇشۇرگەن دىتاللارنىڭ يىزىقى خەنززۇچەمۇ؟مەن ئىنگىلىزچە بىلمەيتىم شۇڭا سوراپ باقاي دىگەن
ئۇنداق ئەمەس. دۆلەت تاللاشتىكى سەۋەب بەزى دېتاللار جۇڭگو بازىرىدا يوق. ئامېرىكا بازىرىدا نەرسىلەرنىڭ تۈرى ھەممىدىن تولۇق. شۇڭا ئامېرىكىنى تاللاش تەۋسىيە قىلىنغان. جۇڭگونى تاللىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇ چاغدا iTunes ئېچىلغاندا خەنزۇچە App Store ئېچىلىدۇ. لېكىن ئىچىدىكى ئويۇن بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. ئويۇننىڭ تىلى ئويۇن ياسىغانلارنىڭ قوشۇش قوشماسلىقىغا باغلىق.
بۈگۈن تېل قولغا كەلسە…ئاھ، ئاۋۋال تىزىملىتىپ تۇراي ھە!
شۇنداق قىلىپ ئايفونداش بوپقالدۇق دەڭ! مەجنۇنلار قاتارىغا كىرگىنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
مېنمۇ قارشى ئېپ قوياسىلەر جۇما، يىراقتىن كەلگۈچە چاڭقاپمۇ قالدىم، يەرلىك مۇزدا ئەتكەن دوغاپلىدىن باما؟
شۇنداق قىلىپ مەن ئالدىراپلا كاساپەت دۆلەت تاللىمايلا تىزىملىتىۋېتىپتىمەن ئەمەسما، ئەسلى مۇنداق پەرقىنى بۇرۇنراق بىلسەمچۇ!؟ مۇشۇمۇ شۇ سەپەردە ئۇزۇن ھايال بوپ قالغاننىڭ ئىشى ھاھاھا..
ئەمدى ئۆزگەرتىپ قايتا تىزىملاتقىلى بولاما؟ بولسا تەپسىلاتى قانداق بولىدۇ؟
ھارماي تالماي ياشارسىز بۇرادەر! بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئايفون دىگەننىڭ كەينىگە كىرىپ سىزنىمۇ ئارامىڭىزدا قويماي قويامىزمۇ ئەمدى، تېرىكىپ قالماسسىز جۇما
قارشى ئالىمىز. دوغاپ يوق، لېكىن سالامەت بولسام 2~3 كۈندە بىرەردىن تېما بار ئاللاھ خالىسا.
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭىدىن تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ. ئىلگىرىكىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
مەن مۇشۇ كۆرسەتمە بويىچە قىلىپ ئاخىردا كارتا تاللايدىغان يېرىگە قارىسام noneدىگەن تاللاش يوق ئىكەن . قانداق قىلشىم كىرەك؟
100% ئىشەنچ قىلىمەن، كۆرسەتمە بويىچە تەرتىپ بويىچە قىلماپسىز.