بۈگۈنكى ماۋۇ ئويۇننىڭ ئېگىسىگە لاتارىيە چىقىپ قالدىمۇ، بىراقلا 7 خىل ئويۇننى ھەقسىز تارقىتىۋېتىپتۇ. ئويۇنلىرىمۇ خېلى ئىسىلكەن. كۆرىنىشىدىمۇ گەپ يوق. UI چوقۇم سىزنى رازى قىلىدۇ. ئەمىسە بازار چاققاننىڭ!
7 خىل ئويۇننىڭ تۈرلىرى ھەرخىل. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز iTunes Store نى ئېچىپ Zepi دەپ ئىزدەڭ. ئاندىن ئاستىدىكىدەك نەتىجە چىقىدۇ. بۇنى بىر-بىرلەپ چۈشۈرىۋېلىپ ، مېغىزىنى چېقىڭ. لېكىن چايناۋاتقاندا بولسىمۇ پاسىباننى ئەسلەپ قوياسىز…
ئويۇننىڭ ئويناش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى. سىز كۆرۈنگەن ئوخشاش رەڭدىكى توپلارنى ئارقا-ئارقىدىن باسسىڭىزلا ئۇلار يوقايدۇ. كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، رەڭگارەڭ شارچىلار ئادەمنى ھىسسي دۇنياغا كەپقالغاندەك ھېسياتقا كەلتۈرىدۇ.
ئويۇن ئىسمى : Zepi
«لاتارىيە چىققان ئادەم» : Viacheslav lushchenko
ئويۇن تۈرى : توپ
چوڭلۇقى : 3.4 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































مىنىڭ ئالما تىلفۇنۇم يوق …
لىكىن مەن android ھەۋەسكارى ، يىڭىندا بىرنى ئالماقچىمەن ، پىكىرلىشىپ تۇرايلى …
ئوبدان. ھەممىسى ئەقىللىق تېلىفۇنلارغۇ ئىشقىلىپ. نېمىلا دېگەن بىلەن يەنە ئورتاقلىقى بار
مەن ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئايغۇن،ipad سىتىۋالغان ئىدىم،ipad قا پەقەتلا بىرنەرسە قاچىلىيالمايۋاتىمەن كومپىيوتىرغا چاتسام ھىچ ئىنكاس يۇق؟؟؟؟ ياردەم قىلسىڭىز
كومپىيۇتېرغا چاتسىڭىز ئىنكاس بولمىسا iTunes نى قوزغىتىپ تۇرۇپ چېتىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ چاتسىڭىز سادا بولمىسا سىمدا مەسىلە بارمۇ يوق؟ ئەگەر سىمدىمۇ مەسىلە بولمىسا كۆرۈپ بىرنېمە دېمىسەك بولمىغۇدەك.