بەزىدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئايفوننى ئېلىپ ئۇچۇر ئېۋەتىش خوش ياقمايمۇ قالامدۇ؟ بەزىدە كومپىيۇتېردىكى بىر پاتمان مەزمۇنلارنى بىرسىگە ئۇچۇر ئارقىلىق ئېۋەتىش توغرا كەلگەندە ھەممە مەزمۇننى قولىڭىز بىلەن ئايفوندا يېزىش خوش ياقمايمۇ قالامدۇ؟ بۇ چاغدا كومپىيۇتېر ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاشنى ئويلاپمۇ قالغان بولغىيتىڭىز ھە؟ قېنى كېلىڭ، بۇ چۈشىڭىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرايلى.

WiFi SMS ناملىق بۇ ئەپ سىزگە بۇ توغرىسىدا ياردەم قىلالايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرغان بولىشىڭىز شەرت. چۈنكى بۇنى Cydia دىن قاچىلايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم مەنبە قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇ Cydia نىڭ ئۆزىدە بار بولغان BigBoss مەنبەسى ئىچىدە بار. شۇڭا بىۋاستە ئىزدەيدىغان جايدىن مۇشۇنداق ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ.

ئىسمىدىنمۇ چىقىپ تۇرۇپتىكى بۇنى چوقۇم WiFi مۇھىتىدا ئىشلىتىسىز. يەنى سىزنىڭ ئايفونىڭىز ۋە كومپىيۇتېرىڭىز ئوخشاش WiFi تور مۇھىتىدا بولىشى شەرت. بۇنى SBSettings بىلەن بىللە قاچىلىدىغۇ دەيمەن(ئەلۋەتتە، ئىلگىرى قاچىلاپ بولغان بولسىڭىز يېڭىدىن قاچىلىمايدۇ. قاچىلىمىغانلارغا ئېيتتىم). شۇڭا ئېكراننىڭ ئۈستىدىكى ھالەت ستونىنى بىر سىيرىڭ. چىققان كۆزنەكتىن WiFi SMS نى قوغىتىڭ. ئاندىن شۇ كۆزنەكنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز سىزنىڭ ئايفونىڭىزنىڭ WiFi IP ئادرېسى كۆرىنىدۇ(192.168.1.100 دېگەندەك). سىز مۇشۇ IP ئادرىسىنىڭ ئاخىرىغا:8080 نى قوشۇپ تور كۆرگۈچ بىلەن ئېچىڭ. مەسىلەن : 192.168.1.100:8080  بۇنى چوقۇم Internet Explorer دىن باشقا كۆرگۈچ ئارقىلىق ئېچىڭ. چۈنكى بۇ IE نى قوللىمايدۇ. 360, Maxthon دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى IE نىڭ چاپىنى خالاس. شۇڭا شۇنىڭ بىلەن ئاچساممۇ ئېچىلمىدىغۇ دەپ سوئال سوراپ يۈرمەڭ. بۇ ئايرىم تور كۆرگۈ ئەمەس. دېمەكچى بولغىنىم FireFox ياكى Chrome ياكى بولمىسا كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلىغان سافارى. مۇشۇلار ئارقىلىق ئاچىسىز.

نېمىنى بايقىدىڭىز؟ ئايفونىڭىزدىكى بارلىق ئۇچۇرلار تور كۆرگۈڭىزنىڭ بېتىدە پەيدا بولدىمۇ؟ ئاستىغا يازىدىغان ئۇچۇرنى يېزىپ ئېۋەتىپ بېقىڭ. ئاۋازىمۇ ئايفونغا ئوخشاش تېخى!

بۇ ئەپنى ئىشلىتىپ بايقىغان بىر مەسىلەم، ئىلگىرى ئۇچۇر ئېۋەتىپ باققان بىرەرسىگە ئۇچۇر يازغىلى بولىدىكەن. ئۆزىمىز يېڭىدىن ئۇچۇر يازىمەن دەپ يازالمايدىكەنمىز. يېڭىدىن يازىدىغان جاينى تاپالمىدىم. سىلەر تاپالىغان بولساڭلار ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، تەڭ پايدىلىنايلى!

سەمىمىي تەۋسىيە: IE نىڭ دەۋرى ئۆتتى. بولۇپمۇ IE 6 نىڭ. باشقىلار بۇنى ئاللىقاچان دەپنە قىلىپ يەرلىكىدە قويۇپمۇ بولغان ئىدى(بۇ يەردىن كۆرۈڭ). بىز بولساق بۇنى قەۋرىسىدىن تارتىپ چىقىپ ئىشلىتىۋاتىمىز. مۇشۇ ئەبجەق تور كۆرگۈنى يەنە ئىشلىتىۋاتقانلارغا سەمىمىي تەۋسىيەرىم، ئاتەش تۈلكە (FireFox) ياكى گوگلنىڭ كروم كۆرگۈسىمۇ بەك پەچەت، سۈرئىتى بەك تېز. شۇنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار. مۇشۇ بلوگنى مۇشۇ پەچەت كۆرگۈلەر بىلەن كۆرسەڭلار بۆلەكچە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. IE دا يەنە باشقىچە كۆرىنىدۇ. دەۋرگە ماسلىشىپ زامانىۋى تور كۆرگۈنى ئىشلىتىڭ. ئايفونىڭىزغا لايىق تۈزۈكرەك كۆرگۈ ئىشلىتىڭ.

ئاتەش تۈلكىگە دائىر تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يەردىن تەدبىركارنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قۇلاق سېلىپ كۆرۈڭ. يازمىنى تەپسىلىي بىر كۆرۈپ چىقسىڭىز ئەبجەق IE دىن ئىلغار كۆرگۈچكە ئۆتىشىڭىزگە پايدىسى تېگىشى مۇمكىن.

Google Chrome نىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ تېز تور كۆرگۈ ئىكەنلىكىنى بىلىسىزغۇ دەيمەن. قانچىلىك تېزلىكىنى باشقىلار مۇنداق سىناق قىپمۇ بېقىپتۇ. (تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىمۇ يوللاپ قوياي.) بۇنى كۆرۈپ سىز يەنە ئاشۇ قوتۇر بىلەن تور بەت كۆرەمسىزكىن؟

كۆرگىنىڭىزدەك، باشقىلار بۇ تور كۆرگۈنىڭ سۈرئېتىنى ئاۋاز ۋە چاقماق بىلەن سېلىشتۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا مۇشۇ 2 خىل تور كۆرگۈنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچىمەن. Google Chrome بىلەن بۇ بلوگنى بىر ئېچىپ كۆرۈڭلار. IE دىكىگە قارىغاندا رەتلىك، چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. بۇ بەتلا ئەمەس، باشقىلىرىمۇ شۇنداق. سىز زادى IE غا كۆنۈپ قېلىپ بۇنىڭغا ئالمىشالمىغۇدەكمەن دەپ قالسىڭىز بۇ بەتنى كۆرۈڭ. تەدبىركار سىزنىڭ كرومىڭىزنى IE غا ئوخشىتىۋېلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.

ئاخىرىدا يەنە بىر ئەسكەرتىپ ئۆتەي. 搜狗, TT, 360, Maxthon دېگەندەك كۆرگۈلەر ئايرىم كۆرگۈ ئەمەس. ھەممىسى IE نىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغانلار. ئىچىنى چۇۋۇسىڭىز ھەممىسى IE نىڭ يادروسىنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا ئېشەككە چاپاننىڭ قانچە چىرايلىقىنى ئېلىپ كەيدۈرسەكمۇ ئۇ يەنە ئېشەك، ئات بولالمايدۇ. قالغىنى سىزنىڭ تاللىشىڭىز. يازمىغا مۇناسىۋەتسىز ھەم مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى ئېيتىپ قالدىم. ياخشى نەرسىدىن بىللە بەھرلىنىش لازىم ئەمەسمۇ؟

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



12 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. پاسىبان كۇلۇبىغا ئىنكاس يىزىش ئىھتىياجى بولمىغان بوسا مەنمۇ تىخىچە ئىنتىرنىت ئىكىسپىلور نى ئىشلىتىپ يۈرەتتىم…ھازىر ئوت تۈلكىگە كۆچىۋالدىم…بۇ نى بىر نەچچە كۈن ئىشلىتىپ بەك قولايلىق ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم… بىراق نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە توربەت ۋە بىلوگلار ئوت تۈلكىدە نورمال كۆرۈنمەيدىكەن……

    • قالدۇرۇپ قويغان ئۇلانمىنى بېسىپ تەدبىركارنىڭ چۈشەندۈرىشىنى كۆرۈڭ. نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىق توغرىسىدا ئۇچۇر بار. ئۇلارنىڭ تور بېتى كونا تېخنىكا بىلەن ياسالغانلىقى ئۈچۈن پەقەت IE ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. شۇڭا باشقا تور كۆرگۈلەرنى قوللىمايدۇ. IE Tab دەيدىغان نەرسىنى قاچىلاپ ئاتەش تۈلكىنىڭ ئىچىدە IE نى قوزغىتالايسىز.
      مەن ئاۋۇ سىننى كۆرگەندىن كىيىن Google Chrome غا كۆچتۈم. بۇ تېخىمۇ پەچەتكەن. بۇنىڭدىمۇ IE Tab قىستۇرمىسى بار. سىز دېگەندەك تور بەتلەرنى e بەلگىسىنى بېسىپلا IE غا ئۆزگەرتىپ كۆرىۋېرىمەن. 淘宝 دىمۇ ھىچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ.
      كروم ئىشلەتكۈچىلەرگە قىستۇرما بازىرىنىڭ ئادرىسىنى قالدۇراي. بۇ يەردىن كرومىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېلىڭ:
      https://chrome.google.com/webstore?hl=zh-CN

  2. بەك ياخشىكەن رەخمەت سىزگە.
    :good: :good: :good: :good: :good:

  3. Google Chrome نىمۇ ئىشلىتىپ باقاي كۆچكەندىكىن بىراقلا نوچىسىغا كۆچمەمدىم

  4. Google Chrome ھەقىقەتەن تىز كەن…تورداشلار كۆچۈشكە توغرا كەلسە Google Chrome غا كۆچۈڭلار..

  5. Google Chrome تىمۇ توربەتلەرگە ئۆزىمىز خالىغان خەت نۇسخىسىنى تاللاپ بىكىتىپ قوي غىلى بولامۇ….ئۈستىدىن قارىسام گوڭجۈ تىزىملىگى بادەك ئەمەس…
    پاسىبان كۇلۇبىنىڭ خەت نۇسخسى قايسى ..؟

    • كرومدا پاسىبان كۇلۇبى نورمال كۆرىنىدۇ. خەت نۇسقىسىنى تەڭشەشنىڭ ھاجىتى يوق. بلوگدا ئىشلەتكەن خەت نۇسقىلىرى بىرقانچە، UKIJ Tor ، Alpida، Ekran دېگەندەك خەت نۇسقىلىرى بار.

  6. ھو ھوي! ئاخىرى ئوڭشىۋالدىم……. :rose:

  7. پاسىبان كۇلۇبىنى كىروم ياكى Google Chrome دا زىيارەت قىلاي شۇنچىلىك كۆركەم.(24سۇڭلۇق ئىكراندا خەتلىرىمۇ شۇنداق يوغان بەك راھەت) كۆرۈنىدىكەن…. كىرومدا ئۇلىنىش قاتارلىق توربەتلەرنى قايسى خەت نۇسخسىغا تەڭشەشنى بىلەممىگەن ئىدىم…

  8. مەن سەفەرىگە كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. خەت شەكلىنى سىلىقلاپ نەدىكى سەت توربەتلىنىمۇ شۇنداق چىرايلىق چىقىرىۋېتىدۇ. ئەمما بەزى ئۇيغۇرچە توربەتلەر نورمال ئېچىلمايتتى. قېنى مەنمۇ ئىزدەپ باقاي، سەفەرەنىڭمۇIE Tab دەك قىستۇرمىلىرى بارمىكىن.  

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش