iOS ئۈسكۈنىلىرىنىڭ باشنى ئاغرىتىدىغان بىر چاتىغى بار. ئۇ بولسىمۇ نەشىرىنى كۆتۈرىۋالساق چۈشۈرۈپ بولالمايمىز. چۈنكى ئالما ئۈستىگە يامىشىدۇ، پەسكە چۈشمەيدۇ. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى – تۆۋەن نەشىردە تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن يېڭى نەشىردە ئاشۇ يوچۇقنى يامايدۇ. ئابونتلارنىڭ يېڭى نەشىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرالماي كونىسىغا چۈشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەقىللىق جوبس مۇشۇنى ئويلاپ چىققان.

ئۇنداقتا بۇنى قانداق قىلىپ چۈشۈرىمىز؟ قىستۇرما رەسىمدىكىگە ئوخشاش ئايفوننى دۈم قىلىپلا چۈشۈرگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق ھۈنەر ئىشلىتىش كېرەك. يېڭى ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلار بۇ مەسىلىگە تولا يولۇقۇپ، تولا سوراپ كەتتى. مەن ئاددىيلا قىلىپ چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.

(بۇ ئۇسۇل iPad 2 گە ماس كەلمەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئايپەدىڭىزنى يۇقىرى نەشىرگە كۆتۈرىۋەتكەن بولسىڭىز پەقەت ئەپسۇسلا دېيەلەيمىز…)

 بۇنىڭ ئۈچۈن سىز چوقۇم كونا نەشىرىنىڭ (چۈشۈرمەكچى بولغان نۇسقىسىنىڭ) SHSH نى زاپاسلىۋالغان بولىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسىڭىز بۇ يازمىغا مۇراجىئەت قىلىڭ. سىز چۈشۈرمەكچى بولغان نەشىرنىڭ IPSW بولىقىنى بۇ ئۇلىنىشتىن تېپىپ چۈشۈرىۋېلىڭ.

iOS 4.3.3

iOS 4.3.2

iOS 4.3.1

iOS 4.3

چۈشۈرۈشكە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4.3.3 نەشىرىنىڭ سېستىما بولىقى ئادرېسى قالدۇرۇلدى. چۈنكى ھازىرقى ئەڭ يېڭى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدىغان نۇسقىسى مۇشۇ. چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۈسكۈنىڭىزنى DFU ھالىتىگە ئەكىلىڭ. ئۇسۇلى مۇنداق:

ئاۋال iPhone, iPod, iPad نى كومپىيۇتېرغا ئۇلاڭ. ئاندىن ئۆچۈرۈڭ (ئۈستىدىكى قۇلۇپلاش كونۇپكىسىنى 5 سېكونت باسسىڭىز تىزىملىك چىقىدۇ، يانغا سۈرۈپ ئۆچۈرىسىز). ئاندىن كومپىيۇتېردىن iTunes نى ئېچىڭ. ئاندىن ئايفون ئۆچۈك ھالەتتە ئوتتۇرىدىكى قايتىش كونۇپكىسى (يۇمىلاق كونۇپكا) بىلەن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى بىللە 10 سېكونت بېسىپ تۇرۇڭ. 10 سېكونتتىن كىيىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويىۋېتىڭ. لېكىن Home (يەنى قايتىش) كونۇپكىسىنى قويىۋەتمەي داۋاملىق بېسىپ تۇرۇڭ. بۇ چاغدا كومپىيۇتېرىڭىز يېڭىچە بىر دانە USB ئۈسكۈنىسىنى تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا iTunes قايتۇرۇش ھالىتىدىكى ئۈسكۈنىنى تاپتىم، سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەمسىز دەپ سورايدۇ. ئايفونىڭىز بۇ چاغدا قارا ئېكران ھالەتتە بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئىنكاس يوق بولسا بۇ ئۇسۇلنى قايىتىدىن قىلىپ چىقىڭ. بۇ سىزنىڭ DFU ھالىتىگە ئوڭۇشلۇق كىرەلمىگىنىڭىزنىڭ ئىپادىسى.

كىيىنكى قەدەم بىر قەدەر مۇھىم. بىز بۇ باسقۇچتا iTunes نى ئالداپ قويىمىز. نېمىشقا ئالدايمىز دېگەندە، iTunes ھەر دائىم سېستىمىنى يېڭىدىن قاچىلىغاندا ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىرىغا تەستىق ئېۋەتىدۇ. بۇ ئالدىنئالا مۇشۇنداق قىلىپ تەڭشىۋېتىلگەن. ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىرى نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى سېستىمىدىن تۆۋەن بولغان سېستىمىنى قاچىلاش ئېلىپ بېرىلغاندا ئاپتۇماتىك رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كونا سېستىما قاچىلانمايدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا iTunes نىڭ تەستىق ئالىدىغان جايىنى Cydia نىڭ مۇلازىمىتىرىغا ئۇلاپ قويساق iTunes بېرىپ ستىۋ جوبستىن سورىماي، Saurik تىن سورايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق قىلىمىز:

سېستىمىڭىز تېخىچە XP بولسا بۇ جاينى ئېچىپ C:\Windows\System32\drivers\etc قارىسىڭىز hosts دېگەن بىر ھۆججەتنى تاپالايسىز. بۇنى 记事本 ئارقىلىق ئېچىڭ. Win7 دە بۇنى چوقۇم باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئېچىشىڭىز كېرەك.

ئېچىپ ئاخىرقى قۇرغا بۇنى كۆچۈرۈپ چاپلاڭ:

74.208.105.171 gs.apple.com

كومپىيۇتېرغا چاپلىغاندا IP سولدا، ئادرېس ئوڭدا كۆرىنىدۇ. بۇ نورمال. ساقلاپ چېكىنىڭ.

ئاندىن يەنە iTunes نى ئېچىپ ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. Shift بىلەن 恢复 نى بېسىڭ. ئەگەر Shift بىلەن باسمىسىڭىز بىۋاستە ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىرىدىن ئەڭ يېڭى بولاقنى چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا Shift بىلەن بېسىپ بايىقى چۈشۈرۈپ قويغان كونىراق نەشىردىكى سېستىما بولىقىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ.

ئەمدى ئاخىرقى ئىشلارنى iTunes قا تاپشۇرۇپ قويساق بولدى. مەشغۇلات ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئايفوننى كومپىيۇتېرغا ئۇلىغان ھالەتتە قويۇڭ. iTunes نىمۇ ئۆچۈرمەڭ. iTunes بەزىردە 1013 خاتالىقى كۆرسىتىپ تۇرىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسا بولدى. بۇ نەشىر چۈشۈرگەندە تولا كۆرۈلىدىغان مەسىلە. چوڭ گەپ يوق. بۇ خىل خاتالىق چىقىۋالسا بەك چوڭ مەسىلە كۆرۈلدى دېسەك، ئايفوندا Recovery Mode ، يەنى سېستىما ئەسلىگە قايتۇرۇش ھالىتى كۆرۈلۈپ تۇرىۋېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ئايفوندا قارا ئېكران بىلەن « USB سىم ئارقىلىق iTunes قا ئۇلاش » رەسىمى چىقىپ تۇرىدۇ. ئايفوننى قايتۇرۇش ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن FixRecovery ياكى TinyUmbrella غا مۇراجىئەت قىلساق بولىدۇ. TinyUmbrella نى ئېچىپ Exit Recovery نى باسساقلا ئىش كۇپايە. Fix Recovery دىمۇ ئاساسەن ئوخشاش (بۇنىڭدا  ئاۋال iTunes نى ئېچىپ قويۇپ ئاندىن FixRecovery نى قوزغىتىڭ).

 2-ئاۋغۇست يېڭىلانغىنى:

يازمىدا FixRecovery نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنىمۇ قالدۇرماپتىمەن. بۇ جايدىن چۈشۈرۈڭ.

FixRecovery نىڭ ئالاھېدىلىكى قايتۇرۇش ھالىتىدىن چېكىندۈرەلەيدۇ. لېكىن كېلىپ-كېلىپ 4.3.3 كە قايتۇرغۇچە 1013 خاتالىقى چىققاندا بۇ پروگرامما قىسمەن ئەھۋاللاردا كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدىكەن. بۇ چاغدا بىز بۇنىڭغا ئازراق ياردەم قىلىشىمىز كېرەك بولىدىكەن. (ئەگەر بۇ پروگرامما ئوڭۇشلۇق ھالدا قايتۇرۇش ھالىتى 恢复模式 دىن چېكىندۈرەلىسە تۆۋەندىكى ياردەم بېرىش باسقۇچىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىڭ.) ياردەمنى مۇنداق قىلىمىز:

1. ئاۋال iTunes نىڭ قاچىلىغان مۇندەرىجىسىنى ئېچىپ iTunesHelper دېگەن ئېجرا ھۆججىتىنى ئاچىمىز. (بۇ ئارقا سۇپىدا ئېجرا بولىدۇ. شۇڭا ئىجرا بولغىنى بىۋاستە كۆرۈنمەيدۇ. )

2. FixRecovery نى ئېچىڭ.

3. ئايفوننى قايتىدىن DFU غا ئەكىرىڭ. بۇنىڭ ئۇسۇلى بايىقىغا ئازراق ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ھازىر تېلىفۇنىڭىز ئوچۇق ھالەتتە. تېلىفۇننى تاقىغاندا ئاندىن DFUگە كىرگىلى بولىدۇ. لېكىن بۇنى تاقاي دېسەكمۇ نورمال ئۇسۇلدا تاقىيالمايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە قاتتىق قوزغىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز. يەنى، قايتىش كونۇپكىسى HOME بىلەن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ 5~10 سېكونت ئەتراپىدا باسىمىز. بۇ چاغدا ئايفون ئۆچىدۇ. ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى دەرھال قويىۋېتىپ قايتىش كونۇپكىسىنى داۋاملىق بېسىپ تۇرىمىز. ئايفون قوزغىلىپ ئالما كۆرۈنگەندە قايتىش كونۇپكىسىنىمۇ قويىۋېتىمىز.

4. ئەمدى FixRecovery خىزمەتنى باشلىۋېتىدۇ. ئىش تامام.

FixRecovery گە ياردەم بېرىش تەرتىۋىنى ئاددى قىلىپ ئېيتساق:

iTunes ئوچۇق ھالەتتە iTunesHelper نى ئاچىمىز > FixRecovery نى قوزغىتىمىز > (ئايفون ئوچۇق ھالەتتە، يەنى قايتۇرۇش ھالىتىدە) قايتىش ۋە ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى 10 سېكونت باسىمىز > ئايفون ئۆچكەندىن كىيىن دەرھال ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويىۋېتىپ، قايتىش كونۇپكىسىنى داۋاملىق باسىمىز > قايتىش كونۇپكىسىنى قوزغىلىپ ئالما كۆرۈنگەندىلا قويىۋېتىمىز > تامام.

* ناۋادا zlib1.dll تاپالمىغانلىق ئۇچۇرى چىقسا چۈشۈرۈش تەمىنلىگەن FixRecovery نىڭ مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى مۇشۇ ناملىق ھۆججەتنى C:\Windows\System32 گە كۆچۈرۈپ قويىمىز.

* ئەگەر يەنە نورمال قوزغالمىسا قىزىل يامغۇر Redsn0w ئارقىلىقلا تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ. بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلىشىڭىزغا ياردىمى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن. تۈرمىدىن قاچۇرىدىغان قورال بۇ : http://dl.dbank.com/c0p7gloei6 باشقا ئۇسۇللىرى بۇ يازمىغا ئوخشاش.

ئايفون ئەمدى نورمال قوزغىلىدۇ. سېستىما نەشىرىگە قاراڭ. نورمال قاچىلىنىپتىمۇ؟

نەشىرىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن بايىقى hosts نىڭ ئاخىرىغا قوشقان جاينى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ، ياكى شۇ قۇرنىڭ بېشىغا # نى قوشۇپ قويۇپ ساقلاپ چېكىنىڭ. بۇنىڭدا مۇلازىمېتىر ئەسلىگە كېلىدۇ.

تۆۋەندە 4.3.3 نىڭ ئەڭ ئېسىل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىدىن بىرنى ئېيتىپ ئۆتەي. ئەگەر سىزنىڭ ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفون بولمىسىلا مۇشۇ ئارقىلىق تۈرمىدىن ناھايىتى ئوڭايلا قاچۇرىۋالالايسىز.

http://jailbreakme.com نىڭ ناھايىتى تېز ھەم قولاي تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىلەركىن؟ ئىلگىرى بىر سېستىمىدا «يانغا سۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ» دەپلا بىر ئۇسۇلنى ئىجاد قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە iOS 4.3.3 تىن تۆۋەن بولغان ھەرقانداق iDevice نى بۇ توربەت يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنتايىن ئاددى ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرالايدۇ. بىر ئاي بۇرۇن بىر دوستىمىزغا iPad2 دىن بىرنى ئېلىپ مۇشۇ ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بەردىم. مەشغۇلاتى ئىنتايىن، راستىنلا ئىنتايىن ئاددى.
ئاۋال ئايفون ياكى ئايپەدتىكى Safari ئارقىلىق بۇ توربەتنى ئېچىڭ: http://jailbreakme.com
ئاندىن Cydia نىڭ بەلگىسىنى كۆرىسىز. بۇنى خۇددى App Store دىن بىرەر ئەپنى قاچىلىغانغا ئوخشاشلا قاچىلاڭ. تۈرمىدىن قاچۇرۇش تامام!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



30 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئېھتىياتسىزلىقتىن دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ سالغانلار ئۈچۈن ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولغۇدەك. دېمىسىمۇ iTunes ئۇلىنىپلا دەرىجىسىنى كۆتۈرەمسىز دەپ سوراپ تۇرىۋالىدىكەن.

  2. قاچانمۇ iphone ئالغۇدەك بولمىز؟

  3. rastinla bolidigan ixmu bu ???/ sinap bakkanlar bamu siniganlar bolsa man kilip bakay…….

  4. زادى ! :good: بۇ خىل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئاددى ھەم بىخەتەر بولىدىكەن.

  5. مەنمۇ تولا قېينىلىپ ، بۈگۈن 30-ئاۋغۇست چۈشتە 4.3.3 گە نورمال چۈشۈپ ، تۈرمىدىنمۇ قاچۇرۇپ ھەممە ئىشلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالدىم ، شۇنداقلا سېستمىدىكى ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە (ئاددى ۋە مۇرەككەپ) ، ئەرەبچە ، تۈركچە تىل ھۆججىتىدىن باشقا بارلىق تىل ھۆججەتلىرىنى سېتمىدىن تازىلاپ چىقرىۋەتتىم (چۈنكى باشقا تىللارغا نىسبەتەن ئاساسەن ئىھتىياجىم چۈشمەيدىكەن) ، سېستىما خۇددى ياشىرىپ كەتكەن يىگىتتەك شۇنداق شاشلىشىپ ،يايراپ كەتتى :o))):

  6. ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن قىرىندىشىم!

  7. پاسىبان باشلىق ئايفونچى بايلارنىڭ روزا ھېيتىنى قۇتلۇقلايمەن.. :)
    ھېيتتا پېقىر-يوقسۇللارغا بىرەر تال باتارىيەمۇ بولسا زاكات قىلىشنى ئونۇتمىغايسىلەر :roll: :appoint:
    بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا . پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا :-?

  8. ئۇسلۇبلار بلوگى يىڭى ئىسىم يىڭى قەدەم بىلەن تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىمەكچى! ئۇسلۇبلار بلوگىنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىپ تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە تۈرتكە بولۇپ قوللاپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز! رەھمەت! تىخىمۇ نادىر ئۇسلۇبلار ئۇسلۇبلار بلوگىدا مەيدانغا كەلگۈسى!
    تۇغ ئادرىسى: http://www.alxat.net/uslub/logo.gif
    ئۇلىنىش ئادرىسى: http://uslublar.tk

  9. روزى ھېيىتىڭىز قۇتلۇق بولسۇن قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ!

  10. سىستېمىنى قايتۇرىۋاتقاندا 1013 خاتالىقى چىققاندا fixrecovery-PATCHED نى ئىشلەتمىسە (بۇ ھەقتىكى دەرسلىك خالاستاندا بار: http://www.halastan.com/2495.html) نەشر چۈشۈرگىلى بولمايتتى. مەن سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزغا ئاساسەن بىر سىناپ باقاي دېسەم قاملاشمىدى. تېمىدا (دەل ئاشۇ تېخنىكىلىق يىرىنى سۆزلەۋاتقاندا) بىر نەرسە كام قالغاندەكلا تۇيۇلغانىدى… يەنە بىر قاراپ باقامسىزكىن. سىز ھەرگىز بۇنداق سىناقتىن ئۆتمىگەن تېمىنى يوللىمايسىز.

    • ئېيتقانلىرى دۇرۇس رەشىتكا. مەن FixRecovery نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنىمۇ قالدۇرماپتىمەن. يازمىنى ھازىر تەھرىرلەپ ئەسكەرتەي. ئازراق چالا قالغان يېرى باردەك قىلىدۇ.

    • يېڭىلاپ قويدۇم. سىلى ئېيتقىنى FixRecovery نىڭ نورمال ھالەتكە قايتۇرالمىغانلىق مەسىلىسى بولسا كېرەك. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە قايتا سىناپ باقسىلا. يېڭىلىغان مەزمۇن بويىچە قىلسىلا ئاللاھ خالىسا چوقۇم بولىدۇ.

      • تېما ئەمدى تولۇقلىنىپتۇ. مەن مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە 6، 7 قېتىم ھەر قېتىمدا ئوڭۇشلۇق ھالدا 4.3.3 كە چۈشتۇم. 4.3.4 ياكى 4.3.5 تىن سىستېما نەشرىنى قايتۇرغاندا 1013 خاتالىقى جەزمەن چىقىدىكەن. بۇنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.

  11. buningda iphone ni. shush limigan bolsimu naxir quxurgili bolamdu …….. tizdin maslihat barsangla,……

  12. 3194 خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى …
    مەنمۇ 4.3.3 نەشىرىنى تېلفوندىلا س د يا غا زاپاسلىغان .
    ئەمدى قانداق قىلسام بولا

  13. كاپالەتلىك قىلىمەن مەن پەقەت قىلالمىدىم سىزنى قانداق تاپالايمەن ماڭا ياردەم قىلسىڭىز نەشىرنى پەقەت چۈشۈرەلمىدىم。 يەنە بىر مەسىلىنى سورىسام مېنىڭ تېلاونۇمدا سىمسىز توردا نىمىشقا ۇلىنىش بېكىتىگە چىقالمايمەن باشقا تورلارغا چىققىلى بۇلىدۇ تېلفوننى ۇچ ج تورىغا تەڭشىسەم ۇلىنىشقا چىقالايمەن بۇ نىمە سەۋەبتۇ؟

  14. ئاخىرى ئوڭۈشلۇق ھالدا چۈشىۋالدىم رەھمەت سىزگە

  15. مىنىڭكىدە 20 دەپ خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى، قانداق قىلسام بولا ؟

    • سىز ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىرىغا توغرىلاپ قويغان ھالەتتە چۈشۈرىمەن دېگەنمۇ؟ HOST نى توغرا ئۇسۇل بويىچە ئۆزگەرتكىنىڭىزگە كاپالەتلىك قىلالامسىز؟ بۇ دەرىجە چۈشۈرگىچە يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار.
      سىز يۇقارقى مەسىلىنى چوقۇم توغرا ھەل قىلىپ بولغاندىن كىيىن قايتىش كونۇپكىسى بىلەن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇرۇڭ. تەخمىنەن 5~10 سېكونتتىن كىيىن ئايفون ئۆچىدۇ. ئاندىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويۇۋېتىپ، ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى داۋاملىق بېسىپ تۇرۇڭ. iTunes تا DFU ھالىتىدىكى ئايفوننى تاپقانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاندىن يازمىدا يېزىلغان يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە بىر-بىرلەپ قايتىدىن قىلىپ چىقىڭ.

  16. بۇ ئۇسۇل ios5 نى چۈشۈرۈشكە ماس كىلەمدۇ؟

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش