نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تېلىفونۇمنىڭ نەشىرى 4.2.1 دىلا ئىدى. 4.3 نەشىرىدە خېلى كۆپ يېڭىلىقلار يېڭىلانغان بولسىمۇ ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفون بولغاچقا خاتىرجەم يېڭىلىيالماي قىينىلىپ يۈرگەن ئىدىم. بۈگۈن قاپيۈرەكلىك بىلەن 4.3.3 كە ئوڭۇشلۇق يېڭىلىۋالدىم.

ئامېرىكا نۇسقىسىدەك قۇلۇپى بار ئايفوننى خاتىرجەم يېڭىلىغىلى بولمايدىغان بىر چاتاق يېرى بار. قۇلۇپى يوق (شىياڭگاڭ ۋە جۇڭگو ئايفونلىرىدەك <لىيەنتوڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ>) ئايفونلارنى يېڭى سېستىما چىققاندا ناۋادا بىلمەي يېڭىلاپ قالغان تەقدىردىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولمىغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا نورمال ئىشلەۋېرىدۇ. لېكىن، قۇلۇپى بار ئايفوننى بولسا تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. يەنە بىر مۇھىم نوقتا، سېستىما يېڭىلاشتا مودىم نەشىرى baseband version 调制解调器固件 نى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭىلاش كېرەك. چۈنكى قۇلۇپى بار ئايفوننىڭ قۇلۇپىنى يېشىش مۇشۇ نەرسىگە مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە iPhone 4 نىڭ 01.59.00 دېگەن مودىم نەشىرىدىن باشقا نەشىرلەرنىڭ قۇلۇپىنى يەشكىلى بولمايدۇ. دېمەك مودىم نەشىرى بۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان بۇ خىلدىكى قۇلۇپى بار ئايفوننى ھەرقانچە تۈرمىدىن 10 قېتىم قاچۇرساقمۇ كارتا تونىمايدۇ دېگەن گەپ.

بۇ قېتىمقى يېڭىلاشتا مېنى ئەنسىرىتىدىغان 2 چوڭ مەسىلە بار. بۇنىڭ 1-سى مودىم نەشىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ساقلىيالامدىم يوق؟

2-سى، نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى سېستىما 4.3.5 ، لېكىن مەن مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرالايدىغان 4.3.3 كە يېڭىلىشىم كېرەك. لېكىن بۇنى قاچىلىغۇچە iTunes ئالمىدىن تەستىق ئالىدىغان يەردىن ئۆتەلمەيمەن. چۈنكى مەن تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان نەشىرگە يېڭىلىماقچى. شۇڭا تەستىقلىغۇچى مۇلازىمېتىر 4.3.5 تىن تۆۋەن نەشىرنى تەستىقلىمايدۇ-دە يېڭىلاش مەغلۇپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇنداق قىلدىم:

TinyUmbrella نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 5.00.10 نى ئورگان تور بېتىدىن چۈشۈردۈم. DBank بوشلۇقىدىن چۈشۈرىۋېلىڭ.

بۇ ئارقىلىق مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قېلىپ يېڭىلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ دەرسلىكىنى بۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭ. يەرلىككە 4.3.3 نىڭ SHSH نى ساقلىۋالدىم. كۈنلۈكنىڭ يېڭى نەشىرىدە 2 خىل ئەسكەرتمە چىقىۋالىدىكەن. بۇنىڭ مەنىسى، Cydia يېقىندىن بۇيان كۈنلۈكنىڭ ئۇلارنىڭ ئامبىرىدىن SHSH نى ئوقۇپ ئېلىشىنى چەكلىۋەتتى. شۇڭا سىز تاللاش تۈرىدىن ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىرېدىن SHSH نى ئوقۇپ ئېلىش دېگەن تۈرنى ئېلىۋېتىڭ، دېگەن ئۇچۇر. يەنە بىرى بولسا، چېكىنگەندە hosts نى تەڭشىۋېتىش بولۇپ، بۇنى ئاساسى كۆزنەك ئىچىدىكى  Advanced نىڭ ئىچىدىن تەڭشەپ قويىمىز. رەسىمدىكىدەك:

بۇ يەرنى توغرىلاپ قويغاندىن كىيىن چوقۇم يەرلىكتە SHSH نى ساقلىۋالغان بولىشىمىز كېرەك. رەسىمدە مەن SHSH نى ساقلىغان ئورۇنغا D:\.shsh نى كۆرسىتىپ قويدۇم. بۇ يەرنى كۆرسىتىپ ئاۋۇ ئىككى يەرنى ئېلىۋەتكەندىن  كىيىن SHSH نى يەرلىكتىنلا ئېلىپ ئوقۇيدۇ. شۇڭا يەرلىكتە SHSH نى Save SHSH دېگەن جاينى بېسىپ زاپاسلىۋېلىشىڭلار لازىم. زاپاسلاش پۈتكەندىن كىيىن Start TSS Server نى بېسىپ سېستىما يېڭىلاشنى باشلىساق بولىدۇ. مۇشۇ يەر ئىنتايىن مۇھىم. چوقۇم TSS Server is running دېگەنگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

شۇنىڭ بىلەن 1-مەسىلە ھەل بولغان بولىدۇ. 2-مەسىلە ئالما مۇلازىمىتىېرىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن يېڭىلاشنى رەت قىلىشى. بۇنى سېستىما چۈشۈرۈش سۆزلەنگەن يازمىغا ئوخشاش hosts دىكى ئالما مۇلازىمېتىر ئادرېسىنى Cydia نىڭكىگە ئۆزگەرتىۋېلىپ ھەل قىلدىم.

ھەر ئىككى مەسىلە ھەل بولدى. ئەمدى زاپاسلاپ بولغاندىن كىيىن يېڭىلاشنى باشلىساق بولىدۇ. يېڭىلاش ئۈچۈن iTunes تىن 恢复 دېگەن جاينى Shift بىلەن بېسىپ، 4.3.3 نىڭ بولىقىنى كۆرسىتىپ بەردىم. چوقۇم Shift بىلەن بېسىش كېرەك. بولمىغاندا ئالما مۇلازىمېتىرىدىن ئەڭ يېڭى نەشىرىنىلا چۈشۈرۈپ شۇنى قاچىلىۋېتىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

مۇھىم نوقتا

يېڭىلاپ بىر يەرگە كەلگەندە 1013 خاتالىقى چىقتى. بۇ خاتالىق چىققاندا ئايفوندا USB سىمىنىڭ iTunes قا ئۇلىغان بىر رەسىمى تۇرغان ھالەتتە قانداق قىلساق چېكىنمەي تۇرىۋالىدۇ. بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئامالىنى ئېيتىپ ئۆتەي:

بۇ چاغدا بۇ خاتالىق ئۇچۇرىنى ئۆچۈرىۋەتمەي تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلدىم. كۆپ قىسىم ئايفونداشلار مۇشۇنى ھەل قىلالماي كۆپ سۇئال سوراپ كەتتى.  ئاۋال بۇ ئادرىستىن Fixrecovery43 نى چۈشۈردۈم. ئىچىدىكى 1 تال DLL ھۆججىتىنى C:\Windows\System32 نىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. كۆچۈرۈپ بولۇپ، iTunes قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى iTunes Helper.exe نى تېپىپ ئىجرا قىلدىم. بۇنى ئىجرا قىلغاندا ئايرىم كۆزنەك ئېچىلمايدۇ. ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولغىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنى قوزغىتىپ بولۇپ FixRecovery43 نى ئاچتىم. بۇ چاغدا iTunes ئاپتۇماتىك تاقىلىپ كېتىدۇ. ئاندىن DOS كۆزنىكىدە 2 قۇر خەت چىقىىپ تۇرىدۇ. ئاندىن مەن ئايفوننىڭ قايتىش كونۇپكىسى بىلەن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇردۇم. ئايفون ئۆچكەندىن كىيىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى دەرھال قويۇۋەتتىم. قايتىش كونۇپكىسىنى داۋاملىق بېسىپ تۇردۇم. ئاندىن كومپىيۇتېر قاتتىق دېتال تاپقاندەك ئىنكاس قايتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بايىقى DOS ھالىتىدىكى كۆزنەك (يەنى ئىجرا بولىۋاتقان FixRecovery ) خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. بىردەم ساقلىغاندىن كىيىن مەشغۇلات ئايفوندا داۋاملىشىدىكەن. خۇددى redsn0w ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرغاندەكلا. تەخمىنەن 4~5 مىنۇتتىن كىيىن ئايفون ساق-سالامەت نورمال قوزغالدى. :cute:

يېڭى سېستىما قاچىلاپ تۇنجى قوزغالغاندا ئايفوننى ئاكتىپلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاكتىپلاشتىن بۇرۇن پەقەت جىددى تېلىفۇن Emergency 紧急电话 غىلا تېلىفۇن قىلغىلى بولىدۇ. ئاكتىپلاشنى ئىچىگە كارتا سېلىپ تۇرۇپ iTunes قا چېتىپ ئاكتىپلايمىز.

ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفونداشلار دىققەت قىلىشى كېرەككى: ئاكتىپلىغاندا چوقۇم AT&T نىڭ كارتىسىنى سېلىپ تۇرۇپ ئاكتىپلاش كېرەك. ناھايىتى كۆپ قىسىم تورداشلار ئۆزىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان كارتىسى بىلەنلا ئاكتىپلاپ ئاقىۋەت FaceTime ئىشلىمەيدىغان، PUSH يەنى 推送 ئىقتىدارى نورمال ئىشلىمەيدىغان چاتاقلارغا يولۇققان. بۇ بىردەك يۈز بەرگەن مەسىلە. شۇڭا چوقۇم ئايفوننى ئالغاندا بەرگەن AT&T  نىڭ كارتىسىنى سېلىپ ئاندىن ئاكتىپلاش كېرەك.

مېنىڭ ئۇ كارتام يۈتۈپ كەتكەن ئىكەن، توردا قارىسام 12 يۈەنگە ساتىدىكەن. كىراسى بىلەن 20 يۈەن ئەتراپىدا قولۇمغا تەگكۈدەك. شۇڭا سىرتقا چىقىپ تېلىفۇن بازىرىدىكى بىرىگە 10 يۈەنگە 1 قېتىم سېلىۋېلىپ ئاكتىپلىۋالدىم. ئاكتىپلاپ بولۇپ ئۆزۈمنىڭ كارتىسىنى سېلىپ قوزغىتىۋېدىم، سېگنالى چىقمىغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا تېلىفونۇم نورمال قوزغالدى.

ئەلۋەتتە 1-بولۇپ قارايدىغىنىم مودىم نەشىرى. ئەگەر كۈنلۈك نورمال كۈچىنى كۆرسەتمەي مودىم نەشىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتسە چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ. چاپلاق بىلەن ئىشلەتمەي ئامال يوق. دەرھال قارىدىم. خۇداغا شۈكۈر، نەشىرى 4.3.3، مودىم نەشىرى يەنىلا 01.59.00  . نەشىرلەر ئارا نەچچە قېتىملاپ يېڭىلاپ كەپتىمەن. لېكىن بۇ سان ئېسىمدىن پەقەتلا چىكەتمەيدۇ. چۈنكى كارتا تونۇش تونىماسلىقى مۇشۇ سانغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. قۇلۇپى يوقلار قاراپ بېقىڭلار، 4.3 تىن يېڭى نەشىردىكى مودىم نەشىرىڭلار قانچە ئىكەن؟ شۇ چاغدا 01.59.00 دېگەن بۇ نەشىرنىڭ قانداق ساقلاپ كېلىنگەنلىكىنى، تولىمۇ كلاسسىك ئىكەنلىكىنى بىلىسلەر.

تۈرمىدىن قاچۇرۇش

شۇنىڭ بىلەن 2-قىلىدىغان ئىشىم تۈرمىدىن قاچۇرۇش بولدى. يانچۇغۇمدىن Android تېلىفۇننى ئېلىپ 3G تورىنى WiFi ئارقىلىق ھەمبەھرلەندىم. ئايفونىمدا شۇنىڭ تورى بىلەن http://jailbreakme.com نى ئاچتىم. Cydia نى ناھايىتى ئاسانلا چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم. مۇشۇنداق ئاسانلا تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۆزۈمنىڭ تېلىفونىدا 2-قېتىم ئىدى. ئىلگىرى يەنە مۇشۇ تور بەتتە Slide to Jailbreak (يانغا سۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ) دېگەن بىر ئۇسۇل چىققان. خۇددى ئايفوننىڭ قۇلۇپ ئېكرانىنى ئاچقاندەكلا. يانغا سۈرۈپ بىر ئازدىن كىيىن ئېكرانغا Cydia قاچىلىنىپ چىقاتتى.  شۇنداق قىلىپ بۇنى قاچىلاپ بولۇپ، مەنبەگە 威锋网 نىڭ مەنبەسى http://apt.weiphone.com نى قوشتۇم. ئەلۋەتتە ئەڭ دەسلەپ قاچىلايدىنىم قۇلۇپ يېشىدىغان ھەقسىز گۆھەر ultrasn0w بولىدۇدە. قاچىلاپ قايتا قوزغىتىم تولىمۇ ھاياجانلاندىم. چۈنكى سېگنال توپتۇلۇق چىقىپ 中国移动 دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

شۇنداق قىلىپ يېڭى سېستىمىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلاپ قۇلۇپنى ئوڭۇشلۇق ئېچىپ ساق-سالامەت ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدىم. ئۆيگە كېلىپ iTunes تىن بايا زاپاسلىۋالغان بويىچە قايتۇردۇم. ئايفونىم خۇددى بۈگۈن چۈشتىكىدەكلا پەچەت ئوڭشىلىپ بولدى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ھېلىھەم ساق ئىشلىتىپ يۈرۈپتىمەن. قۇلۇپى بار ئايفونداشلار مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە 4.3.3 نى قاچىلاپ كۆرسەڭلار بولىدۇ. 1013 خاتالىقىنى مۇشۇ يازمىدىكى ئۇسۇل بويىچە قايتا-قايتا سىناپ كۆرۈڭلار. چوقۇم غەلبە قىلىسىلەر، ئىنشا ئاللاھ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



16 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئالامەت تىما بوپتۇبۇ. بۇ ئۇسۇلنى بىلسەممۇ يەنىلا رەھمەت ئىيىتماي تۇرالمايمەن.

  2. 4.3.3 ئىشلىتىۋاتقانلار لەرزان قەدەم بىلەن ئۆتۈپ كەتتى

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مېنىڭ ئايفۇنۇم ئامرىكا نۇسخىدىكى قۇلۇپى بار ئايفۇن، نەشىرى 4.3.2 . 4.3.2 نەشىر بىلەن 4.3.3 نەشىردە قاندق پەرق باردۇ؟ چوڭ پەرق بولمىسا ئىشلىتىۋەرگەن تۈزۈكمۇ؟

  4. بولىدۇ. رەھمەت

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن قايسى كۈنى تاۋباۋ دىن ئايفون 4 شياڭگاڭ نۇسخسىدىن بىرنى ئالغان، 4.3.5 نەشرىدە كەپتۇ. بۇ نەشىرنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى تېخى چىقمىغاچ 4.3.3 گە چۈشۈش توغرىسىدا توردىن ئىزدەپ كۆرسەم ( پاسىباندىمۇ بار بۇ توغرىسىدا ) بولىدىكەن، لېكىن SHSH چوقۇم زاپاسلانغان بولىشى كىرەك دەپتۇ… بۇ ئەسلىدىلا 4.3.5 ھالىتىدە كەلگەن بولغان SHSH ئەلۋەتتە زاپاسلانمىغاندە….؟ شۇڭا بۇ توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ چىقتىم، لېكىن بولمايۋاتىدۇ… بۇ خىل SHSH زاپاسلانمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ 4.3.3 گە چۈشۈش ئىمكانىيىتى بارمىدۇ ھە…؟ مەن ئەزەلدىن ئايفون ئىشلەتسەم تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتمەيتتىم… ئەمدى چاتاق چىقتى مانا…

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. SHSH نى زاپاسلىمىساق چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. سىز بۇ يازمىدىكى ئۇسۇل بويىچە TinyUmbrella ئارقىلىق Save My SHSH نى بېسىپ سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر ساقلانغانلار قاتارىدا 4.3.3 كۆرۈلسە ئۇنداقتا سىزنى تەبرىكلەيمەن. ئەگەر كېچىكىپ قاپسىز دېگەندەك ئۇچۇرلار چىقسا، 4.3.5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىققۇچە ساقلاپ تۇرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.
      ھازىرقى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە قاچۇرۇپ يۈرمەڭ. سېستىمىنى بۇزۇپ ئولتۇرىسىز.

  6. كۈنلۈكتىن ئىزدىسەم مىنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئىشلەتكەن تېلفۇنۇم ئايفون 3- ئەۋلادنىڭ 4.3.3 زاپاس ھۆججىتىنىغۇ تاپتى بولمىسا… 4 كە بولمامدۇ نىمە سىز كۆرسەتكەن ئۇسۇللار بىلەن ئون نەچچە قېتىم سىنىدىم، قىلمىغىنىم قالمىدى پەقەت چۈشۈرەلمىدىم 4.3.3 گە…. شۇنىڭ بىلەن 4.3.5 نى نا مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىپىمە مانا… سىز ئۇنداق قىلماڭ دەپتىكەنسىز ئاستا سېستىمىنى قايتا قاچىلىۋەتسەم بولامدۇ نىمە…؟ يەنەبىر گەپ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قۇشاي دىسەم ۋىنتېر بوورد نىڭ ئچىگە ئۇيغۇر دىگەن تىزىملىك قۇشۇلمايۋاتىدۇ… بۇرۇنقى 3-ئەۋلادقا شۇنداق نورمال قوشىۋالغانتىم، شۇ بويىچە قىلسام بولمىدى…3- ئەۋلاد 4.3.3 ئىدى.. ماۋۇ 4-ئەۋلاد 4.3.5 بولغاچ شۇڭا بولمامدىغاندۇ يا…؟ مىنىڭ ھىس قىلىشىمچىغۇ 4.3.3 بىلەن 4.3.5 ئوخشاشلا بىلىندى ماڭا…. 

    • شۇنداق. 4.3.3 تە بايقالغان سافارىدىكى يوچۇقنى ئېتىۋەتكەن. ئاساسەن مۇشۇ ئۆزگىرىش بار. يەنى كونىسىنى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدۇ، 4.3.5 نى قاچۇرغىلى بولمايدۇ.
      ئۇنىڭدا بىرەر نەرسىنى قىلغىلى بولماسلىقى، نورمال بولماسلىقى تەبىئىي ئەھۋال. ئۇنداق بولمىغاندا نېمىشقا نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەپ ئاتايمىز؟
      بۇ يازمىنى مەن ئۆزۈمنىڭ قۇلۇپى بار ئايفوننى يېشىش جەريانىدىكى تەجرىبەمگە ئاساسەن يازغان ئىدىم. ئالدىنقى نەشىر چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى يازما بويىچە بىرلەشتۈرۈپ قىلسىڭىز، ئىنشا ئاللاھ چوقۇم بولىدۇ.

  7. ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ مانا بۈگۈن بىر دوستۇمنىڭ 1013 خاتالىقىنى ‹‹ مۇشۇ تېما بۇيچە ›› ھەل قىلۋەتتىم ، 2 كۈن بوپتىكەن جىدەللىشىپ قىلالمىغىلى ……
    مانا ھازىر بۇ ئايفۇن ئىشلىتىۋاتقىنىمغا 3 ئاي بوپتۇ ، ئاساسەن مۇشۇ توربەتتىن پايدىلىنىپ كەلدىم دىسەممۇ بۇلىدۇ ، تۇلا بۇزۇپ تۇلا ئوڭشاپ دىگەندەك . بۇرۇن ئىزچىل nokia لا تۇتاتتىم ، ئەمدى ئىزچىل ئايفۇن تۇتۇش قارارىغا كەلدىم :razz: شۇڭا پاسىبان ئەپەندىمگە ھازىرچە قۇرۇق رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن ، رەھمەت سىزگە ! جاپا چىكىۋاتىسىز .
    ۋاقتىڭىز چىقسا ئاقسۇغا كىلىڭ ! :) ……………
    لېكىن بۇ ئاغىنەم ماڭا بىر جوزا ( مېھمان قىلىشتىن ئوينىغان ئىدۇق :lol: ) ئۇتتۇرۋەتتىدە . :razz: ئاقسۇدا بولغان بولسڭىز بىللە باراتتۇق ، :o))): ھە ، ئەمسە مەن چىقاي ، نىسى قالمىسۇن ………. :o))): ئامان بۇلۇڭلار

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇئۇسۇل 3gs تىمۇ بولامدۇ

  9. ئەسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان قۇلىپى بار3gs نەشرى 4.1 جىدەيسى 05.14.02 ئىكەن مەن بۇنى بىلمەيلا سېستىمىنى قايتا قاچىلاپتىمەن تۇرمىدىن قاچۇرۇپ ultrasn0w قاچىلىسام سىگنال يوق توردىن ئىزدىسەم 4.1 نەشىر گە ultrasn0w نىڭ ماس نەشىرى يوقكەن يەنەشۇ بەيدۇكامدىن ئىزدەپ يۇرۇپ 05.14.02 جىدەينى 06.15.00 غا كۆتەردىم ultrasn0w نەڭ ماس نەشىرى قاچىلىسام سىگنال چىقتى
    جىقگەپ قىلىپ قويدۇممۇ ھە
    ئەمدى مەقسەت كەلسەم مەنمۇ 4.3.3گە كۆتۈرسەم بۇلامدۇ

  10. يەنە بىر گە چۇشۇپ قاپتۇ مەن 4.1 تۈرمىدىن قاچۇرغان بولساممۇ itools米越狱 دەپ چىكىۋالدى

  11. ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان مىنىڭ تىلفۇنۇم3gs. ئامىركا نۇسخسى سېستىما نەشرى 4.1 ئىكەن جىدەيسى06.15.00 مەنمۇ نەشىرنى 4.3.3گە كۆتەرسەم بۇلامدۇ

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىزنىڭ 3GS بولسا قورقماي يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ. ئۇسۇلى مېنىڭ يازمىدا يازغان ئۇسۇلىم بىلەن ئوخشاش بولىشى، چوقۇم 4.3.3 نىڭ SHSH نى زاپاسلىۋالغان بولىشىڭىز شەرت.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش