بۈگۈنكى تەۋسىيە قىلىنغان نادىر ئويۇنىنىڭ ھەر ئىككىسى 3D لىك . مۇنۇسى تېخى تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدىغان 3D لىك بىليارت ئويۇنى. كۆرۈنۈشى رېتىنا ئېكران تەلىپى بويىچە ياسالمىغان بولسىمۇ خېلى بوپقويىدىكەن. 1 ئايفوندا 2 كىشى ئوينىغىلىمۇ بولىدۇ.
ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك 3D ئۈنىمى، توپنىڭ ئۇرۇلىشىنىڭ تەبىئىيلىكى، سوقۇلۇش ۋە رېفلېكىسنىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيەتكە چۈشىشى، مۇزىكىسىنىڭ جايىدا يانداشما بولىشى ۋە باشقىلار.
سنوك، 8 توپ، 9 توپ ھەممىنى ئوينىغىلى بولىدۇ. تورلاشتۇرۇپ دۇنيادىكى بىليارت ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئويناشقا بولىدۇ. تورغا كىرگۈچە بىر تەرەپتىن ساقلىغاچ بىرتەرەپتىن مەشىق قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
قاملاشقان يېرى، سۈرەتكە ئېلىۋېلىك كىيىن قايتۇرۇپ كۆرگىلى بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار چۈشۈرۈپ ئۆزىڭىز ھېس قىلىشىڭىزغا ھاۋالە.
ئويۇن ئىسمى : 3D Pool Master Pro
ياسىغان شىركەت : Avdpro Pang
ئويۇن تۈرى : توپ
قوللايدىغان سۇپا : ئاشۇلارنىڭ مۇلازىمىتىرى
چوڭلۇقى :15.9 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































يەنە كەلدى…تەقلىدىي ئايفون بولسا ھە؟كومپىيۇتېرىمىزدىلا سىناپ كۆرسەك…
مەنمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مۇشۇنى ئويلاپ يۈرگەن ئېدىم. ئەگەر ئۇ نەرسە چىقىپ قالسا ئايفوننىڭ بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ياسىمىسا كېرەك