ئايفون 5 توغرىسىدا قىياسلار ناھايىتى كۆپ. ھازىرغا قەدەر ئېنىق بولغىنى بۇيىل يىلدىكىدەك 7-ئايدا ئېلان قىلىنمايدىغانلىقى. بۇنىڭ سەۋەبى ھەرخىل. SONY شىركىتىنىڭ يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن 8 مېگاپېكسىللىق كامېراسىنى ۋاقتىدا تەمىنلىيەلمىگەنلىكى، ئاق رەڭلىك ئايفون 4 نىڭ كېچىكىپ ئېلان قىلىنىشى دېگەندەك كۆپ قىسىم سەۋەبلەپ بار بولىشى مۇمكىن. مۇشۇ قىياسلارغا ئوخشاش iOS 5 توغرىسىدىمۇ ھەر خىل قىياسلار مەۋجۇد ئىكەن.

يېقىندا چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە Apple شىركىتى Nuance شىركىتى بىلەن قويۇق سۆھبەتتە بولىۋېتىپتۇدەك. بۇ بەلكى ئالما شىركىتىنىڭ بۇ شىركەتنى سېتىۋېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىشى مۇمكىن ئىكەن. ھېچ بولمىغاندا تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن. چۈنكى ئۆتكەن يىل 10-ئايدا ئالما شىركىتىنىڭ باياناتچى ئەمەلدارى ئالمىنىڭ Nuance شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ قالغان. كىيىن بۇ باياناتچى ئەمەلدار بۇنداق ئىشنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئېغىز خاتالىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرىۋالغان. ئەمدىلىكتە بولسا ئالما شىركىتى Nuance شىركىتى بىلەن قويۇق سۆھبەتتە بولىۋېتىپتۇ. بەلكى بۇ سېتىۋېلىش، ھېچ بولمىغاندا بۇ شىركەت بىلەن تېخنىكىلىق ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا ئىدى.

Nuance شىركىتى ئاۋاز بىلەن كونترول قىلىش، ئاۋاز پەرق قىلىش جەھەتتە تېخنىكىسى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك كارخانا بولۇپ، ئالما بۇ شىركەتنى سېتىۋالسا ئالما شىركىتىنىڭ، تىپىك بولغان iOS نىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن ئىدى. ئالما شىركىتى ئۆتكەن يىل سېتىۋالغان Siri دەپ ئاتىلىدىغان يانفون ئاۋازلىق ئىزدەش تېخنىكىسىغا ئېگە كىچىك كارخانا بار بولۇپ، چاتاق يېرى بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى Nuance شىركىتىنىڭ تېخنىكىسىغا تايىنىپ ئىجرا بولىدۇ. گەرچە ئالما شىركىتى بۇ شىركەتنىڭ سېتىۋالغان بولسىمۇ Nuance نىڭ تېخنىكىسى بولمىسا Siri شىركىتىنىڭ بۇ تېخنىكىسىنى يەنىلا مۇۋاپپىقىيەتلىك يۈرگۈزەلمەيدۇ. ھازىر Google دىن قالسا Nuance شىركىتىنىڭ بۇ جەھەتتە تېخنىكىسى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە iOS 5 تە بۇ خىل تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن ئىكەن. ئەگەر ئالما ھەقىقەتەن iOS 5 كە بۇ تېخنىكىنى قوللىنىدىغان بولسا Nuance شىركىتىدىن باشقا تاللىشى يوقتەك قىلىدۇ.

Techcrunch تورىدىكى MG Siegler نىڭ ئۆزى خەۋەردار بولغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشىچە:

  • بۇ يىل كۈزدە ئالما شىركىتى iOS 5 مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ قېتىم يېڭىلىنىش بىر قەدەر چوڭ.
  • ئالما شىركىتى WWDC يىغىنىدا iOS 5 نى سىناپ كۆرگەزمە قىلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ چاغدا ئېلان قىلمايدۇ.
  • يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىدا بۇلۇت ھېساپلاش تېخنىكىىسى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى – بۇلۇت مۇزىكا ساقلىغۇچىسى.
  • WWDC يىغىنى بۇ يىل 6-ئايدا ئېچىلىشى مۇمكىن. بۇلۇت تېخنىكىسىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار شۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

يۇقىرىدىكىسى توردا تارقىلىپ يۈرگەن رەسىم بولۇپ، تورداشلارنىڭ iOS 5 تىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئىكەن. رەىسىمگە قاراپ باقساق ئىشلەتكۈچىلەر iOS 5 تە Game Center نىڭ تېخىمۇ قولاي ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق بولىشىنى، تورلاشتۇرۇپ بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسى قوللىنىلىشىنى، ماسقەدەملىشىشنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىنى، Flash قوللاش ئىقتىدارى بولىشىنى، ۋىجىت (يان ئىستون قوراللىرى) قۇلۇپلاش ئىقتىدارىنىڭ قوشۇلىشىنى، FM رادىئو قوبۇل قىلىش ۋەياكى تارقىتىش ئىقتىدارىنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ۋال سترېت كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئالما شىركىتىنىڭ MobileMe نىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەلشتۈرۈپ مۇزىكا، فىلىم، رەسىم قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ساقلايدىغان «ئىشكاپ» قىلىش ئويى بار ئىكەن. بۇ بەلكى بۇلۇت تېخنىكىسى (ئەسلى تېمىنى بۇ جايدىن كۆرۈڭ) ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. MobileMe نىڭ ھازىرقى يىللىق ئىشلىتىش ھەققى 99 دوللار بولۇپ، يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئالما شىركىتىنىڭ بۇ مۇلازىمەتنى ھەقسىز تەمىنلەش ئويى بارلىقى قەيت قىلىنغان.

نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئالما شىركىتى ئايفوننىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈپ كونۇپكا تاختىنىڭ ھاجىتىسىز ئاۋاز ئارقىلىقلا كونترول قىلىدىغان ھالەتكە ئەكىلىش پلانى بار ئىكەن.

ئەگەر بۇلۇت تېخنىكىسى ۋە ئاۋازلىق كونترول قىلىش تېخنىكىسى iOS تە راستىنلا قوللىنىلسا ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل ئىش بولىدۇ. ئەگەر نەچچە ئايدىن كىيىنلا بىز بۇلۇت تېخنىكىسى قوللىنىلغان يانفونغا ئېرىشەلىسەك ئالما شىركىتى بۇلۇت تېىخنىكىسىنى ئەڭ ئاۋال يان تېلفۇندا ئوموملاشتۇرغان شىركەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



3 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئاۋاز ئارقىلىق كونتىرول قىلىنسا ئىش ئوخشايدۇ-دە !

    1-ئېنگىلىز تىلى بىلمىسە ئىشلىتەلمەيدۇ .
    2-ئاۋازى پۈتۈپ قالسا ئىشلىتەلمەسلىكى مۇمكىن .
    3-گەپ قىلالمايدىغان مىيىپ ئادەملەر بولسا ئايفۇندىن ئۈمۈدىنى ئۈزسە بولىدۇ .

    ئىشقىلىپ كونۇپكىمۇ ئىشلەيدىغان ئاۋازلىقمۇ ئىشلەيدىغان بولسا بولامىكىن مېنىڭچە ، بولمىسا بەكلا قۇلايسىز بوپ قالىدۇ :roll:

    • مۇتلەق مۇشۇنداق بولىدۇ. ئاۋازلىق كونترول قىلىنىدىغان قىلىش پەقەت بىر ئارتۇقچىلىق. قوشۇمچە ئىقتىدارى. بىردىنبىر كونترول قىلىش ئۇسۇلى ئەمەس

  2. تۆتىنچى ئەۋلاد ئايفۇننىڭ ئاۋازبىلەن كونترول قىلىش ئىقتىدارى پەقەت مۇزىكا قوغۇچقا ئالاقىدارلا بۇيرۇقلارنى تونۇمدۇ ياكى باشقا بۇيرۇقلرنىمۇ ئاڭلامدۇ؟

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش