iPTT ناملىق بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز دۇنيادىكى ھەرقانداق جايدىكى ئادەم بىلەن تورلا بولسا پاراڭلىشالايسىز. بۇ خۇددى رادىئوغا ئوخشاشلا دولقۇننى تەڭشەپ قوبۇل قىلىپ ئاڭلىغاندەكلا بىر ئىش. لېكىن بۇ رادىئونىڭ تارقاتقۇچىسى خالىغان بىر كىشى بولالايدۇ. سىزمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن تور بولىشى كېرەك. ئەگەر ئايلىقى كۆتۈرىگە ئېلىۋېلىنغان 3G ئابونتى بولسىڭىز، سىرتقا چىققاندا دوسلىرىڭىز بىلەن ھەقسىز پاراڭلىشىدىغان ئىنتايىن قولاي بىر نەرسە بولىدۇ.
بۇ ئەپنىڭ ئىش پرىنسىپى پاراڭلىشىش قوراللىرىدەكلا بەلگىلەنگەن ئۆيگە كىرگەن ھەممە كىشى شۇ مۇلازىمىتىرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق سۆز قىلغۇچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ. ھەممە كىشىلەرنىڭ ئادىل ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەر بىر كىشىنىڭ بىر قېتىمدا سۆزلەش ۋاقىت چېكى بولىدۇ.
بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ناھايىتى قولاي. سىز تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن دوستىڭىز بىلەن دېيىشىۋالغان بىرەر دولقۇننى ئاسىتىدىكى بۇراش كونۇپكىسى بىلەن بۇراپ توغرىلايسىز. ئاندىن ئوتتۇرىدىكى يۇمىلاق كونۇپكىنى بېسىپ سۆز قىلىپ، سۆزىڭىز ئاخىرلاشقاندا قويىۋەتسىڭىزلا بولدى. سۆزلەۋاتقانلارنىڭ ئىسمى ئېكراندا كۆرىنىدۇ. ئېكراندىكى ھالەت ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىپ قالغان ئىقتىدارلىرىنى ئاستا-ئاستا تەتقىق قىلىپ بېقىڭ.
قېنى، سىزمۇ ئايفون ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز بىزمۇ بىر پاراڭلىشىپ باقمايمىزمۇ؟
ئەپ ئىسمى : iPTT
ياسىغان شىركەت : Circle Apps LLC
قوللايدىغان سۇپا : ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرى
تۈرى : پاراڭلىشىش
چوڭلۇقى : 6.5 MB
ئەسكەرتىش: بۇ پروگراممىنىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































يەنە بىر ياخشى يېرى، سىز PUBLIC Mode ئارقىلىق چوڭ زالدا ھەممەيلەن بىلەن پاراڭلىشالايسىز ياكى ئاڭلىيالايسىز. WHISPER Mode ئارقىلىق ئايرىم خانىگە كىرىپ 1 ئادەم بىلەن پاراڭلىشالايسىز. بۇنى يۇمىلاق يەرنىڭ ئاستىدىكى Switch to WHISPER Mode ياكى Switch to PUBLIC Mod دېگەن جاينى بېسىش ئارقىلىق ئۆزگەرتەلەيسىز.
ئىشلەتكۈچىلەر دولقۇننى 18.0 گە توغىرلاڭلار. ھەممىسىز مۇشۇ دولقۇنغا كىرەيلى. شۇنداق بولغاندا ئادەپ كۆپرەك بولىدۇ.
بۇ دولقۇندا ئادەم خېلى كۆپقۇ سوۆلىشىۋاتقانلار.تىڭشاپ ئولتۇرۋاتىمەن.
خەنلەر ئاۋازلىق چايخانا قىلىۋاپتۇ،17.0 دولقۇندا.
ھە ، 17.0 جۇڭگو مەخسۇس قانىلىكەن. بىز 18.0 گە كىرىۋاتىمىز. ھەممەيلەن مۇشۇ جايدا پاراڭلىشايلى.
ئەمسە مەنمۇ كىردىم….