بۈگۈنكى ماۋۇمۇ يەنىلا ئەقىل سىناش ئويۇنلىرىغا تەۋە ئويۇن.  كۆرىنىشىنىڭ سۈزۈكلىكىدە گەپ يوق . لېكىن قىيىنلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى. ئايفون 4 نىڭ سۈزۈك ئېكرانىغا ماسلىشىدىغان سۈزۈك كۆرىنىشكە ئېگە ئەقىل سىناش ئويۇنى. ئەگەر ھەر بىر ئۆتكەلدىن ئالماس ئېلىپ ئۆتەلىسىڭىز سىزدە ئادەتتىكى كىشىلەردە يوق بولغان ئالاھىدە تەرەققى قىلغان چوڭ مىڭە بارلىقىنى ئىسپاتلىغان بولىسىز.

بۇ ئويۇن ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى، ئىنكاسىنى ۋە قولىنىڭ ئىتتىك ئاستىلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك سىناقلاردا سىنايدىغان بولۇپ، ھەممە جەھەتتىن تەڭ ماسلىشىپ ماڭسىڭىز ئاندىن ئالماس ئالالايسىز.

ئىككى خىل ئويۇن ھالىتى، 45 ئۆتكەل سىزنىڭ ئېچىشىڭىزغا سۇنۇلغان. كۆرىنىشىنىڭ سۈزۈكلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، لېكىن چۈشەندۈرۈشى ئېنگلىزچە. تىلدىن قىينالمىسىڭىز بەلكى تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە يېتەلىشىڭىز مۇمكىن. قېنى، تەسىراتىڭىزنى ئورتاقلىشاسىز.

ئويۇن ئىسمى : 31 Touches Pro

ياسىغان شىركەت : Soon Gweon

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش

چوڭلۇقى: 21.6 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



4 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئالمىنىڭ تەيۋەندە ئىشلەنگەن 4 – ئەۋلات نۇسقىسىغا قاچىلاپ ئوينىغىلى بولامدۇ .

    • تەيۋەندە ئىشلىگەن ئالمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. كۇلۇبىمىزدا ئېلان قىلىنغان مەنبەدىكى ھەرقانداق ئويۇن ياكى پروگراممىلار بىۋاستە ئالما تور بېكىتىدىن چۈشىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي ئايفونلا بولىدىكەن، ھەرقانداق يەردە ئىشلەنگىنى بولسا چۈشىۋېرىدۇ. بۇنىڭغا ئىشەنچ قىلسىڭىز خاتىرجەم قاچىلاۋېرىڭ.

  2. تەيۋەندە ئالما ئىشلەپ چىقىرىلمايدۇ.سىز دىگەن ئۇ تاغتۇرا1:1بويىچەئوخشۇتۇپ ياسالغىنى بۇ ئويۇنلارنى قاچىلىيالمايسىز

  3. ئۇ تاغ تۇرادۇ؟!

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش