ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى ھېساپلىغۇچتا كومپىيۇتېردىكى Backspace كە ئوخشاش 1 تال 1 تالدىن ئۆچۈرىدىغان كونۇپكا يوق، پەقەت C ياكى AC لا بار. لېكىن بۇنى باسساق ساننىڭ ھەممىسى ئۆچۈپ كېتىدۇ. سىز بىر تال بىر تالدىن ئۆچۈرەلمىگېنىڭىزدىن ئەپسۇسلانغانمىدىڭىز؟ بۇنىڭ ئامالى بار ئىدى. لېكىن سىز بۇنى ماڭا ئوخشاشلا بايقىيالماي قاپسىز خالاس.
كاساپەتلەر سېستىمىنىڭ ئىچ-ئىچلىرىگە نۇرغۇن زامانلاردىن بۇيان ئالما ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىزلەر بىلمەيدىغان كۆپ نەرسىلەرنى يوشۇرۇۋەتكەن ئىكەن. بىز چۈشەندۈرۈش كىتىپىنى تەپسىلىي كۆرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئاددى ئۇسۇللاردىن مەھرۇم قالغان ئىكەنمىز. بۈگۈنكى ماۋۇمۇ شۇنىڭغا بىر مىسال.
ئەمەلىيەتتە بىر خانە ئۆچۈرۈش ناھايىتىمۇ ئاددىي ئىكەن. سىز سان كۆرىنىدىغان ئېكرانغا تۇتۇپ ئوڭغا ياكى سولغا سۈرۈڭ. كۆردىڭىزما؟ پەقەت مۇشۇنچىلىك
بۇ ئۇسۇل پەقەت ھېساپلىغۇچتا ئەمەس، باشقا جايلاردىمۇ ئىشلەيدۇ. بۇنى ئۆزىڭىز ئاستا ئاستا سىناپ بىلىۋالالايسىز. مەسىلەن : ئايپود ئىچىدىكى سۈرەتلىك فىلىم ھۆججىتىنىڭ نامى بار جايدا بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ. نېمە پەيدا بولدى؟









































ئوغلۇم تېلفوننى ئويناپ ئولتۇراتتى (ئۆيگە قايتسام تېلفون ئۇنىڭدىن ئاشمايدۇ ماڭا )،ئىچىدىكى نەرسىلەرنى 工具 نىڭ ئىچىدىكىدەك بىر سومكا ئېچىپ سولاپ قويۇپتۇ.شۇنداق قىلىپ پىراگگىراممىلارنى بىر يەرگە يىغىشنى شۇنىڭدىن ئۈگۈنىۋالدىم.