ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىزنىڭ دىيارىمىزغا كېچىكىپرەك كېلىشى بىلەن ئوموملىشىشمۇ سەل كىيىنرەك بولىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا يەنە ئىقتىسادى ئامىللارمۇ بار.  بىر قىسىم ئالمىداشلارنىڭ iTunes ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئويۇن، پروگراممىلارنى ئايفون ياكى ئايپەدلىرىگە قاچىلىيالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن بىرەر نەرسە بولمىغاچ ئازراق قىيىنچىلىققا يولۇقۇپتۇ. بۈگۈن بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بىر-بىرلەپ رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال iTunes قا ئويۇن ياكى پروگرامما چۈشۈرىمىز. كۇلۇبىمىزدا  نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يوللىغان ۋاقىتلىق ھەقسىز ئويۇنلارنى چۈشۈرىۋالغان بولسىڭىز ئۇلارنى ئەمدى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر iTunes نى تېخى ئەمدى قاچىلىغان بولسىڭىز، ئەنسىرىمەڭ. ئاللاھ خالىسا بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك ھەقسىز ئويۇن ياكى ياخشى  پروگراممىلارنىڭ مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىمىز.

iTunes نى ئاچقاندىن كىيىن چۈشۈرۈلگەن ئويۇنلار بۇ جايدىن كۆرىنىدۇ.

ئاۋال ئايفون ياكى ئايپەدنى كومپىيۇتېرغا ئۇلاڭ. ئۇلانغاندىن كىيىن سول تەرەپتىكى 设备 دېگەن جايدا سىزنىڭ «ئالما مەھسۇلاتىڭىز» كۆرىنىدۇ. ئۇنىڭ ئادەتتە ئىسمى «پالانچىنىڭ ئايفونى» ياكى «پوكونچىنىڭ ئايپەدى» دەپ بولىدۇ.  شۇ جاينى بېسىڭ. ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن 应用程序 دېگەن جاينى بېسىڭ.

چىققان كۆزنەكتىن 同步应用程序 دېگەننىڭ ئالدىغان توغرا بەلگىسى قويۇپ بولۇپ ئاستىدىكى ئويۇنلار تىزىملىكىدىن سىز قاچىلىماقچى بولغان ئويۇننى تاللاڭ. (دىققەت: سىز بۇنداق قىلسىڭىز بۇرۇن ئايفوندا قاچىلانغان، لېكىن  بۇ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئويۇن ئامبىرىدا يوق بولغان ئويۇنلار ئۆچۈپ كېتىدۇ)

تاللاپ بولۇپ ئاسىتىدىكى 应用 نى بېسىڭ. ئاندىن ئۇ خەت 同步 غا ئۆزگىرەيدۇ. 同步 نىمۇ بېسىڭ.

同步 – «ماسقەدەملەش» دېگەن مەنىدە. سىز تاللىغان ئويۇنلارنى ئايفونىڭىزغا iTunes تىكىدەك ماسلاشتۇرىدۇ دېگەن گەپ. شۇنىڭ بىلەن iTunes ئىشقا چۈشۈپ ئايفونىڭىزغا ئويۇن قاچىلاشقا باشلايدۇ. (ئەلۋەتتە، ھەر قېتىم ماسقەدەملىگەندە ئايفوننى زاپاسلاپ ماڭىدۇ.)

ھەممە مەشغۇلات تۈگەشتىن بۇرۇن ئايفونغا چېقىلماڭ. بولمىسا ئوتتۇرىدىلا توختاپ قېلىشى مۇمكىن. ماسقەدەملەش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ھالەت بۇنىڭغا ئۆزگىرەيدۇ.

تامام. ئەمدى ئايفوننى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ. iTunes تىكى ئويۇنلار قاچىلىنىپتىما؟ ئوڭۇشلۇق قاچىلىغان بولسىڭىز مۇبارەك بولسۇن. ئەگەر يەنە يولۇققان مەسىلىلەر بولسا ئوتتۇرىغا قويۇڭ. تەڭ ھەل قىلىمىز.

* كۇلۇبىمىزدىكى  پۈتۈن يازمىلار ئۆز قولۇم بىلەن تەييارلىنىۋاتىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن. باشقا جايدا ئېلان قىلماڭچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.  يازما ئادرىسى:

/20101227437.html

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



13 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى ،
    مىنىڭ يانفۇنۇم ئالما ماركىلىق ئىدى ،لكىن iTunesتونۇمايۋاتىدۇ ..مەن بۇ يانفۇننى تاۋباۋ تورىدىن 1200يۇەنگەسىتىۋالغان.
    مىنىڭچە بۇ يانفۇن ( زاپەر)شۇڭا بۇ يانفۇننى كومپىيوتىرغاپەقەت ئۇلىيالمىدىم، سەمىمى كۇرسەتمە بەرسىڭىز .
    مەنhttp://www.numberingplans.com/?page=analysis&sub=imeinr توردىن تىلفۇنۇمنىڭ( imei)نى تەكشۇرسەم
    Type Allocation Holder Nokia
    Mobile Equipment Type Nokia N70
    GSM Implementation Phase 2/2 +
    Full IMEI Presentation 357678-01-027857-2

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
      ئەگەر يېڭىنى 1200 يۈەنگە سېتىۋالغان بولسىڭىز ئۇ چوقۇم ئەسلى زاۋۇتنىڭ ھەقىقى نۇسخىسى ئەمەس. بۇنى iTunes تونىمايدۇ. بازاردا، بولۇپمۇ تاۋباۋدا ئايفونغا ئوخشىغان تاغتۇرا تېلفۇنلار بەك كۆپ. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ سىرتىغا قاراپ پەرق ئەتكىلىمۇ بولمايدۇ. سىز مۇشۇندىغىنى ئەپ قالغان ئوخشايسىز. بۇنىڭغا مەن دەۋاتقان ئويۇنلارنىمۇ قاچىلىغىلى بولمايدۇ.
      يېڭىسى بوپقالسا قۇلۇپى بار نەشىرىنىمۇ 2-ئەۋلاتنى 3 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 3-ئەۋلات 16 گېگابايتلىقىنى 4 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا، 4-ئەۋلاتنى 5 مىڭ يۈەندىن قىممەت ئالغىلى بولىدۇ. بۇ سىز دېگەن باھادىن خېلىلا يىراق. شۇڭا مۇتلەق ھەقىقى ئايفون ئەمەس.
      ئەرزانراقىنى ئالماقچى بولغانلار ئىككىنجى قول بازارلىرىنى ئارىلاپ باققانمۇ ياخشى. تۈنۈگۈن مەن بىرەيلەنگە ئايفون 3G نىڭ (2-ئەۋلاد) 8 گېگابيتلىقنى 1800 يۈەنگە ئېلىپ بەردىم. خېلى پاكىز تۇتقانكەن بولمىسا. سېستىمىسى تېخى 4.2 لىك. ئايفوننىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى. بەزىدە مۇشۇنداق ئۇچراپمۇ قالىدىكەن.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى .
    قىممەتلىك كورسەتمىڭزگە كوپ تەشەككۇر؛ مەن يۇقۇردا سوزلەنگەن تاغتۇرا يانفۇننى كومپىيوتىرغا قانداق يۇمشاق دىتال ئارىلىق ئۇلاشنى زادىلابىلەلمىدىم «بۇ يانفۇن JAVAقوللايدۇ ..مەن بۇنىڭ IMEIنى تەكشۇرسەم nokia n70 دەپ كورسەتمە بەردى ،لىكىن nokia يومشاق دىتالىمۇ بۇ ساختا ئايفۇننى تونۇمايدىغانلىقىنى ئىيتتى. :appoint:
    مەن بۇ تاغتۇرا ئايفۇننى كومىيۇتىرغا ئۇلىيالماي بەك ئىچىم سىقىلدى :knife: :knife:
    قىممەتلىك ۋاخىڭىزنى ئسراپ قىلىدىغان بولدوم ،كەچۇرۇڭ،،،كورسەتمە بەرگەن بولسىڭىز.

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
      سىز ئۇنى مەيلى ئايفون بولسۇن، مەيلى نوكىيا بولسۇن، مەيلى موتورولا بولسۇن ھېچقانداق تېلفۇننىڭ سېستىمىسى ئارقىلىق كومپىيۇتىرغا ئۇلىيالمايسىز. ئەڭ ياخشىسى كارتىنى چىقىرىۋېلىپ شۇنىڭغا كارتا ئوقۇغۇچ ئارقىلىق JAVA ئويۇن ياكى پروگراممىلىرىنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
      تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى سىزنىڭ پايدىلىشىڭىزغا سۇندۇم:
      ئۇلانما 1

      ئۇلانما 2

      ئۇلانما 3

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى .
    قىممەتلىك كورسەتمىڭزگە كوپ رەھمەت :oh,no:

  4. چىققان كۆزنەكتىن 同步应用程序 دېگەننىڭ ئالدىغان توغرا بەلگىسى قويۇپ بولۇپ ئاستىدىكى ئويۇنلار تىزىملىكىدىن سىز قاچىلىماقچى بولغان ئويۇننى تاللاڭ. (دىققەت: سىز بۇنداق قىلسىڭىز بۇرۇن ئايفوندا قاچىلانغان، لېكىن بۇ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئويۇن ئامبىرىدا يوق بولغان ئويۇنلار ئۆچۈپ كېتىدۇ)

    ماۋۇنى ھىچ چۈشىنەلمىدىم ، بۇنداق قىلساق ئايغۇندىكى ئۇيۇنلار يۇقاپ كەتسە لازىم بولغاندا قانداق قىلىمىز ؟ سىز دىگەن تەڭشەك زادى قايسى ؟! بىر تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز قانداق ؟!

    • ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى 1 ئايفونغا 1 دانە ھېساۋات نومۇرى ۋە 1 دانە كومپىيۇتېر بولۇش پرىنسىپى بويىچە ياسىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى سىز ئۇچرىغانلىكى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئويۇنلارنى قاچىلىيالمايسىز دېگەن گەپ. سىزنىڭ ئايفونىڭىز باشتىن ئاخىر 1 كومپىيۇتېر بىلەن ئۇلىنىپ ماتىرىياللار شۇنىڭدا ساقلىنىپ شۇنىڭ بىلەن ماسقەدەملەشتۈرىلىشى كېرەك. ئەگەر باشقا كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ئۇنىڭ بىلەن ماسقەدەملىۋەتسىڭىز باشتىكى ئۇچۇرلار يېڭى كومپىيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالمىشىپ كېتىدۇ.
      ماسقەدەملەش بولسا كومپىيۇتېر بىلەن ئايفۇنىڭىز ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئوخشاش ھالەتكە ئەكىلىش دېگەن مەنىدە. دېمەك، سىز ماسقەدەملىگەنكەنسىز ئايفوندىكى ھەممە نەرسە (سىز ماسقەدەملەشتۈرۈشتە تاللىغان دائىرىگە كىرىدىغان ھەممە نەرسە) كومپىيۇتېردىكىگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىز ئايفونىڭىزغا بۇرۇن باشقا كومپىيۇتېردىن ئويۇن قاچىلىغان بولسىڭىز، ئەكىلىپ يېڭى بىر كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ماس قەدەملەشتۈرسىڭىز يېڭى كومپىيۇتېرنىڭ ئويۇن ئامبىرىدا ئۇ ئويۇن بولمىسا يۇيىۋېتىدۇ دېگەن گەپ.
      ماسقەدەملەش بىلەن يېڭىدىن قاچىلاش ئىككىسىىنى ئارىلاشتۇرىۋالغان ئوخشايسىز. ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ماسقەدەملەيدۇ. شۇڭا «ماۋۇ-ماۋۇلارنى قاچىلا، لېكىن بۇرۇنقىلىرىنى يۇيىۋەتمە» دېگىلى بولمايدۇ.
      ئالمىنىڭ مۇشۇ ئىشىنى مەنمۇ ياقتۇرمايمەن. لېكىن بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ پەقەت ئوغرى نەشىردىكى ئويۇن ياكى پروگراممىلارنى ئۆز-ئارا كۆچۈرۈلۈپ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر. ئۇلارنىڭ تەلىپى سىز ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتېرىدا پەقەت ئۆزىڭىزگىلا تەۋە بولغان ھېساۋات نومۇرى ئارقىلىق ئۆز قولىڭىز بىلەن سېتىۋېلىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاش.
      ئەگەر سىز باشتىن-ئاخىر بىر كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ شۇنىڭدىن ئويۇن قاچىلاپ ئىشلەتكەن بولسىڭىز ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ. پەقەت بىر كومپىيۇتېردىن يەنە بىر كومپىيۇتېرغا كۆچۈپ ماسقەدەملىگەندە ئۆچۈپ كېتىدۇ دېگەن گەپ.
      بۇنى تېپىشنىڭ ئامالى بۇ كومپىيۇتېرغا بۇرۇنقى شۇ نەرسىلەرنى قايتىدىن ئۆزىڭىزنىڭ يېڭى ھېساۋاتى ئارقىلىق چۈشۈرۈش.

  5. سۆرەتكە تۇرايىمىزدىكى ھېلىقى رەسىم قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىپ كۆرمەمسىز؟ :-o
    ——
    خۇدا بۇيرىسا پۇل تاپسام ئاۋۋال خوتۇن،ئاندىن ئايفون ئالمىسام،خەپ!… :o))):

    • شۇنى ئاشۇ كۈنى كۆرگەندىن بۇيان بىر قاچىلىسام بولىتى مۇشۇنى دەپ يۈردۈم، تازا پەيت تاپالمايۋاتىمەن. بۇ ئۇ قىستۇرمىنى كۆرمىگەن چاغلىرىم ئىدى. بۈگۈن كەچ خۇدا خالىسا كۆچۈرۈپ ئەكىلىمەن :cute:

  6. ماۋۇ يازمىلىرىنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولدۇم سلىدىن … ئايفۇنغا ناخشا قاچىلىيالماي تاس قالغانتىم ساراڭ بوپ قالغىلى…يانفۇنۇمنى تىللاي دىسەم تىخى.ئۇراي دىسەم تىخى…بۈگۈن مىڭ تەستە قاچىلاشنى ئۈگىنىۋالدىم.
    لىكىن قوڭغۇراق ئاۋازىنى قانداق قاچىلاشنى بىلمەيۋاتىمەن..

  7. ئەگەر بۇرۇنقى بار نەرسىلەر ماس قەدەملىشىش جەريانىدا ئۇچۇپ] كەتسە مۇنداق قىلساق بولمامدۇ … شۇ ئىتۇنىسنىڭ ئويۇن ساقلىنىدىغان يىرىگە تىلفۇندا بار ئويۇن دىتاللارنى ساقلاپ قوياپ شۇنىڭ بىلەن بىزدە بار نەرسىمۇ ئۇ يەدە بار بولسا ئاندىن ماس قەدەملەشتۇرسەكچۇ …. بولامدىغاندۇ يا بولمامدىغاندۇ …

    • بۇنداق قىلساق تامامەن بولىدۇ. لېكىن چاتاق يېرى ئايفوندىكى ئويۇنلارنى كومپىيۇتېرغا كۆچۈرىدىغان نەرسە دەل iTunes. بۇ نەرسە بىلەن ئايفونغا قاچىلاپ بولغان ئويۇننى قايتىدىن IPA بولىقى شەكلىدە كومپىيۇتېرغا كۆچىرىۋالغىلى بولمايدۇ. پەقەت بىۋاستە ئايفون ئارقىلىق AppStore دىن چۈشۈرگەن ئويۇنلارنى كۆچىرەلەيدۇ. بۇنداق ھۆججەتلەرمۇ 1 قېتىم iTunes ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا كۆچىرىۋېلىنغاندىن كىيىن يۇيىۋېتىلىدۇ. شۇڭا بۇرۇن قاچىلاپ بولغان ئويۇنلارنى پەقەت بۇرۇنقى كومپىيۇتېردىن باشقا بىر ساقلىغۇچ (كۆچمە دېسكا دېگەندەك) ئارقىلىق كۆچۈرىۋېلىنىپ ھازىرقى كومپىيۇتېرىڭىزغا يۆتكەپ ھازىرقى كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ iTunes ئامبىرىغا قوشىۋېتىش ئارقىلىقلا ساقلاپ قالالايسىز.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش