بۇ چاقچاق ياكى قىزىقتۇرۇپ چېكىلىش سانىنى كۆپەيتىش ئەمەس. بۇ ھەقىقەت. GameLoft شىركىتىنىڭ ئويۇنلىرىنى ئايفونغا كونا بولسىڭىز چوقۇم ئويناپ باققانغۇ دەيمەن. ھەممىس دېگۈدەك پەچەت، شۇنداقمۇ؟ ئىلگىرى بىز ئاشخانا ئاچىدىغان ئويۇنىنى ھەقسىز تەمىنلىگەندە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان ئېدۇق. بۈگۈن ئۇلارنىڭ پەچەت ئويۇنى بولمىش Asphalt ناملىق مۇسابىقە ئويۇنىنىڭ بىرقىسمى بولغان Asphalt Audi RS 3 ناملىق ئويۇنىنى بىر ئالاھىدە پائالىيەت يۈزىسىدىن ھەقسىز تارقىتىپتۇ. بىز بۇ توپىلاڭدىن توغاچ بولسىمۇ ئوغۇرلىغاچ تۇرايلى.
Asphalt Audi RS 3 ناملىق بۇ ئويۇن Asphalt 6 نىڭ يادروسى بويىچە ياسالغان بولۇپ، ئىچىدە پەقەت بىر ئىككى مەيدان ۋە مۇشۇ ئاۋدىلا بار. لېكىن بۇ ئاسفالىت 6 نىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىشقا يېتىدۇ. ئەمما ئاساسى نوقتا بۇ ئەمەس. سىز بۇ ئويۇننى ئويناپ دۇنيادىكى نەتىجىڭىز ئالدىنقى قاتاردا بولسا سىزگە مونو ئاۋدى ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ.
GameLoft نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا جۇڭگو ئابونتلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بار ئىكەن. مۇسابىقە نەتىجىسىنى دۇنيا بويىچە رەتكە تىزىدىكەن. كىم بىلىدۇ ئاۋدىنى سىز ئېپ كېتەمسىز تېخى. ئەگەر شۇنداق بوپقالسا ئۇنتۇپ قالماي ماشىنىڭىزنى بىر كۈن بېرىپ تۇراسىز. ئاۋدىنىڭ RS تىپلىق ماشىنىلىرى قانداق بىر ھەيدەپ باققۇم بار ئېدى.
مۇكاپات بويۇمى Audi A3 Sportback 2.0 TFSI quattro دىن 1 تۇياق. بۇ 200 ئات كۈچى جۇمۇ! تېخى زاۋۇتتىن بىۋاستە ئۆزگەرتىلگەن ئىقتىدار ئاشۇرۇش بولاقلىرى سەپلەنگەن. ئاۋدىنىڭ خاس تېخنىكىسى بولمىش quattro قوللىنىلغان. 4 چاق قوزغىلىدۇ. 18 سۇڭلۇق بەنداش، كېسنونلۇق چوڭ چىراق، پۈتۈن مەنزىرىلىك تۇڭلۈك، BOSE ياڭراتقۇ، S line خېتى ئويۇلغان ئاسكانتا ئىچكى بېزىلىش، ئاۋدى ماگىنىتلىق تىترەك پەسەيتكۈ، Acoustic ماشىنا توختىتىش سېستىمىسى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۈسكىنىلەر سەپلەنگەن. گىرمانىيەدىكى باھاسى 49،950 ياۋرۇ. ئەگەر تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدا بۇ ماشىنىغا ۋاكالەتچىلىك قىلىپ تاپشۇرۇپ بېرەلىگۈدەك سېتىش نوقتىسى بولمىسا، قىممىتى شۇ ماشىنا بىلەن تەڭ بولغان خالىغان بىر ئاۋدى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەنسىز. پەچەت …
مۇسابىقىگە قاتنىشى تەلىپى:
ئويۇننى ئېچىپ مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىنى باسىسىز. ئېچىلغان بەتكە Gameloft LIVE ھېساۋاتىڭىز بىلەن كىرىسىز. يوق بولسا ئورگان تور بېتىدىن ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. نەتىجىمىزنى بىرقانچە قېتىم يوللىساق بولىدۇ. لېكىن بىرەر پروگرامما ۋاستىسى ئارقىلىق يوللانغان ياكى ساختىلىق ئىشلەتكەن ئەھۋال كۆرۈلسە مۇسابىقە سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلايدىكەن. مۇسابىقە مەيدانى باھاما بولۇپ، 3 مەيدان ئايلىنىشقا كەتكەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت بويىچە ھېساپلىنىدىكەن.
مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئامېرىكىدىكى 50 شىتات، كانادا، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، شۋىتسىيە، شىياڭگاڭ، روسىيە بىرلەشمىسى، ئىسپانىيە، ئاۋستىرىيە، مېكسىكا، بېلگىيە، گوللاندىيە، جۇڭگو ۋە كورىيەدىن كەلگەن قورامىغا يەتكەن، پراۋىسى بار بولغان، يەرلىك دۆلەت قانۇنى ئېتىراپ قىلىدىغان پۇقرا بولىشى كېرەك ئىكەن. پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن : GameLoft
ئويۇن ئىسمى : Asphalt Audi RS 3
ياسىغان شىركەت : GameLoft
ئويۇن تۈرى : مۇسابىقە
چوڭلۇقى : 227 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار